![]() |
ئەتتىرگۈل ۋە تىكەن
ھەممە ئىشقا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، غەمكىن يۈرىيدىغان بىر ياش بولۇپ، دائىم ئاھ ئۇرۇپ، كۆرگەنلا ئادەمگە دۇنيانىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغانلىقىدىن زارلىنىدىكەن.
يىگىت باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر دانىشمەننى تىپىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ : “ ئەي دانىشمەن ، ماڭا ئىيتىپ بىرىڭچۇ، ماڭا بۇ دۇنيا نېمە ئۈچۈن شۇنچە مەززىسىز تۇيۇلىدۇ ؟ نېمىشقا بىرەر ئىش قىلساملا ئالدىمنى قاتمۇ – قات قىيىنچىلىقلار توسۇۋىلىپ، مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايمەن ؟ “
يىگىتنىڭ كىلىش مەقسىدىنى بىلگەن دانىشمەن ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بارمەستىن مۇنداق دەپتۇ : “ ئالدى تەرەپتىكى باغدا نۇرغۇن ئەتتىرگۈل بار، سەن شۇ ئەتتىرگۈللەردىن ئۈزۈپ كەل !“
يىگىت دانىشمەننىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدىن ھېچنىمىنى بىلەلمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەتتىرگۈللۈك باغقا كىرىپتۇ. باغدىكى رەڭدار ئېچىلغان گۈللەر ئۇنى مەستخۇش قىپتۇ. گۈللەرنىڭ خۇشبۇي پۇراقلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ ئۆزىمۇ سەزمەستىن نۇرغۇن گۈل ئۈزىۋىتىپتۇ. ئۇ دانىشمەننىڭ يىنىغا قايتىپ كەلگەندە، دانىشمەن ئۇنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈلنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپتۇ.
ـ قولۇمغا گۈلنىڭ تىكەنلىرى سانجىلىپ قانىتىۋەتتى. ـ دەپتۇ يىگىت.
ـ گۈلنى ئۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تىكىنىنى كۆرمىدىڭمۇ ؟ ـ دەپ سوراپتۇ دانىشمەن.
ـ گۈلنىڭ ھۆسنىگە مەھلىياھ بولۇپ كىتىپ، ئۇنىڭ تىكىنىگە دىققەت قىلماپتىمەن، ـ دەپتۇ يىگىت خىجىللىق بىلەن.
ـ سورىغان سوئالىڭغا جاۋاپ بىرىپ بولدۇم، ئەمدى سەن بەختلىك تۇرمۇشۇڭنى باشلىساڭ بولىدۇ، ـ دەپتۇ دانىشمەن.
يىگىت بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، دانىشمەنگە رەھمەت ئېيتىپ كېتىپ قاپتۇ.
ھەر قانداق ئىشنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بولىدۇ. گەپ سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىڭىزدا. يەنى، يامان تەرىپىنى قوبۇل قىلىش – قىلالماسلىقىڭىزدا. ھەر قانداق ئىشقا ئۈمىد بىلەن قارىسىڭىز، قاراڭغۇ ئاسماندىمۇ ئالتۇندەك جۇلالاپ تۇرغان نۇرلارنى ھېس قىلالايسىز. ئەكسىچە بولسا، يورۇق ئاسمانمۇ سىزگە تۇمان قاپلىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ.
تۇرمۇش بىلوگى يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=845