تۇرمۇش خاتىرىسى

تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلار چىپىلىۋالمىسۇن

ئەر – ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ئىككىيلەننىڭ قانۇنىي نىكاھلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر – ئايالنىڭ خۇسۇسى ئىشىدۇر. شۇڭا، ئەر – ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا زۆرۈر تىپىلمىغاندا ئارىلىشىش، بولۇپمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئەمەس ئەرزىمەس، ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئارىلىشىپ، قول تىقىپ يۈرۈش ئەخلاقسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىقتۇر.
تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلارنىڭ سوغۇق قولى، يامان نىيىتىنى ئارىلاشتۇرماڭ. خويۇنىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدىكى خۇسۇسى ئىشلارنى يەنە بىراۋغا سۆزلەپ يۈرمەڭ ھەمدە ئايالىڭىزنىڭ باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرۈشىنىمۇ توسۇڭ. ئائىلىگە مەنسۈپ سىر – ئەسرالارنىڭ سىرتقا چىقمىغىنى تۈزۈك.

ئائىلىڭىزگە مەنسۈپ خۇسۇسى تۇرمۇشىڭىزغا يەنە بىرىنىڭ ئارىلىشىشنى ئامالنىڭ بارىچە توسۇڭ. بىزدە كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ياكى ئاچا – سىڭىل، ئاكا – ئۇكا، دوست – بۇرادەرلەر ئائىلە ئىشلىرىغا باش قاتتۇرۇپ، ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشىغا ئىچكىرلەپ كىرىدىغان ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغان بەزى ياشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا باشقىلارنىڭ ئارىغا قىسىلىۋىلىشى، ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۆز  ئوغلى ۋە كىلېننىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ كىچىك خۇسۇسى تۇرمۇشىنىمۇ ئارىلىشىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان، بۇنىڭلىق بىلەن گەرچە بىر – ئىككى بالىغا ئاتا بولغان بولسىمۇ، يەنىلا كىچىك بالا سىياقىدا ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىش كۆرىدىغان، ئاخىرىدا نىكاھ تۇرمۇشىغا دەز كىتىدىغان، ئاجىرىشىدىغان ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. مۇشۇ سەۋەپتىن ئىككى تەرەپ قۇدىلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىختىلاپلارنىڭ كۆرۈلۈدىغان، ئاخىرىدا ئارازلىق چوڭىيىپ ئاجىرىشىش باسقۇچىغا بارىدىغان ئىشلار يوق ئەمەس تۇرمۇشىمىزدا. ئىش چىكىگە يەتكەندە توي ئەلچىسى، يۇرت – مەھەللىدىكى چوڭلارنىڭ ئارىغا چۈشۈپ ياراشتۇرۇشى بىلەن ئىكى ياشنىڭ تۇرمۇشى ئاران ئەسلىگە كىلىدىغان، نەتىجىدە بۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلغان ئاتا ياكى ئانا ۋە باشقا ئاچا – سىڭىل، ئاكا – ئۇكا، دوست – بۇرادەرلەر يامان ئاتاققا قالىدىغان ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز. ئەلۋەتتە، ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىلىرىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىدىن تارتىپ ئارلىشىۋالماي، پەقەت ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىشى، خاتا تەرەپلىرىگە تۈزىتىش بىرىپ، بالىلىرىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىغا مۇستەقىل مەسئول بولۇشتەك ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك ئەسلىدە.
مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارنىڭ ئۆز مەۋقەسىنى ۋە دۇنيا قارىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يەنە بىراۋنىڭ تۇرمۇشىنى كونتىرول قىلىشى ھامان كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئاغرىنىش پەيدا قىلماي قالمايدۇ. توغرا، ئاتا – ئانىلار ياكى قېرىنداشلار بولسۇن، ھامان ياخشى نىيەت بىلەن ئارىغا قىسىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىرەيلەننىڭ تۇرمۇشىغا قىسىلىپ كىرىشى يەنە بىر تەرەپتە ھودۇقۇش، تەمتىرەش، بىزارلىق، نارازىلىق كەيپىياتى ئويغىتىپ قويىدۇ – دە، يېقىن ھۆرمەتلىك كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئارازلىشىش پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
تۇرمۇش قۇرۇپ، پەرزەنتلىك بولماق، پەرزەنىتلەرگە ئاتا بولۇش ھەر قانداق بىر ئاتا بولغۇچىدىن ئىنتايىن ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر. بىر ئائىلىگە، پەرزەنتلەرگە مەسئول بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى مۇستەقىل پىلانلاش، شۇ ئاساستا ئائىلە ۋە بالىلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئەر ۋە ئايال بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە تىرىشىشى كېرەك. سىز ئۆز تۇرمۇش ھوقۇقىڭىزنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، بۇ مەسئولىيەتلەرنى قانداق ئادا قىلالايسىز؟ ئۆز ئائىلىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى لايىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزۈڭلارغا خاس تىنىچ – ئامان تۇرمۇش كەچۈرەيلى دەيدىكەنسىز، ئۆز ئىشلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز پىلانلىق ئاساستا لايىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇڭ. يېقىن تۇغقانلىرىڭىز ئارىلاشقان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ پىكىر – تەكلىپ، تەشەببۇسلىرىنى سىلىق رەت قىلىڭ. بۇ ھال بىرەر قېتىم داۋاملاشسا، ئۇلار قايتا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا پۇت تىقماسلىقى مۇمكىن. ئەگەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلمىسىڭىز، گەپ – سۆزسىزكى، ھامان بىر كۈنى ئائىلىڭىزدە توقۇنۇش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. توقۇنۇشتىن خالىي، ئەر – خوتۇننىڭ ئۆز تاللىشى بويىچە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەي دەيدىكەنسىز، تۇرمۇشىڭىزغا باشقىلارنىڭ ئەقىل، كۆرسەتمە پىلانلىرىنى دەستەك قىلماڭ. ئىككىيلەننىڭ ئىشىنى ئىككىيلەن پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەرلىك ۋە ھوقۇقلۇق. ئەر – خوتۇنلۇق ئىمتىيازىڭلار ۋە ئائىلە پىلانىڭلارنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويماڭ.

نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3319

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-02-13
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئائىلە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: