تۇرمۇش خاتىرىسى

لەغمەنگە يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت

 ( شەھلا 91  نىڭ  قەلىمىدىن )

كىچىكىمدە مومام كۈن ئارلىماي ئېتىدىغان لەغمەننىڭ تەمى ھىلىمۇ تىلىمدىن كەتكىنى يوق ، بۇۋام رەھمەتلىك كەسكىن ،ئاچچىقى يامان كۆرىندىغان بىراق باغرى دەريادەك كەڭ ئادەم ئىدى ،
كىچىكلىكتە بەزىدە لەغمەندىن زېرىكىپمۇ قالاتتىم ، شۇنداق چاغلاردا ئانامغا :

-باشقا تاماق ئەتسەڭچۇ !موما -دەپ ئەركىلەيتتىم .
مومام باشلىرىمنى سىلاپ ئامراقلىق بىلەن : -بالام ، بۇۋاڭ لەغمەنگە ئامراق ، بىرەر كۈن لەغمەن يىمىسە تاماق يىگەندەك بولمايدۇ ، ئەر دىگەن ئوينىڭ تۆۋرىكى ، بىزنى باقىمەن دەپ سېرتتا جاپا تارتىدۇ ، ئۆيگە كەلگەندە ھاردىقى چىقمىسا بولمايدۇ.- دەيتتى .گەرچە كۈندە ئىككى ۋاقلىق تاماق ئېتىلسىمۇ ،بۇۋام يەنىلا لەغمەننى تاللايتتى ،باشقا تاماقلار بۇۋامنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى ئىدى ،
مانا ھازىر مەنمۇ بىر ئۆينىڭ ساھىبى ، كۈندە كەچتە يولدۇشۇمنىڭ بالىلار بىلەن خوشال ئولتۈرۈپ مەن تەييارلىغان تاماقنى ئىشتىھا بىلەن ياۋاتقان تۈرقى،مېنى ئاجايىپ بىر خىل خاتىرجەملىك تۈيغۇسىغا چۆمدۈردۇ.

ئەلۋەتتە ياشاش ،يەپ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس ،بىراق يىمەي ياشىغىلى بولمايدۇ ،ھەر كىم لەززەتلىك داخىل بولغان غىزادىن سۆيۈنىدۇ ،
ئائىلىنىڭ ئارام بەخشلىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى كۆڭۈل ئازادىلىكى ،
قىيىنئام بالدۇر كېتىپ قىلىپ قىيناتام بىز بىلەن قالدى ، مەن ھەر قانچە تۈجۈبىلەپ كۈڭۈل قويۇپ تاماق قىلسەممۇ ،بىراق بۇۋاي يەنىلا ھەمرايىنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى سېغىنىپ تۈراتتى ،
بىر كۈنى تاسادىپىي بىر ۋاقلىق لەغمىنىم قىينئانامنىڭ ئەتكەن لەغمىنىدەك تېتىپ كەتكەن چىغى ،بۇۋاي :
-رەخمەت قىزىم ، ئاللاھ ئامانلىقىڭىزنى بەرسۇن !كۈندە قازىنىڭىزدا مۇشۇنداق لەغمەن پىشسۇن!رەھمەتلىك ئاپىڭىزنىڭ ئەتكىنىدەك چىقىپتۇ ،دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۈرۈپ دۇئا قىلغان ئىدى .

شۇنى چۈشۈنۈپ تۈرۈپتىمەن ،ئەر ھەم ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ، مۇقەددەس نىكاھ قەسىمى بېرىپ بىر ئۇينى تەڭ تۇتقىلى تۇرغاندىن كىيىن ، ئايالغا نىسبەتەن،يولدىشىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ، قانداق تاماقنى قايسى خىل تەمدە يىيىشنى ياقتۇردىغانلىقىنى بايقىۋىلىش بەكمۇ مۇھىم ، قارىماققا بۇ كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ بىراق ھىسياتنى باغلايدىغان مۇھىم نۇقتا ،
يولدۇشۇم تىجارەتچى ، دائىم سېرتتا غىزالىنىدۇ ، ھازىرقى تىز تاماقخانىلارنىڭ تەملىك ئوخشىغان تاماقلار بىلەن خېرىدارلىرىغا مۇلازىمەت قىلدىغانلىقى ھەممىزگە ئايان ،
بىراق ئۇنىڭ ئۆيگە كېلىپلا قازانغا قارايدىغانلىقى قانداقلا تاماق ئەتكەن بولسام ماختاپ تۈرۈپ يەيدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئائىلىگە بولغان باغلىنىشى دەپ بىلىمەن ،

ئوتكەن يىلى يولدۇشۇم ياققا يۇرتقا مالغا كەتتى ، ئۇ مېڭىپ ئەتىسى مەن چۈشلۈك تاماق قىلىۋاتسام تىلفۈن قىلىپ قالدى ،
-نىمە تاماق قىلىۋاتىسەن ؟دەپ سۆرىدى ،
-لەغمەن .
-لەغمىنىڭنى ھەجەپ سېغىندىما ،بىرنى ئىسسىق بىرنى سوغاق سالە ،
ئۇ چاقچاق قىلىۋاتاتتى ، ھەر قانچە ئايرۇپىلاندا قايتسىمۇ بۇ لەغمەنگە 700كىلومىتىر يىراقلىقتىن ئۇلگۈرۈپ كىلەلمەيدۇ-دە ، تېخى تۆنۈگۈنلا ئۇنى لەغمەن بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدىمغۇ ،بۈگۈن يالغۇز جېنىمغا دەپ .ئاخشام ئاشقان پىلتىگە قورما قورىۋاتاتتىم ،
خۇددى ئۇ راستلا قايتىپ كىلدىغاندەك تەمتىرەپ كەتتىم ،
كۈندىن كۈنگە بوي تارتىپ چوڭ بولىۋاتقان ئوغلۇممۇ بارغانسىرى لەغمەن خۇمار بولغىلى تۇردى ،
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمىنى ئائىلە مېھرىنى تاۋلايدىغان مۇھەببەت يىتىلدۇردىغان غىزا دىسەك ئارتۇق كەتمەس ،چەتئەللەردە يۈرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتەننى ئانىلىرى ئەتكەن لەغمەن بىلەن بىللە ئەسكە ئالدىكەن ، ئىشىنىمەنكى يۇرت تۇپرىقىغا دەسسەپلا بىر تەخسە ئوخشىغان لەغمەننى ئاش سۈيى بىلەن قوشۇپ ياۋالسا ھاردۇقى چىققاندەك ،باغرى قانغاندەك بولىدۇ ،
يەنە شۇ گەپ ياشاش يەپ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس ، بىراق يولدىشىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان ،يىراق يىراقلاردىن مەيلىنى ئۆيگە ،يىنىڭىزغا تارتقان لەغمەننىگە يۇشۇرۇنغان چەكسىز مېھرى مۇھەببەتكە سەل قارىماڭ !
بەختىڭىز قولىڭىزدا ، چىۋەرلىك بىلەن تەييارلىغان تائاملىرىڭىزدا

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى -

http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=43088

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=196

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-14
خەتكۈشلەر : ,
سەھىپە: ئەدەبىيات گۈلزارى
ئىنكاس: 2دانە
  1. مۇشۇ لەغمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ تامىقى جۇمۇ!مېنىڭ داداممۇ زېرىكمەي يەيدۇ.مەن كىچىك ۋاقتىمدا قەتئى يېمەيتىم،ھازىر خېلى يەيدىغان بۇلۇپ قالدىم :idea: :idea: :mrgreen:

    • ھاھاھا، ياش چوڭايغانسىرى تىخىمۇ ئامراق بوپ قالامسىز تىخى…

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: