تۇرمۇش خاتىرىسى

دوستۇم، غەيرەتلىك – شىجائەتلىك بولۇڭ!

ئوغۇل بولغانىكەنسىز، سىزدە چوقۇم ئوغۇللۇققا خاس غەيرەت – جاسارەت بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، سىز باشقىلارغا پاسىبانلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئارتۇقچە يۈك بولۇپ قالىسىز. ھەر كىمنىڭ ھايات يولى ئالدى بىلەن ئۆزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئالدىڭىزدا توغرا قارار چىقىرىشىڭىزنى، تاللىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان تالاي مەسىلىلەر بولىدۇ. ئەگەر سىز ئەزمىلىك بىلەن پۈرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز ياكى بىرەر يېڭى يولنى تاللاشقا غەيرەت قىلالمىسىڭىز، بۇ دۇنيادا يەنە ياشايسىز – يۇ، كۈنىڭىز خار – زارلىقتا ئۆتىدۇ، ئۈمىدىڭىز ئۆزگىدە، يۈگىنىڭىز ئۆزگىدە بولىدۇ. چۈنكى، سىزدە غەيرەت بولمغانىكەن، غەيرىتى بارلارغا ئەگىشىشكە مەجبۇرسىز. دۇنيادا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تاللىشى بولمىغان، ئۆز ئالدىغا بىر ئىش قىلىشقا غەيرەت قىلالمايدىغان ئەركەكتىنمۇ بىچارە ئىنسان يوقتۇر.

« ئىشقا كىرىشىش ئويلىنىپ ئولتۇرغاندىن مىڭ ياخشى. » ( مۇھەممەد زېھنىي ) بەلكىم، سىز بىرەر ئىش قىلىشقا غەيرەت قىلىپ، ئۇنىڭدا مەغلۇپ بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، بۇ ھېچقانداق ئىش قىلماي يا مەغلۇپ بولماي، يا ئۇتۇق قازانماي ياشىغانغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە قىممەتلىك. چۈنكى، سىز ئاشۇ مەغلوبىيەت بىلەن ھاياتنىڭ تالاي سىرلىرىنى بىلەلەيسىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدىمىڭىزنى قانداق بېسىشنى بەلگىلىيەلەيسىز، ئاڭ – تەپەككۈرىڭىز كېڭىيىدۇ. بۇ تەبئىي ھالدا سىزنىڭ نەسىل – نەسەبىڭىزگىمۇ، يېقىن – يوتۇقلىرىڭىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى « كىمدە غەيرەت بولمىسا، ئۇنىڭدا ئۆزگىلەرگە ئىبرەت بولۇش قابىلىيىتى بولمايدۇ. » ( مۇھەممەد جەۋھەر زەمىندار )

شۇنداق، ھەقىقىي ئەركەك ئاتىلىش ئۈچۈن غەيرەتلىك بولۇش كېرەك. ئەمما، شۇنىڭ ئىسىڭىزدە تۇتۇڭكى، غەيرەت ئەقىل بىلەن قىلىنسا غەيرەت، ئەقىلسىزلىق بىلەن قىلىنسا قاراملىقتۇر. چۈنكى، غەيرەت ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا پۇت – قولنى ئىشقا سىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. غەيرەت ئەڭ ئالدى بىلەن يۈرەكتە بولۇشى كېرەك. ئاندىن ئۇ ھەرىكەتتە توغرا ئىپادىلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئانۇشرىۋان بۇزۇرگىمېھردىن: « غەيرەت دېگەن نېمە؟ » دەپ سورىغانكەن، بۇزۇرگىمېھر: « يۈرەكنىڭ قۇۋۋىتى ! » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇندا ئانۇشرىۋان: « نېمىشقا قولنىڭ قۇۋۋىتى ئەمەس؟ » دەپ سورىغانىكەن، بۇزۇرگىمېھر شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: « ئەگەر يۈرەكتە قۇۋۋەت بولمىسا، قولدىمۇ قۇۋۋەت بولمايدۇ، قول قۇۋۋىتى يۈرەك قۇۋۋىتىگە باغلىق! »

يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، بىر ئەرەب سەركەردە بولۇپ، قېرىپ قالغىنىغا قارىماستىن، ئۇنىڭ دىلىدا غەيرىتى كۈچلۈك ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئاتقا مىنمەكچى بوپتۇ. شۇندا ئىككى كىشى كېلىپ ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ، ئاران دېگەندە ئاتقا مىندۈرۈپ قويۇپتۇ. شۇ چاغدا سەركەردىلەردىن بىرى تەنە ئارىلاش: « ئاتقا زورغا مىندۈرۈپ قويدى، ئۇنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كىلەتتى؟ » دېگەنىكەن، بۇنى ئاڭلاپ قالغان سەركەردە ئۇنىغا شۇنداق دەپتۇ: « راست، ئاتقا ئىككى كىشى مىندۈردى. ئەمما ئۇنى مىڭ كىشىمۇ ئاتتىن يىقىتالمايدۇ! » بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئانۇشرىۋان ئۇنىڭغا تەھسىن ئوقۇپتۇ ھەم دەپتۇ: « ھەئە، ئۇ راست ئېيتىدۇ، قول يۈرەكنىڭ قۇۋۋىتىگە تايىنىدۇ، ئۇنىڭ يۈرىكىدە باتۇرلۇق كۈچى بار! »

سىز دېگەن ئوغۇل، تالاي ئىشلاردا يولباشچى، قارار چىقارغۇچى بولۇشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى – كەينىڭىزگە كۆپ دەسسەيدىغان، ھالقىلىق پەيىتتە ئۆزىڭىزنى دالدىغا ئالدىغان، كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ، دەپ ئىككىلىنىپ، پۈرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان، نوقۇل ھالدا باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن يول تۇتىدىغان بولۇپ قالسىڭىز، ھايات مۇساپىڭىزدە خۇشاللىقىڭىزدىن غەم – قايغۇلىرىڭىز كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئىززەت – ھۆرمىتىڭىز، ئابرۇي – ئىناۋېتىڭىزگىمۇ دەز كېتىدۇ. شۇڭا دەيمەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئوغۇل – ئەركەك ئىكەنلىكىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ. ئەركەكلىكنىڭ غەيرەت – جاسارەت بىلەن تېخىمۇ ۋايىغا يېتىدىغانلىقى ھەردەم يادىڭىزدا بولسۇن!

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3500

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-04-13
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: يىگىتلەرگە سۆز
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: