تۇرمۇش خاتىرىسى

ئەر – خوتۇن يارىشىشتا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك

كونىلاردا « يىگىت سۆزىدىن، يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس » دېگەن گەپ بار. رىئال تۇرمۇشتا كۆپلىگەن ئەر – ئايال يارىشىۋېلىش كومىدىيەسىنى قايتا ئوينىماقتا. نىكاھتىن ئاجىرىشىدىغانلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يارىشىۋالىدىغانلارنىڭ سانىدىمۇ يېڭى رېكورت يارىتىلماقتا، ھەتتا « ياراشتۇرۇش شىركىتى » مۇ مەيدانغا كەلمەكتە. يارىشىۋېلىش زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ھېسسىياتقا قارىتىلغان قۇتقۇزۇش چارىسى بولۇپ، كىشلىك ھايات، نىكاھقا نىسبەتەن باشقا بىر خىل تونۇش بولۇپ قالماقتا. ۋاھالەنكى، كۆپىنچە ئەھۋالدا يىرىق يەنە يىرىق پىتى قالىدىغان بولغاچقا، نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر – خوتۇن يارىشىۋىلىشتا يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسكىنى تۈزۈك.
مەلۇم بىر دوستۇمنىڭ ئالدىنقى ئېرى بىلەن بولغان نىكاھى ئۈچ ئايلا داۋام قىلدى ۋە ئاخىرى چىقمىدى. ئۇ ئاچچقىدا « ئۇ كۆڭلۈمگە قايتا – قايتا ئازار بەردى، ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز ئۆي تۇتمايمەن » دېدى ۋە نىكاھتىن ئاجراشتى. تۆت يىل ساقلىغاندىن كېيىن يەنە يارىشىۋالدى، ئۇنىڭ ئويىدا تەستە ئەسلىگە كەلتۈرگەن بۇ نىكاھى ئەمدى بۇزۇلۇپ كەتمەس ئىدى. ئەمما، ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى، ئۇلار يارىشىۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېرى ئۇنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا  باشقا بىرى بىلەن ئاپاق – چاپاق بولۇپ يۈردى ۋە قەتئىيلىك بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى.
شۇنداق قىلىپ دوستۇم يارىشىۋېلىشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىلىنىپ بولالماي تۇرۇپ، كۆڭۈل يارىسى يەنە بىر قېتىم تاتىلاندى. يېلىنىش ۋە ئىلتىجالار ئۇ ۋاپاسىزنىڭ باغرىنى ئېرىتەلمىدى، ھېلىقى ئەر دوستۇمنى خۇددى ئەسكى چاپاننى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋەتتى. دوستۇم شۇندىلا تونۇپ يەتتىكى، ئۇنىڭ ئارزۇسىدىكى يارىشىش ماغزاپقا ئوخشاش تۇترۇقسىز نەرسە بولۇپ چىقتى.
نىكاھتىن ئاقراشقانلارنىڭ يارىشىۋېلىشى ئەسلى ياخشى ئىش ئىدى، ئەر – خوتۇن كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى تۈزىتىۋېلىشنىڭ ياخشى پۈرسىتى ئىدى، ھەممىنى يېڭىباشتىن باشلىغىلى بولاتتى. ۋەھالەنكى، ياراشقان ئەر – خوتۇننىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوست – يارەنلىرى يەنىلا شۇ ئەسلىدىكى كىشىلەر؛ تۇتقان ئۆيى يەنىلا شۇ ئەسلىدىكى ئۆي، ئەر – خوتۇنمۇ يەنىلا شۇ بىر – بىرىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن ئەر – خوتۇندۇر. دەسلىپىدە تونۇش چىراي ۋە مۇھىت كىشىنى ئىللىك سېزىمغا ئىگە قىلىپ، ئەر – خوتۇندا سەۋر ۋە قەدىرلەش تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ، كېيىنچە ئەر – خوتۇننىڭ ھەقىقى خۇي – مىجەزى يەنە ئاشكارە بولۇشقا باشلايدۇ، كونا يارا جەڭگى – جىدەلگە پىلتە بولىدۇ، بىزارلىق كەيپىياتى ھەر ئىككى تەرەپتە تەڭلا پەيدا بولىدۇ. ئەگەر خاتالىق سادىر قىلغان تەرەپ چىن كۆڭلىدىن توۋا قىلمىسا؛ ئەگەر بىر – بىرىنىڭ سەۋەنلىكلىرى ۋە نوقسانلىرى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدىن چىقمىغان بولسا ھەمدە ئۇنى كۆڭلىگە پەقەتلا سىغدۇرالمىسا؛ ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ۋە قىزغىنلىققا تولغان مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەر – خوتۇن بۇنداق زېرىكىشلىككە تولغان تۇرمۇشتىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ، شاختىن – شاخقا قونۇدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يارىشىش، ئەمەلىيەتتە، زور خاتالىققا يول قويغانلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا ئايرىلىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.
نىكاھ بىربىرىنى سۆيگەن ئىككى كىشىنىڭ ماكانى بولۇپ، نىكاھ مۇقەددەستۇر، شۇنداقلا يەنە ئاجىزدۇر. ئەر – خوتۇننىڭ بېشىنىڭ باش، ئاينىغىنىڭ تاش بولۇشى ياخشى ئىش، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇنىڭغا مۇمكىن بولمىغاندا، قايتا تاللاشمۇ بىر خىل چارە. مەيلى يارىشىۋالغانلار ياكى قايتا نىكاھلانغانلار بولسۇن، بەختلىك نىكاھقا ئىنتىلىش بىلەن بىللە، ئىدىيىدە تولۇق تەييارلىقتا بولۇشى، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلغاندىلا نىكاھتا يەنە مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2853

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-11-15
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: