كۆيۈنۈشتىن كۆڭۈل باھاردۇر…
روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
ئۇمۇ يات، بۇمۇ يات ئىككى ئائىلىدىن چىققان بىرجۈپ ئىنساننىڭ بىر ئۆيگە جەم بولۇپ، بىر تەن، بىر جانغا ئايلىنىشىغا ئاجايىپ چوڭقۇر ھېكمەت يوشۇرۇنغاندۇر. بۇ ھېكمەتنى تېخىمۇ قىيامىغا يەتكۈزۈپ تۇرىدىغىنى كۆيۈنۈشتۇر. چۈنكى، ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ئۇنىڭ كۆيۈنۈش ياكى كۆيۈنمەسلىكى بىلەن بىلىشى، ھېس قىلىشى مۇمكىن.
چوقۇمكى، كۆيۈنۈش بولمىغان ئائىلىدە شېرىن مۇھەببەتمۇ، زارىقىپ كۈتۈشلەرمۇ، ۋاپا – ساداقەتمۇ كەم بولىدۇ. چۈنكى، مۇھەببەتنى ئويغىتىدىغىنىمۇ ، ساداقەتنى چىڭىتىدىغىنىمۇ – كۆيۈنۈشتۇر. كۆيۈنۈشنى بىلمىگەن ئادەم باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشەلمەيدۇ ھەم باشقىلارغىمۇ شېرىن سۆيگۈ ئاتا قىلالمايدۇ. شۇڭا، بىر قىسىم پەيلاسۇپلار “ مۇھەببەت – كۆيۈنۈش دېمەكتۇر “ دەپ ئېيتقان. دېمىسىمۇ كۆيۈنۈش ئارقىلىق بىراۋنى مايىل قىلىش – كۆيدۈرۋىلىش مۇمكىن. كۆيۈمسىزلىك بىلەن تاشلىنىپ قىلىش ھەم مۇمكىن. شۇڭا، بىزدە ئائىلە قۇرماقچى بولغانلار ئەزەلدىن كۆيۈمسىز جۈپكە نېسىپ بولۇپ قىلىشتىن ناھايتى ئېھتىيات قىلىشقان. بىر ئائىلىدىكى ئەر – ئاياللار ئۆز جۈپتىلىرىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئۆزىنى بەختىيار ھېس قىلىپ كەلگەن، شۇ سەۋەبلىك روھنى ياشنىتىپ كەلگەن.
كۆيۈنۈش مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن كۆيۈنۈشتۇر. قول ئىلكىدە بار ئائىلىدىكى ئەرنىڭ ئايالى ئۈچۈن نەچچە مىڭ سوملاپ پۇل خەجلەپ زىبۇ – زىننەت، ياكى قىممەت باھالىق يانفۇن [苹果iPhone 4S] ئېلىپ، سوۋغا قىلىشىمۇ كۆيۈنۈشتۇر. قول – ئىلكىدە بار ئائىلىدىكى ئايالنىڭ ئىرى ئۈچۈن نەچچە مىڭ سوملاپ پۇل خەجلەپ كىيىم – كىچەك ياكى ئىسىل كومپىيۇتىر [Alienware M18x 笔记本电脑]ئىلىپ سوۋغا قىلىشىمۇ كۆيۈنۈشتۇر. شۇنداقلا قولى قىسقا بىر ئائىلىدىكى ئەرنىڭ قانداقتۇر بىر ئادەمگەرچىلىككە بارغىنىدا ئايالى ئۈچۈن گېلى سىقىلىپ، ئۆزى يەۋاتقان گۆشتىن بىر چىشلەمنى ئاستاغىنە قەغەزگە ئوراپ، ئۇنىڭ سوۋۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يانچۇقىغا ئەمەس، قوينىغا تىقىپيۈرىكىگە مەھكەم بېسىپ ئېلىپ كىلىشىمۇ كۆيۈنۈشتۇر، قولى قىسقا ئائىلىدىكى ئايالنىڭ بازارغا چىققىنىدا ئۆزى يېيىش ئۈچۈن ئالغان بەش يۈەنلىك گۆشگىردىنىڭ تېڭىنى يەپ، تېڭى بولسا گىلىدىن ئۆتمەي، ئۇنى قەغەزگە ئوراپ، كەچتە ئېرىنىڭ ئالدىغا قويۇشىمۇ كۆيۈنۈشتۇر. ئەر – خوتۇنلۇق كۆيۈنۈش ئارقىلىق ھەم مەنىسىگە تويۇنغان بولىدۇ، ھەم ئۆز تەمىنى تاپقان بولىدۇ. ئەلۋەتتە كۆيۈنۈشنى بىر – بىرىگە ئۇنى – بۇنى سوۋغا قىلىش دەپلا چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك. كۆيۈنۈشنىڭ ئىچىگە يەنە ئاياللار قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئەرلىرىگە قىلدۇرماسلىقى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى جاپا – مۇشەققەتتە قالدۇرماسلىقىمۇ كۆيۈنۈشتۇر.
ئىنسان كۆيۈنۈشكە موھتاج، كۆيۈنۈشكە دىۋانە. ئائىلە بولسا كۆيۈنۈشنىڭ ئۇۋىسىدۇر. ئائىلىسىدە كۆيۈمچان بولمىغان ئادەم باشقىلارغا كۆيۈمچان بولالمايدۇ، باشقىلارغا كۆيۈمچان بولالمىغان ئادەم مەڭگۈ قەدىرسىزلىك جاڭگىلىدا تەمتىرەيدۇ. ئەر – خوتۇن بولسا كۆيۈنۈشتە ئۈلگە بولمىقى جائىز. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرزەنتلىرىگە “ ئىنسان مانا مۇنداق بولىدۇ “ دېگەننى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1368