![]() |
نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش…
نىكاھ مۇقەددەس، ئۇ ئەر ئايالنىڭ بىر – بىرىگە بەرگەن ۋەدىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەل – جامائەتكە، جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەزىنى ئېغىر ۋەدىدۇر. مەن – مەن دېگەن كىشىلەرنىڭ ئانچىكى ئىشلار ئۈچۈن ۋەدىسىدە تۇرالمىغانلىقىغا ئاچچىقلانغان، بىر – بىرىنى ۋەدىسىزلىكتە، ھەقىقىي ئەركەكلىتە قاتتىق سۆككەنلىكىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. لىكىن، شۇ كىشىلەرنىڭ ئەل – جامائەت، جەمئىيەت گوۋاھلىقىدا بىر – بىرىگە بەرگەن ۋەدىسىگە سەل قاراپ نىكاھ سىرتىدا “ دانلاپ “ يۈرۈشى، ئۆزىنى بىلمىگەن ھالدا خالتا كوچىلاردا مايماق دەسسەپ سالسىمۇ خۇددى بۇ بىر ھەقلىق ئىشتەك ھېچبىر خىجىللىق ھېس قىلماسلىقى ھەممىنى تەئەججۈپلەندۇرمەي قالمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە دوست – يارەنلىرى ئەپسوسلانسا، ئەل – جامائەت نەپرەت ئوقۇيدۇ.
نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش ( قوپالراق ئىيتقاندا ئاشنا تۇتۇش ) نىڭ ئاقىۋىتى كىشىنى خارۇ – زارلىققا ئىلىپ بارىدىغان ئەخمىقانە ھەرىكەت. بەلكىم تۆۋەندىكى نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى يەكۈنى بۇنى تىخىمۇ ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بىرەلىشى مۇمكىن.نۇرغۇن كىشىلەر نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ. ئۇنى ئىنتايىن سىرلىق قورغانغا ئوخشىتىدۇ. بىراق نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىپ كەتكەنلەر بۇ خىل مۇھەببەتنى تۆۋەندىكىدەك ئوخشىتىدۇ.
1.نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى قىزىلمۇچ يىگەنگە ئوخشايدۇ. يىمىگەن ۋاقىتتا يىگۈسى كىلىپ تۇرالمايدۇ، يەۋاتقان ۋاقىتتا ئاچچىقلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ. قايتا يىمەيدىغانغا قەسەممۇ بىرىدۇ،بىراق ئاچچىق تۈگىگەندىن كىيىن يەنە يىگۈسى كىلىدۇ. يەيدۇ پۇشايمان قىلىدۇ. مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ئۆتىدۇ.
2.نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا ئوخشايدۇ. سىىز ساقلىغان ئاپتۇبۇس دائىم ۋاقتىدا كەلمەيدۇ، ساقلىمىغاندا كەينى-كەينىدىن كىلىدۇ.
3. نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش قولىغا ئىككى سائەت تاقىۋالغانغا ئوخشايدۇ. سىز زادى قايسىسىنىڭ توغرا ماڭىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز.
4. نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىش ﻳﺎﻧﻔﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .دائىم يىڭى يانفۇنلار چىقىپ تۇرىدۇ. يىڭىنى سېتىۋالغۇڭىز كەلسىمۇ، كونىسىنى تاشلىيالمايسىز.
5. نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش خۇددى VCD پلاستنكىسىغا ئوخشايدۇ. ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىنغىنى ئەسلى نەشرىدىن بازار تاپىدۇ.
6. نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلىشىش سىزنى يانچۇقچىغا ئوخشىتىپ قويىدۇ. بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايسىز.

دېمەك، نىكاھنى مۇقەددەس بىلىش، پەرزەنتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، جورىسىغا مېھرىبان بولۇش… ھەربىر ئائىلىنى بەختلىك ، شاد – خوراملىققا چۆمگەن تۇرمۇشقا باشلايدىغان ياخشى پەزىلەتلەردۇر…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2592