![]() |
قىزچاق…
بىر قىز ئانىسى بىلەن تەگىشىپ قالغاندىن كېيىن ، قېيداپ چىقىپ كەتتى ھەم بۇندىن كېيىن ئۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئۆيگە قايتماسلىق قارارىغا كەلدى . ئۇ پۈتۈن بىر كۈن سىرتتا ئايلىنىپ يۈردى . كەچ كىرگەندە ئۇنىڭ قورسىقى تاراقلاشقا باشلىدى . ئۇ يېنىغا پارچە پۇلمۇ سېلىۋالمايلا چىققان بولسىمۇ ، يۈزىنى قېلىن قىلىپ ئۆيگە قايتىپ تاماق يېيىشنى خالىمىدى . ئۇ ئايلىنىپ بىر ئۈگرە پىشۇرۇپ ساتىدىغان تەنزىنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى . بىراق يېنىدا پۇل بولمىغاچقا ، تەنزىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى . بىر ئازدىن كېيىن خوجايىن ئۇنىڭدىن سورىدى : قىزچاق « ئۈگرە ئىچەمسىز ؟ » . قىز قىزارغان ھالدا جاۋاپ بەردى : « ئىچكۈم بار ، بىراق يېنىمغا پۇل سالماي چىقىپتىمەن » . خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ دىدى : « ھا ھا …. ھازىر ھېچقانداق خېرىدار يوق . سىزنى مەن مېھمان قىلاي . ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ » . قىز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەن ھالدا جوزىغا بېرىپ ئولتۇردى . ھايال ئۆتمەيلا ئۈگرە كەلدى . قىز ئۈگرە ئىچكەچ خوجايىنغا دېدى : « سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز » . خوجايىن سورىدى : « قانداقسىگە دەيسىز ؟ » . قىز جاۋاپ بەردى : « شۇنداق ، بىز ئازراقمۇ تونۇشمايدىغان تۇرساقمۇ ، سىز يەنە مېنى مېھمان قىلدىڭىز . مېنىڭ ئاۋۇ ئۆلگۈر ئانام مېنىڭ ئېھتىياجىمنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ . بەك بىزار بولدۇم » . خوجايىن يەنە كۈلدى : « مەن سىزنى بىر قاچا ئۈگرە بىلەن مېھمان قىلغىنىمغا شۇنچە مىننەتدار بولۇپ كەتتىڭىز ، ئاپىڭىزنىڭ 10 نەچچە يىلدىن بېرى سىزگە يېگۈزگەن تاماقلىرى ئۈچۈن ، ئەسلى ئاپىڭىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ دەيمەن … » . شۇ گەپ بىلەن قىز خۇددى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى . كۆز ياشلىرى دۇمىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى . قىز ئورنىدىن تۇردى – دە ، قاچىدىكى يېرىم ئۈگرىنىمۇ ئىچىۋەتمەستىن ، كۆز ياشلىرى ۋە ئېغىزىنى سۈرتكەچ ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى . قىز ئۆيى جايلاشقان كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە ، ئانىسىنىڭ ساپما كەش كىيگەن ھالدا دەرۋازا ئالدىدا تۆت تەرەپكە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . قىزنىڭ ئانىسىدىن تۈمەنمىڭ قېتىم ئەپۇ سورىغۇسى كەلدى . ئۇ ئېغىز ئېچىپ بولغىچە ، قىزنى كۆرگەن ئانا توۋلىدى : « ئاللا ! پۈتۈن بىر كۈن ئادەمنى ئەنسىرىتىپ نەلەردە يۈرگەنسەن قىزىم ؟ تېز كىرىپ يۈز – كۆزۈڭنى يۇيۇپ تامىقىڭنى يەۋال » .
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2734