تۇرمۇش خاتىرىسى

باشقىلارغا كۆينىشمۇ ھەقىقىي بىر خىل خۇشاللىق.

xungkar  kader

بىر داڭلىق شەخسىنىڭ ئوسۇپ يىتلىش تارىخدا مۇنداق بىر ھىكايەت بار:
بىر قىتىم ئوغلى مەكتەپتىن ناھايتى خاپا قايتىپ كىلىپ، ئانىسىغا دەردىنى توكۇشكە باشلاپتۇ:
-پاردىشىم بىلەن مەن ئوخشاش بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايمەن، ئوخشاش تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن، ئوخشاش قايتىپ، ئوخشاش دەرس تەييارلايمەن. بىراق بېمىشقا ئۇ ئېمتىھاندا دائىم بىرىنجى مەن ئون سەككىزىنجى بولۇپ قالىمەن؟
ئانا ئۇندىمەي ئوغلىنىڭ ئالدىغا تاماق قويۇپ قويغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئېشىغا تۇتۇش قىلىپتۇ. ئۇ ئانا ئىچىدە:«ھەركىمنىڭ ئەقلى ئېقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ » دىگۇسى بولسىمۇ، ئوغلىنىڭ مۇشۇنداق غورۇرغا كىلىپ، ئۆزىنى ئىزلەش ،تەپەككۇر قىلشىغا دەخلى قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇندىمەپتۇ. يەنە بىر نەچچە ئاي ئوتۇپ، ئوغلى ماۋسۇملۇق ئېمتىھاندا گەرچە ئىلگىرلىگەن بولسىمۇ، بىراق ھېلقى پارتىدىشىنىڭ سىنىپ بۆيۇنچە بىرىنجى بولغانلىقىنى، ئۆزنىڭ ئون ئىككىنجى بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، يېغلاپ كىتىپتۇ. ئانا يەنلا ئۇندىمەي ئۇنىڭغا تاماق بىرىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى داۋام قىلىپتۇ.
بىر كۈنى ئانا ئوغلى بىلەن بىر تاققا ساياھەتكە چىقىپتۇ. ئۇ تاغدىكى بىر بۇركۇت بىلەن قارچۇغىنىڭ بىر ئولجىنى ئىلىپ ماڭغاندا قارچۇغىنىڭ ناھايتى تېز ئاسمانغا كوتۇرۇلگىنى، بىراق بۇركۇتنىڭ ئاستا كۆتۇرۇلگىننى كۆرۇپتۇ، بۇچاغدا ئانا ئوغلىغا:
-قارا، قارچۇغا تېزلام ئاسمانغا كۆتۇرۇلدى، بىراق ئالغان ئولجىسى بەكلام ئاز، بۇركۇت كىيىن كۆتۇرۇلسىمۇ، ئالغان ئولجىسى بەكمۇ كۆپ. قايسى كۆپ ئولجىغا ئېرىشتى؟ دەپ چۇشەندۇرۇپتۇ. ئوغلى شۇندىن كىيىن كەينىدە قالغانلىقىنى زارلانماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ، جەمئىيەتتە نۇرغۇن ياخشى نەتىجە يارتىپ، داڭلىق كىشلەردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىپتۇ.
مانا بۇ بالا تەربىيلەشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەسمۇ؟
بىر ھۆكۈمەت ئورۇندا ئىشلەيدىغان ئايال كۈندە تۇرمۇشىدىن زارلىنىپ ئىرى، بالسى ۋە ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ يۇرۇپتۇ. شۇنداق بولغاچ ئائىلسىدە ئىناقلىق، كۆيۇم كەمچىل بولۇپ، تۇرمۇشى رېتىمسىز ئىكەن. بۇ ئايال بىر كۈنى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يىراق بىر سەھراغا خىزمەتكە چۇشۇپتۇ. ناھىيە بازىرغا يىراق بولغاچ شۇ كەنىتتە يىتىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. بىر كۈنى بۇ خىزمەتچى ئايال ئېتىز ئارلاپ كىتىۋىتىپ، بىر يىزا ئايالنىڭ ھەدەپ كەتمەن چىپىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۇپ، ئىچى ئاخىرغان ھالدا يىنىغا بىرىپتۇ ۋە:
-ئۆيدە ئەر يوق بەك جاپا تارتىۋىتىپسىز، سىزگە باشقىلار ياردەم قىلمامدۇ؟ ھۆكۈمەت نەچچىلىك ياردەم پۇل بىردۇ؟-دەپ سۆراپتۇ. بۇ يىزا ئايالى، تەرىنى سۇرتىۋىتىپ:
-كىم مىنىڭ ئىرى يوق دەيدۇ؟ بار، بىراق ئۇ كىچە سۇ تۇتقان چارچاپ قالغان چىغى ئارام ئالسۇن دىدىم. مەنمۇ بىر ساغلام ئادەم بولغاندىن كىيىن، بۇ ئىشلارنى قىلغاچ تۇردۇم. ئەتىگەن باللارغا تاماق قىلىپ، ئۇلارنى يولغا سالدىم.ئەمدى بۇيەردە ئىشلەۋاتىمەن. ھېلى تاماق قىلمەن، كادىر خانىم، سىللى كىرىپ كەچلىك تاماقنى يەپ چىقسىلا. چاقىرىشقا پۇرسەت چىقمىدى. دەپ ئۆينى كۆرىسىتىپ قويۇپتۇ.
كادىر ئايال تۈن پەردىسى يىپىلغاندا ھېلىقى ئايالنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەپتۇ. ھېلىقى ئايال كادىر ئايالنى تورگە باشلاپ، تاماق ئىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. باللارنىڭ بىرسى، بىر چوڭ تاغادا ئوت يۇدۇپ كىرىپ، تۇرسا يەنە بىر ئوغۇل سىرىتتىن قويلارنى ھەيدەپ كىرىپ، قوتانغا سولغاندىن كىيىن، كالغا ھەلەپ ئىتىشكە تۇتۇش قىلىپتۇ.
كادىر ئايال بۇ ئۆينىڭ تام تورسىغا ئىلىكتىر يورۇقىدا كۇزىتىشكە باشلاپتۇ. توتۇس ۋە تاملار ئىسلىشىپ قاردىغان، بەزى ۋاسىلار ئاجىراپ كەتكەن ئىدى. بۇچاغدا ھېلىقى ئايال يوغان چىنىدە چامغۇر سىلىپ قىلىنغان لەغمەننى كۆتۇرۇپ كىرىپ، كادىر ئايالنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئارقىدىن:
-بۈگۈن گۇش قالماپتىكەن، ئەيىپكە بۇيرىمايلا خانىم،-دەپ تەكەللۇپ قىلىپتۇ. كادىر ئايال تاماققا قاراپ خىققىدە بولۇپ، تاماق كۆپ يىيەلمەيمەن، دەپ ئۆزۇر قويۇپتۇ. ساھىپخان زورلاپ، مېھمان ئوزرە ئىيتىپ ئاخىردا ھېلىقى دېھقان ئايال ئوغۇلنى چاقىرىپ:
-مۇساجان تاماق يە،-دەپتۇ. ئون ئىككى ياشلاردىكى جۇدەنگۇ بىر ئوغۇل كادىر ئايالدىن تارتىنىپ، چەتتە ئولتۇرۇپ، بايامقى تاماقنى بىردەمدىلا يەپ بولۇپ، خۇددى چوڭلاردەك:
-ئاپا، ئاش سۇيى بەرگىنە،-دەپتۇ، – قاچاڭنى ئىلىپ كىلىە، مەن قۇيۇپ بىرەي، ھېلىقى ئايالنىڭ ئاۋازى چىقىپتۇ.
تاماق يىيلىپ بولغاندىن كىيىن، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۇرۇپ، دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، كادىر ئايال بايامقى دېھقان ئايالنى ئەتە كەنىتكە بىرىپ ئۆزىنى ئىزلىشىنى ئىيتىپ ياتقىغا يىنىپتۇ.
سىزنىڭچە قايسى ئايال تۇرمۇشتىن رازى ھەم خۇشال؟
خۇشاللىق سىزگە ھەرۋاقىت ھەمرا، پەقەت سىزنىڭ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشىڭىز سىزنى خۇشاللاندۇردۇ ياكى قايغۇغا سالدۇ.
باشقىلارغا ھەقىقىي كۆينىشمۇ بىر خىل خۇشاللىق.

مەنبە : مىسرانىم تورى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1542

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-05-03
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: