![]() |
يىگىت بىلەن قىز مۇناسىۋىتىدىكى ئارىلىق
ئوغۇل بىلەن قىز، ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنىس يارتىلىشتىنلا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن يارىتىلغان ۋە ئىككى جىنىسنىڭ بىرىكىشى پەقەت ۋە پەقە توي ئارقىلىقلا كاپالەتلەندۈرۈلگەن. بىز مەيلى ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ قايسى تارىخى باسقۇچىغا قارىمايلى ئەر – ئايال، يىگىت – قىزلارنىڭ نىكاھ ئاساسىدىكى يىقىنچىلىقنىڭلا قانۇن، ئەخلاق، تۈزۈم، جەمئىيەت، ئادەت تەرىپىدىن ھەقلىق يۇسۇندا ئېتراپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە قوغدالغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. دېمەكچى، نىكاھتىن ئىلگىرى ئىككى جىنىس ئارىسىدا چوقۇم ئارىلىق ساقلىنىدۇ ھەم ساقلىنىشى كېرەك.
بىر – بىرىگە كۆڭۈل ۋە سۆز بەرگەن قىز بىلەن يىگىتنىڭ بىر – بىرى بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلىشى تولىمۇ قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بۇنى ئىككى جىنىسنىڭ جىنىس ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن بولۇپ، نىكاھ، ئائىلىنىڭ بەختى ۋە ئەر – ئاياللار ئارىسىدىكى مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنىڭ جايىدا داۋاملىشىشى ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىقتۇر.
مەيلى ئۆزلىرى مۇھەببەتلىشىپ ئارلىشىپ ئۆتۈۋاتقانلار ياكى ئاتا – ئانىسى ئارقىلىق بىر – بىرى بىلەن توي قىلىشقا رازىلىق بەرگەنلەر بولسۇن، توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، نىكاھ ئوقۇلغۇچە بولغان جەرياندىكى ئارلىقنى ساقلاشقا قاتتىق دىققەت قىلغاي. مۇشۇ ئارىلىق جايىدا ساقلانمىسا يىگىتتىنمۇ، قىزدىنمۇ ھايا كېتەر، بەخت كېتەر، ئىززەت كىتەر. بۈگۈنكى ئاتا بولغۇچىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلسۇنكى، پەرزەنتلەرگە مۇۋاپىق پەيتتە “ يۇلغۇن تايىقىدا “ ئىپپەت تەربىيسى ئىلىپ بىرىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1310