تۇرمۇش خاتىرىسى

كىلىشمەسلىك دائىم سىزگىلا كىلەمدۇ؟

تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ دائىملا ئۆزى ئۇچرىغان كلىشمەسلىكلەر سەۋەبىدىن ئاغرىنىپ « پىشكەللىك ماڭىلا كىلەمدىغاندۇ؟ نىمانچە شور پىشانە تۇغۇلۇپ قالغان بولغۇيدۇم… » دېگەندەك ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بەزىدە كۆڭۈلسىزلىكلەر دەستىدىن ئۆزىمىزنى ئەڭ بىچارە، بايقۇش ھېس قىلىپ قالىمىز. بۇنداق چاغلاردا باشقىلارنىڭ ھېچقانداق غېمى يوق، شۇنچە بەختىيار ياشاۋاتقاندەك، بارچە كىلىشمەسلىك پەقەت، پەقەت بىزگىلا كەلگەندەك تۇيغۇدا بولىمىز- دە، تەبئىيلا ئاغرىنىش، قاقشاش روھىمىزنى ئىگلىگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ دۇنيادا دەردى يوق، غېمى يوق ئىنسان بولغان ئەمەس. بەلكىم سىز كۆرگەن بەختىيار كىشىلەرنىڭ دەرت – غېمى سىزنىڭكىدىن ئارتۇق بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمسە ئۇلار نېمە ئۈچۈن كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئاغرىنمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە كەلگەن دەرتلەردىن ۋايسىمايدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن ھېچنىمە بولمىغاندەك شۇنچە خاتىرجەم كۈلۈپ – يايراپ ياشىيالايدۇ؟ مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە.

ئۇلار كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئاغرىنمايدۇ. بەلكىم ئۇلار بۇ ھاياتلىق قانۇنىيىتىنى، ياشاشتىكى ھەقىقەتلەرنى تونۇغان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن.

بىر ئېشەك ئېھتىياتسىزلىقتىن تاشلىۋېتىلگەن چوڭقۇر قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئېشەكنىڭ ئىگىسى بولسا مىڭبىر جاپادا يەنە پۇل خەجلەپ ئېشەكنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقسا ئېشەكنىڭ نەرخىگىمۇ چىقىش قىلمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئېشەكنى تاشلاپ كېتىپتۇ. ئېشەك بولسا يالغۇزلۇق، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئازابىدا تولىمۇ قىينىلىپتۇ. بۇ قۇدۇققا ھەر كۈنى باشقىلار ئەخلەت تۆكىدىكەن. ھەر كۈنى خالتا – خالتا ئەخلەتلەر قۇدۇققا تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن، ئېشەك ئۆزىنىڭ ئۆلۈش توغرا كەلسىمۇ بۇ ئۆلۈمنىڭ ئۆزىگە ئۇنداق ئاسان كەلمەيدىغانلىقىدىن قاتتىق ئاھ ئۇرۇپ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپتۇ.

بىراق، بىر كۈنى كۈنسېرى ھالسىزلانغان، ئەخلەتلەرگە كۆمۈلۈپ قالغان ئېشەكنىڭ كاللىسىغا شۇنداق بىر ئەقىل كەپتۇ ۋە كۆز ئالدى يورۇغاندەك بوپتۇ. يەنى ئۇ سىلكىنىپ ئەخلەت دۆۋىسى ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپتۇ ۋە تاشلانغان ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. قورسىقى ئاچسا، ئەخلەتلەر ئارىسىدىن ئۆزى يىگۈدەك بىر نەرسىلەرنى تاللاپ يەپ ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ھاياتىنى داۋام ئېتىپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى ئاشۇ ئەخلەتلەر ئۇنىڭ قۇدۇقتىن چىقىدىغان شوتىسىغا ئايلىنىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا يەر يۈزىگە چىقىۋېلىپ قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىپتۇ.

كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ھەرگىزمۇ ئاغرىنماڭ دوستۇم، ناراتلىقىڭىزدىن، خىزمەت شارائىتىڭىزنىڭ ناچارلىقىدىن، باشقىلاردەك ئېسىل داچا، ئېسىل ماشىنىڭىزنىڭ يوقلۇقىدىن ئاغرىنماڭ. تۇرمۇشتا كۆڭۈللۈك ئىشلاردىن كۆڭۈلسىز ئىشلار كۆپ بولىدۇ. ھەتتا شۇ كۆڭۈلسىز تۇرمۇشنىڭ سىزگە ھەدىيە قىلغىنى « ئەخلەت » بولسىمۇ، سىز شۇ « ئەخلەت »لەرنى ئاياغ ئاستىڭىزغا باستۇرۇپ، ئۇنى دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىگە، مۇۋەپپەقىيەت سۇپىسىغا يامىشىشتىكى پەشتاق قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ دۇنيا سىزنىڭ قانچىلىك ئېگىزلىككە چىققانلىقىڭىز بىلەنلا ھېسابلىشىدۇ، بىراق سىز گىگانت ئادەمنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ چىقتىڭىزمۇ ياكى « ئەخلەت » دۆۋىسىگە دەسسەپ چىقتىڭىزمۇ، بۇلار بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ئەكسىچە « ئەخلەت » دۆۋىسىگە دەسسەپ ئېگىزگە چىققان ئادەم تېخىمۇ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق، سىزنىڭ قايغۇرۇشىڭىزغا ئەرزىگۈدەك يەنە نېمە ئىشلار بار؟ شۇ ئىشلارنى دەل ئېگىزگە يامىشىشتىكى « ئەخلەت » دۆۋىسى قىلىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ !

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3463

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-04-01
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: