تۇرمۇش خاتىرىسى

بىـلـوگ

ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار!

2012 – يىلنىڭ كىرىشى بىلەن توردىكى بىر قانچە يىللىق زىيارەتلىرىم جەريانىدا ئۈگەنگەن، بىلگەنلىرىم ئاساسىدا تور دۇنياسىدىكى كىچىككىنە مەھەللەم “ تۇرمۇش خاتىرىسى ”نى ئوڭۇشلۇق قورۇۋالدىم. ئىنسان تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىدىن قىممەتلىك ھىكمەت – خۇلاسىلەرنى جەۋھەرلەپ، ھاياتلىقنىڭ “ ئادەم بولماقلىق “ تىن ئىبارەت بۇ قامۇسىغا بىر جۈملە قوشىدۇ. ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ھاياتلىق ھەققىدىكى ئىسىل مىراسلىرىمىز تارىخى دەۋىرلەردىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر كۆز چاقنىتىپ تۇرمۇش يولىمىزغا نۇر چىچىپ، يۇرۇتۇپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيىتىمىزدە ئۆز تۇرمۇش يولىنى توغرا باسالماي، غەم – قايغۇ ئىچىدە زارلىنىۋاتقان، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالماي، ياشلىق باھارىنى خازان قىلىۋاتقان، تۇرمۇشنىڭ رەڭگارەڭ تۇمانلىرى ئارىسىدا قايمۇقۇپ ھاياتقا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان، ئۆز روھىيىتىدىكى زىدىيەتلەرنىڭ چىگىشىنى يىشەلمەي، “ پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سىلىۋاتقان “ كۆرۈنۈشلەر ھىلىھەم مەۋجۈت.  بۇ كىچىككىنە خاتىرەم ئارقىلىق تۇرمۇش ھەققىدىكى ئاددى قاراشلىرىم، جەمئىيەت توغرىسىدىكى يۈزەكى كۈزىتىشلىرىم ئاساسىدا تورداشلار بىلەن مۇڭدىشىپ، پىكىرلىشىپ، سىردىشىپ خۇشاللىققا ھەمدەم، غەم – قايغۇلارغا تەسەللى، مۈشكۈللىرىگە ئاسانچىلىق، يالغۇزلۇققا ھەمرا بولىسام دىگەن ئۈمىددىمەن. تورداشلارنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?page_id=13

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

  • ھېچقانداق يازما تېپىلمىدى
ۋاقىت: 2012-02-08
خەتكۈشلەر :
سەھىپە:
ئىنكاس: 10دانە
  1. ئاممىباپ

    بەلەن ئىش بۇپتۇ بۇلسا تىخىمۇ تۇرمۇشقا يىقىن نەرسىلەر تۇرغا كۇپلەپ چىققاي

  2. ھەر قايسى تېمىلارنى ئارلاپ كۆرۈپ چىقتىم . بلوگىڭىز ھەقىقەتەن ئىسمى – جىسمىغا لايىق ‹‹ تۇرمۇش خاتىرىسى ›› بولۇپتۇ . كىشلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى تەرەپلەردىكى چوڭ – كىچىك ئۇنۋېرىسال تېمىلار بلوگىڭىزنى بىر خىل ‹‹ تۇرمۇش ›› تىن ئىبارەت مۇئەييەن بىر خاسلىققا ئىگە قىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندەك . بۇنىڭدىن سىزنىڭ خېلىلا تىرىشقانلىقىڭىزنى ، بلوگنى مۇشۇنچىلىك بىر ھالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر قىلغانلىقىڭىزنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس …ھارمىغايسىز ، سىزگە ئۇتۇق ، بلوگىڭىزغا نۇسرەت تىلەيمەن .

    • رەھمەت، بولسا ياخشى تەكلىپ – پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز .

  3. ئەسسالامۇئەلەيكۇم تۇرمۇش خاتىرىسى بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن يېزىلىپتۇ ، ئۇسلۇپمۇ بەك چىرايلىقكەن ،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

    • ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام. رەھمەت، سىزگىمۇ ھەم ئۇتۇقلار يار بولسۇن !

  4. تۇرمۇش خاتىرسى ئەمەس، تۇرمۇش جەۋھىرى بولۇپتۇ ! يەنىمۇ تىرىشقايسىز، سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزدىن ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بەھرىمان بولغىمىز بار . سىزگە رەھمەت

    • رەھمەت، دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى ئاستىدا تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن.

  5. ياسىنجان

    تۇرمۇش مېنى قوشۋالغان بولسىڭىز ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشتىن ياردەم سوراي دېگەن ئىدىم

  6. مېيىپ دوسىت

    ئەسسالام ئەلەيكۇم

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: