تۇرمۇش خاتىرىسى

ئەرلەر نېمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەرلەر ئارىسىدا تالاغا قاراش ھادىسىسى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە . ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ئاساسەن ئۇلاردىكى تەڭپۇڭسىز روھىي ھالەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بەك بالدۇر نىكاھلانغان ئەرلەر مۇھەببەتكە قارىغۇلارچە باھا بېرىدۇ ؛ ئۇلار بىر مەزگىللىك سۆيگۈ – مۇھەببەت كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ توي قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئاياللارنى ھەقىقىي رەۋىشتە چۈشۈنۈشكە باشلايدۇ .
ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ئىنسانلار تەبىئىتىدە بولىدىغان كۆڭلى غەيرىنى تارقىتىش تارتىش ۋە يېڭىنى ھەۋەس قىلىشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئەر كىشى ئايال ھەمراھ ئىزدىگەن چاغدا ، كۆپىنچە يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئەرنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى زىلۋا قىزنى ياقتۇرغىنىغا ئوخشاش بىر خىل مۇقىم قىلىپنى بەلگىلاۋاتىدۇ . ئەمما ، تويدىن كېيىن بەزى ئەرلەر خوتۇنىنىڭ سېمىزرەك بولىشىنى ئارزۇ قىلسا ، بەزى ئەرلەر ئۇشتۇمتۇت زىلۋا ئاياللارغا ئىشتىياق باغلاپ قېلىشىمۇ مۈمكىن . بەزى ئائىلىلەردە ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلاشماسلىقى ئەر كىشىنى يېڭىسىنى ئىزدەيدىغان قىلىپ قويىدۇ .
ئەر كىشىنىڭ تالاغا قارىشى ئۈچۈن ، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ . بەزىلىرى ھېسسىيات جەھەتتە بۇرۇلۇش ياساپ ، ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى ، مەسىلەن ، ئايال كاتىپى ، ئايال ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن خۇپىيانە مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلايدۇ . ھوقۇق خاراكتېرىنى ئالغان بۇنداق تالاغا قاراش كۆپىنچە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە بەزى ئەرلەر سودىگەرچىلىك قىلىپ پۇل تېپىپ ، توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىرىدۇ . بۇ ئىقتىسادى خاراكتېرلىق تالاغا قاراش ھېسابلىنىدۇ . يۇقۇرقى ھەر ئىككى خىل تالاغا قاراشتا مۇھەببەت ئاساس قىلىنغان ئەمەس .
بۇ ئىككى خىل تالاغا قاراشقا قارىغاندا ، ھېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك تالاغا قاراش تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ . نىكاھلىنىپ بولغان بىر ئەر كىشى خوتۇن بىلەن كېلىشەلمەي تۇرغاندا ، باشقا بىر ئايالنىڭ ئىشقىغا مۇيەسسەر بولۇپ قالسا ، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسىمۇ ، لېكىن ھېسسىيات جەھەتتە بىر – بىرىگە ئىجىل بولۇپ قالىدۇ . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بىر ئاز تەسكە توختايدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەر دائىم يولدىشىنىڭ دەردىگە داۋا بولىشى تولىمۇ مۇھىم .
تالاغا قاراش ھادىسىسى ، ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن يوشۇرۇن ، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلىدۇر . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىدىن تاشقىرى ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ مەدىنىيەت ، ھېسسىيات ، پېسخىلوگىيە جەھەتتىكى مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىچىدىن كۆڭۈلدىكىدەك يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى  تېپىپ چىقىش لازىم .
ئەرلەرنىڭ ھېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان تالاغا قاراش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئايال كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار ، تۆۋەندە بۇ ھەقتە بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ ئۆتىمىز :
ھەر قانداق بىر ئايال ئېرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى باشقا بىرسىنىڭ ئىگىلىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ، ئېرىنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىشتەك رېئاللىققا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلالماسلىقى مۈمكىن . شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە : “ بۇنداق قىسمەتنى مېنىڭ بېشىمغا كېلىشى مۈمكىن ئەمەس ، بىزنىڭ نىكاھىمىز مۇستەھكەم ، ئېرىم كۆڭۈلنىڭ  كەينىگە كىرمەيدۇ “ دەيدىغان ئىنكاستا بولىدۇ .
ئەمما ، كۆپ ساندىكى ئەرلەر نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا قائىدە – يوسۇندىن چىقىپ ، كۆڭلىنى باشقا ئاياللارغا بېرىشكە باشلايدۇ ، ھالبۇكى بۇ ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ئەھۋال .
ئەرلەرنى خوتۇنلىرىغا خائىنلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەب زادى نېمە ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ھەر بىر ئەرنىڭ بۇ يولغا مېڭىشتىكى سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ .
ئەرلەر نېمە سەۋەبتىن ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىدۇ ؟
بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەر بارلىقىنى خىزمەت ، كەلگۈسى ۋە باشقا ئىشلارغا بېغىشلىغان بولغاچقا ، ئادەتتە خوتۇنلىرىغا سادىق بولىدۇ . ئۇلار خوتۇنلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدەك نېمە دېسە لەببەي دەپ تۇرىدىغان ساۋاتسىز ، ئىتائەتمەن ئاياللاردىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ . ھازىرقى زامان ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى بىلىدۇ ، ئەرلىرىنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىشىغا ئىتائەتمەنلىك ۋە ئېرىغا ئېتىبارسىز قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئەر چوقۇم ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان باشقا بىرىنى ئىزدەيدۇ . ئاياللار يەنە گۇمانخورلۇق ۋە قىياس قىلىش كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالسىمۇ ، ئېرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە كۆيۈنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ . بۇنداق ئەرلەرگە جەمىيەتمۇ ھېسداشلىق قىلىدۇ . بەزى ئەرلەر داۋاملىق كاماندوروپكىغا چىقىپ مۇھىم ئىشلار بىلەن بەند بولىدۇ . ئۇنىڭ غەم – ئەندىشىلىرىگە ئورتاقلىشىپ بېرىدىغان يېقىن ئادىمى بولمىسا ، ئۇ دەرھال باشقا ئاياللارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ .
خوتۇن بولغۇچى ئەرنىڭ يوشۇرۇن ھالدا باشقا ئاياللار بىلەن ئاپاق – چاپاق بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەندە نېمىلەرنى قىلىشى ، قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ؟
ئاياللار بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ، ئاسانلىقچە ئۆزىنى بېسىۋالالمايدۇ . بۇ دەل ساقلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشتۇر . ئادەم زەربىگە ئۇچراپ ، كۆڭلى پاراكەندە بولغاندا ، سۆز – ھەرىكىتى دۇرۇس ، ئەتراپلىق بولمايدۇ . بۇنداق چوڭ ئىشنى ئېھتىياتچانلىق ۋە ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر . شۇڭا ئالدى بىلەن ئىشنىڭ روھى جەھەتتىكى دوستلۇق ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك . ئەرلەر ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ ھېسداشلىق قىلىشى ، چۈشۈنىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج بولىدۇ . ئەگەر مەسىلە چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق .
ئاياللار كۆپ ھاللاردا ئىشلارغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ ، باشقىلا ربىلەن بىكاردىن – بىكار توقۇنۇشۇپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەرنىڭ باشقا خوتۇنلار بىلەن گەپلەشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ئۆزىگە كۈندەشلىك ئوتىنى يېقىۋالماسلىقى كېرەك . ئەگەر ئىش ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ، يېقىنلىق قىلىش ، كۆيۈنۈش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئارقىلىق ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىش كېرەك . ئىشلارنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ ، نىكاھ ئىشىدا زادى نېمە مەسىلىلەر بارلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىشنىڭمۇ پايدىسى بار . ئادەم چوقۇم ئۆزىگە سادىق ، سەمىمىي ، راستچىل بولۇشى ، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ئازارلىقنى ئېتىراپ قىلىشى ، ھەرگىزمۇ يوشۇرۇش ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەسلىكى لازىم .
مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تېپىلغان ئىكەن ، چارە – تەدبىر تېپىپ ھەل قىلىش زۆرۈر . پەقەت ۋاقتىدا ھەل قىلغاندىلا قارشى تەرەپنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىپ مۇناسىۋەت قۇتقازغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بېرىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن . بۇنداق ئەھۋالدا ئەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش كېرەك . چۈنكى مۇھەببەت ۋە سادىقلىق مەجبۇرلاش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس .
ئەگەر ئەر پۈتۈنلەي تالاغا قاراپ خوتۇنىنى تاشلىۋەتكەن بولسا ، خوتۇن ئەرنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ يۈرىۋەرسە ، بۇ خوتۇننىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .
ئادەتتە ئاياللار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇرسىمۇ ، ئەرنى قولىدىن چىقارماي ئەپلەپ – سەپلەپ ئائىلىنى قوغداپ قېلىشنى ، پەرزەنتلىرىنى ئاتا – ئانا ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇچرايدىغان روھى ئازاپتىن ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ . بەزى ھاللاردا بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ . بەزى ھاللاردا ئەرمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ . لېكىن ، بەزىدە بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي بىر تالاي يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .
تالاغا قاراش ئونۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالايدىغان شىپالىق دورا يوق . كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . ئەمما ئالدىنى ئېلىش ، داۋالىغاندىن ياخشى .

 “ قىز – ئاياللار مەخپىيەتلىكى “ ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=518

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-14
خەتكۈشلەر : ,
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: