![]() |
مۇھەببەتنى دەپ ئىززىتىڭىزنى يوقاتماڭ
بىرقىسىم قىزلار مۇھەببەتلىشش جەريانىدا ياكى يىگىتلەر ئالدىدا ئاسانلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ .
نەتىجىدە بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ قىممىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى كۆپىنچە يىگىتلەر ئۆزى قوغلاشقاننى ياخشى كۆرۈپ ، ئۆزىگە ئارتۇقچە يېقىنچىلىق قىلغان قىزلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ، كىيىنىش قاتارلىق تەرەپلىرىگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ . شۇڭا مەن تۆۋەندە مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى مۇھەببەتلىشىش ئالدىدا تۇرغان قىزلارنىڭ دىققىتىگە 40 خىل ئۇسۇلنى سۇندۇم . بۇ سىزنىڭ مۇھەببەتتىكى ئۆز ئىززىتىڭىزنى ، ئابرويىڭىزنى ساقلاشتىكى «قىبلىنامە» بولۇپ قالغۇسى .
1 – سىزگە ئېتىبار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ ، چۈنكى سىزگە كۆڭۈل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلالماي يۈرۈش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۈچۈن مېھرىبانلىق ۋە سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەش ئەخمەقلىق بولىدۇ .
2 – ھەرقانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۈچۈن ئازابلانماڭ ، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ . بىراق چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇ ئەرزىمەيدۇ ، چۈنكى بەكرەك ئازابلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز . شۇڭا ئازابلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ ، خۇشال ياشاشنى بىلىڭ .
3 – ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ ، سىز ئۇنى ئۆزگىچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بوشلۇق بېرىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز .
4 – ئەگەر يىگىتىڭىز سىزگە :‹‹ ئايرىلىپ كېتەيلى ! ›› دېسە ، ھەرگىزمۇ كۆز يېشى قىلىپ يۈرمەڭ ، غەيرەتلىك بولۇڭ- دە ، كۈلۈپ تۇرۇپ ‹‹ خوش ! ›› دەڭ .
5 – ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، ئۆزىڭىزگە مۇئامىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن ،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ .
6 – ھەركۈنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ ، كۈلۈمسىرەپ چىقىڭ .
7 – يىگىتىڭىز ئۈچۈن كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ .
8 – بەدەن شەكلى ۋە چىرايىڭىزنى ئاسراشنى بىلىڭ .
9 – تاماكا چەكمەڭ ، ھاراق ئىچمەڭ ، قىمار ئوينىماڭ .
10 – ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسىمۇ ، شۇنى باھانە قىلىپ قاۋاقخانلارغا بېرىپ يۈرمەڭ . يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ .
11 – ھەرگىز يالغان ھېسياتتا بولماڭ ، بۇنداق قىلىش يۈرىكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ .
12 – ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يۈرۈڭ ، بىراق ئاياغنىڭ پاشنىسى بەك ئېگىز بولۇپ كەتمىسۇن .
13 – يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى ‹‹ ياخشى كۆرىمەن ›› دېگەن ئىنساننىڭ نېمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ . بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ .
14 – ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنى تاللىغاندا كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ . ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا ئايرىلىپ كېتىڭ . سۇنىڭ ئېقىشىغا باقماڭ . بۇ ئىككىڭلار ئۈچۈن ياخشى .
15 – يىگىتلەرگە قول كۆتۈرمەڭ . چۈنكى بىرىنچىدىن ، سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز . ئىككىنچىدىن ، سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ … شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى .
16 – دائىم سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كېلىڭ . بۇ سىزنى ناھايىتى ئۈمىدلىك ۋە روھلۇق قىلىدۇ .
17 – دائىم تەملىك گۈل چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاب كۆرۈپ ، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ .
18 -ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشنى بىلىڭ . ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى . ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۈستى -بېشىغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ .
19 – سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىتنىڭ سوۋغىسنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ .
20 – بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۈڭ .
21 – ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز ؟ يىگىتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
22 – ئۆزىڭىزنى پەقەت يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا خالىغان بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماڭ ، بۇ سىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەڭسىزلىك بولىدۇ ھەمدە ھېسياتىڭىزغا نىسبەتەن تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ .
23 – سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىت ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولسىمۇ ، سىز چوقۇم ھېسياتىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلىشىڭىز لازىم .
24 – ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ . خىزمەت بەلكىم سۆيگۈدەك يۈرىكىڭىزنى تىترىتەلمەسلىكى مۇمكىن ، بىراق خىزمەت سىزنىڭ قورسىقىڭىزنى تويغۇزىدۇ ، تۇرغۇدەك ئۆيگە ئىگە قىلىدۇ . بىراق مۇقىملاشمىغان سۆيگۈ سىزگە بۇلارنى بېرەلمەيدۇ …. شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلەڭ .
25 – ئىللىق كەيپىياتنى ساقلاشنى بىلىشىڭىز كېرەك . قانداق سورۇنغا قانداق كىيىنىپ بېرىشنىمۇ بىلىشىڭىز لازىم .
26 – قولدىن بېرىپ قويغان ياخشى يىگىت ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ كەتمەڭ ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ئاش بولمايدۇ ، كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىپ يەنە بىرنى ئىزدەڭ .
27 – كىيىملىرىڭىز چوقۇم ماسلاشقان بولسۇن ، ئۈستى-بېشىڭىزدىن ئاياللىق تۆكۈلۈپ تۇرسۇن .
28 -ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس . ئۇ چوقۇم سىزدىن باشقا يەنە بىر قىز بىلەنمۇ شۇنداق قىلالايدۇ .
29 – تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ياكى ئاياللار بايرىمىدا سىزگە گۈل سوۋغا قىلىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك يوق ، سىز ئۆزىڭىز شۇ گۈللەرنى سېتىۋىلىپ سىزنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا – ئانىڭىزغا سوۋغا قىلىڭ .
30- سىز ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
31 – سىز ئەلۋەتتە بىر يىگىتنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق بارلىق سۆيگۈڭىزنى ئۇنىڭ قوينىغا تۉكۈپ بەرمەڭ . چۈنكى ھاياتلىقتا ھاياتىڭىزنى سېلىپ بېرىپ سۆيگۈدەك يىگىت مەۋجۇتمىدۇ ؟……….. شۇڭا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنى بىلىڭ . چۈنكى ئۆزىڭىزنى قەدىرلىگەندىلا ، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيسىز ……….
32 – ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۇچۇر ئەۋەتىڭ . ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىنكاس بولمىسا سىزمۇ قارا چىكىت ئۇرۇڭ .
33 – يالعۇزلۇق ھىس قىلسىڭىز ، دوسىتلىرىڭىزنى ئىزدەڭ ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ ، بازار چۆرگىلەڭ ، بىرگە تاماق يەڭ . يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ .
34 – ئەتىگەن سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەينەككە قاراپ، ئۆزىڭىزگە ئىللىق بىركۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇماڭ .
35 – سۆيگىنىڭىزگە يىگانە مۇئامىلە قىلىڭ ، كۆپ كېمىگە دەسسىسىڭىز، كېمە ھامىنى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ .
36 – ئەگەر كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ يىغلىغىڭىز كەلسە ، ئىشەنچىلىك بىرنىڭ ئالدىغا بېرىڭ . ھەرگىزمۇ خالىغانلا بىرىنىڭ مۈرىسنى ئىجارە ئېلىپ يۈرمەڭ .
37 – بۇندىن كېيىن ئەقىللىق بولۇڭ ، يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان – كۆرمەيدىغانلىقىنى سوراۋەرمەڭ. ئۇ ياخشى كۆرسە چوقۇم تەبىئىي ھالدا دەيدۇ . سورىلىش ئارقىلىق بەرمەكچى بولغان جاۋابىدىن ئۇ مەغرۇرلۇق ھېس قىلىپ ، سىزگە ئېتىبارسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ .
38 – ئۆزىڭىزگە يارىشىملىق ، چىرايلىق ئۇخلاش كىيىمى سېتىۋىلىڭ ، بۇ كىيىم بەك رومانتىك بولسىمۇ مەيلى …………
39 – ئاتا – ئانىڭىزنى ئەسلەپ تۇرۇڭ ، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى بىلدۈرۈڭ ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى يېنىك قىلىڭ .
40 – يىگىت سىزدىن چىن كۆڭلىدىن ئەپۇ سورىسا ، ئۇنى كەچۈرۈشنى بىلىڭ .كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن بۇ يىگىت سىزدەك بىر مېھىرلىك قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ .
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2724