![]() |
ئىلىدا جوڭغارلار دۆلىتىنىڭ تەشكىلى…
يازمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
16 – ئەسىردە يەتتىسۇدا قالماق، قازاق، قىرغىز ئۇرۇشلىرى بولۇپ تۇردى. 17 – ئەسىرنىڭ بېشىدا قازاقلار قالماقلار تەرىپىدىن قوغلاندى. 1634 – مىلادىيە تارىخىدا ئىلىدا جوڭغار خانلىقى تەشكىل قىلىندى. باشلىقلىرى مۇڭغۇل باتۇرلىرىنىڭ ئۇدۇمىدىن، غالدان ئاتىلاتتى. غالدان مۇڭغۇل قەبىلىلىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇرۇشلاردا ئۈستۈن چىقىپ، غالىپ بولدى. بۇ ئىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى قولغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئالتىشەھەرنى زەبىت قىلىشنىڭ پېيىغا كىرمىشلەر ئىدى. بۇ چاغدا ئالتىشەھەرنى چاغاتاي ئۇدۇمىدىن ئىسمايىل خان سوراپ تۇراتتى. ئىسمايىل خان بىلەن ھاكىميەت تالىشىپ يۈرگەن مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادىدىن ئاپپاق غۇجا لەقەملىك ھىدايىتۇللا ئىسىملىك كىشى بار ئىدى. ئاپپاق غۇجا ئىسمايىل خانغا ئۆزىنىڭ تەڭ كىلەلمەسلىكىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىغا چۈشۈپ غالدانغا يولۇقتى. ئۆزىنىڭ مەرام ۋە مەقسەتلىرىنى تامام ئۇختۇردى. ئۆزىنىڭ ئالتىشەھەردە ئەگەشچىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقىنى، غالدان ياردەم قىلسا ئالتىشەھەرنى زەبىت قىلىش سەھىل ( ئاسان ) ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، غالداننى قانائەتلەندۈردى. غالدان بىر يىلغىچە ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ، ئىسمايىل خاننىڭ ئۈستىگە يۈرۈپ، ئاپپاق غۇجىنىڭ ياردىمى بىلەن ئالتىشەھەرنى ئوڭايلا ئىشغال قىلدى. ئىسمايىل خاننى ئەسىرگە ئالدى. ئىسمايىلخان ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن يوق قىلىندى. ئالتىشەھەرنى باشقۇرۇش ئاپپاق غۇجىغا تاپشۇرۇلدى. دېمەك، شۇ چاغدىن ئىتىبارەن ئالتىشەھەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى كۈچى تۈگەپ، مۇستەقىل ئالتىشەھەر قالماقلارغا تابى بولۇپ قالدى ( 1687 ). جوڭغار دۆلىتىنىڭ بىيلىگى غالدان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا نۆۋەتتىكى بىرسى ـ قۇنتاجى بولدى. قۇنتاجى ئۆز زامانىسىدا ئاپپاق غۇجا بىلەن ئىناق تۇرغان بولسىمۇ، ئالتىشەھەرنىڭ ھەممە چوڭ شەھەرلىرىدە قالماقتىن بىر نازىر قويۇپ، غۇجىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئىش – ھەرىكەتلىرىنى بايقاپ تۇرۇشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى. ئاپپاق غۇجىنىڭ قۇنتاجىغا ئىخلاسى تولا ئىدى. قۇنتاجىدىن قالغان ئىزنالار تىخىچە بار بولۇپ، چاغاتاي بالىلىرىنىڭ ئوردىلىرىمۇ مۇشۇ يەرلەردە ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىنىدۇ. قاينۇق ـ خانلىق ياكى خانبالىق دېگەن سۆزلەردىن ئۆزگەرگەن بولسا كېرەك. ئاپپاق غۇجا ۋاپات بولۇشى بىلەن قۇنتاجىمۇ ۋاپات بولغان ئىدى. بۇ ئىككى مەملىكەت بىر يولى دېگىدەك ۋارىسلار قولىغا قالدى. شۇ چاغدا ئاپپاق غۇجىغا رەقىب كاسانى غۇجىلىرى دەپ، يەنە بىر غۇجىلار تائىپىسى بار ئىدى. بۇلار ئاپپاق غۇجا ئۆلىشى بىلەنلا جانلاندى. “ ئاپپاق غۇجىنىڭ بالىلىرى چولىنى قاچۇرماستىن ( ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي )، قالماقلارغا قارشى قوزغىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ ”، ـ دەپ قەشقەر نازىرى ئاباغاژان تۆرىگە چاقۇ قىلدى. نازىر بۇ خەۋەرنى قۇنتاجىنىڭ دادىسى باستۇقۇغا بىلدۈردى. قالماقلار غۇجىلاردىن شۈبھىيلىنىپ رەھىن ( گۆرۈ ) سورىدى ۋە ئاپپاق غۇجىنىڭ ئەخمەت تېگىن دېگەن تۇققىنىنى ( نەۋرىسىنى ) رەھنە ( گۆرۈ ) قىلىپ ئىلىغا ئەكەتتى. قۇنتاجىنىڭ ئوغۇللىرى بولسا ئۆزئارا تۆرىلىك ( مەنسەپ ) تالىشىشقا كىرىشكەن ئىدى. داباچى دېگەن كىشى ئۆزىنى جوڭغارىيانىڭ تۆرىسى دەپ ئېلان قىلغاندا، ئىككىنچى ئوغلى خالدان شېرىن قارشىلىق بىلدۈردى. دېمەك، جوڭغار خەلقى پىرقىگە بۆلۈندى.
جوڭغارلار زامانىسىدا ھازىرقى قاينۇققا يېقىن بىر مەھەللىدە تاغلىق ئاتالغان خالخىن تۈركلىرىنىڭ بىر شەھىرى بار ئىدى. باشلىقلىرى مۇھەممەت ئەمىن دېگەن كىشى ئىدى. بۇلار قالماقلارنىڭ ئۆز ئارا تالاش ۋە جىدەللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوردىدا يۈرگەن غۇجىلار بىلەن بىرىكىپ، ئختىلال ( قوزغىلاڭ ) چىقاردى. بۇلار مۇخاس، جوي تالاس، ماڭلاي سوبۇخ، ماڭلاي جولاردا يەتتە كۈن، خۇنخاي تۈزىدە توققۇز كۈن، ئاندىن يىنىپ جوي تالاستا يەنە يەتتە كۈن، تېكەستە بەش كۈن جەڭ قىلىپ، قالماقلار بىلەن تەڭ كىلەلمەي، كۆكىنەك داۋانى ئارقىلىق كۇچار تەرەپكە كەتتى. كۇچار ھاكىمى ئابدۇلكەرىم بەگ بۇ قاچقۇنلارنىڭ ئالدىغا بىرمىڭ ئاتلىق چېرىك بىلەن بىرمىڭ ئىگەر توقۇملۇق ئات ئەۋەتتى. قالماق چېرىكلىرى ئامۇسانا دېگەن باشلىقىنىڭ قول ئاستىدا قوغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر تۈرلۈك ئۆتكەك ئاغرىقى پەيدا بولۇپ، يېنىپ كىلىشكە مەجبۇر بولدى.
تاغلىقلارنىڭ بۇ ئختىلاللىرىدىن كېيىن، ئالتىشەھەر غۇجىلىرى ئىستىقلالىيەت ئېلان قىلدى، بۇنى باھانە قىلغان قالماقلار ئالتىشەھەر تابىسىدىكى تۇرپاننى بۇلىدى. تۇرپان ھاكىمى ئەمىنبەگ بۇ ئەھۋالنى مەلۈم قىلىپ، ئاپپاق غۇجا ئەۋلاتلىرىدىن ياردەم سورىدى. لېكىن ئاپپاق غۇجىنىڭ ئوغۇللىرى بۇ چاغدا ئاق تاغ، قارا تاغ ( ئاق تۇغ، قارا تۇغ ) نامىدا ئىككى پىرقىگە ئاجراپ، قان تۆكۈشكە باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىنبەگنىڭ مۇراجىئەت ۋە تىلەكلىرى ئىلتىپاتقا ئېلىنمىدى. قالماقلارنىڭ ئۆزئارا تۆرىلىك تالىشىشى ناھايتى كۈچلىنىپ، نەتىجىدە بىر پىرقە كىشى يىڭىلىپ قالدى. بۇ تۆرىلىك تالىشىشىدا مەغلۇپ بولغان پىرقە چىڭ ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلاردىن تۆرىلىكنى ئېلىشىغا ياردەم سورىدى. قالماقلارنىڭ بۇلاڭ – تالاڭلىرىدىن زەربە يىگەن دەرتمەن تۇرپان تۈركلىرى نامىدىن تۇرپان ھاكىمى ئەمىنبەگ مانجۇلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. مانجۇ خانى تۇرپان ئەلچىلىرىگە تولا ھۆرمەتلەر كۆرسەتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىلىغا ماڭغان چېرىكلىرىگە ياردەمدە بولۇشنى جىكىپ، ئەلچىلىرىنى ياندۇردى. ئەمىنبەگ چىڭ چىرىكلىرىگە مۇئاۋىن چېرىك ( ياردەمچى چېرىك ) قوشۇپ، جوڭغارىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ئىلى ۋىلايىتىنى زەبىت قىلدى ھەم تاغقا قاچقان جوڭغار خانىنى تۇتۇپ، چىڭ ئەمەلدارى جاڭجۇڭغا تاپشۇردى (1756).
ئەمىن بەگنىڭ ئۇشبۇ تەرىقە خىزمەت كۆرسەتكىنى ئۈچۈن چىڭ ئەمەلدارى جاڭجۇڭ ئۇنىڭغا “ ۋاڭ “ دېگەن دەرىجە بەردى ۋە بۇ يەردىكى پۇقرا ھۆكۈمىتىنى ئەمىنبەگنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. بۇ ۋاڭلىق مەنسەپ بالىدىن بالىغا قىلىش شەرتى بىلەن ئەمىن بەگ چېرىكلەرنى ئەگەشتۈرۈپ، تا قەشقەرگە قەدەر ھەممە شەھەرلەرنى زەبىت قىلدۇردى (1794). ئۇنىڭ نەسلى مۇشۇ ۋاستىلىق خىزمىتى بارابىرىگە تا شۇ كەمگىچە ۋاڭلىق ، ھاكىملىق دەرىجىسىدە بولۇپ كەلدى. بالدۇرقى زامانلاردا بىر يەرگە ھاكىم قويماق لازىم بولسا، مۇتلەق ئەمىنبەگ نەسلىدىن قويۇش مانجۇلارغا قانۇن ئىكەن. كېيىن جاھانگىر غۇجىنى تۇتۇپ بەرگىنىگە مۇكاپات تىرىقىسىدىكى بۇ مەنسەپ ئالتىشەھەرلىك ئىسخاق دېگەن ئادەمگە سۇيۇرغال قىلىنمىشتۇر. ( داۋامى بار… )
( ئاپتۇرنىڭ ئالمائاتا يازغۇچى نەشىرياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلىنغان “ يورۇق ساھىللار“ ناملىق توپلىمىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى : ئابلىز ئورخۇن. مەزكور يازما ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2011 – يىل 1 – سانىدىن ئىلىندى. )
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=950