دېڭىزدا زەخمىگە ئۇچرىمايدىغان كېمە بولمايدۇ
ئەنگىليەدىكى بىر سوغۇرتا شىركىتى ئىلگىرى بىر كېمىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان بولۇپ، بۇ كېمە ئەسلىدە گوللاندىيەدىكى بىر كېمىسازلىق شىركىتىگە تەۋە ئىدى. بۇ كېمە 1894 – يىلى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئاتلانتىك ئوكياندا 138 قېتىم مۇز تاغقا سوقۇلغان، 116 قېتىم خادا تاشقا ئۇرۇلغان، كېمىگە 13 قېتىم ئوت كەتكەن، كېمىنىڭ ماچتىسى 200 قېتىم سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما كېمە چۆكۈپ كەتمىگەن.
ئەنگىلىيە “ تايمىس گېزىتى “ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېمىنى 1987 – يىلىغىچە 12 مىلتوندىن ئارتۇق ئادەم ئېكىسكۇرسىيە قىلغان بولۇپ، ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ قالدۇرغان خەتلىرىدە “ دېڭىزدا يۈرۈۋاتقاندا زەخمىگە ئۇچرىمايدىغان كېمە بولمايدۇ “ دېگەن جۈملە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان.
دېڭىزدا يۈرۈۋاتقاندا زەخمىگە ئۇچرىمايدىغان كېمە بولمىغىنىدەك، كىشلىك تۇرمۇشتىمۇ ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاپ – ئوقۇبەتتىن خالىي بولۇش تولىمۇ مۈشكۈلدۇر. ئەمەلىيەتتە مەغلۇپ ۋە ئوڭۇشسىزلىق ھاياتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. ئازاب – ئوقۇبەت، مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق ھاياتلىقتا ھەر بىر كىشىنىڭ بىشىدىن كەچۈرۈش زۆرۈر بولغان باسقۇچ بولۇپ، ھەر بىر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىق تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىمىزنى بىر قاتلام چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بىر قېتىملىق خاتالىق ھاياتقا بولغان بىلىشنى بىر دەرىجە يوقىرى كۆتۈرىدۇ. مەغلۇبىيەت بىلەن ئازاپ – ئوقۇبەت تەڭرى بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل ئالاقە شەكلى بولۇپ، ئۇ سىزگە نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. بىر قېتىملىق ئازاب – ئوقۇبەت مۇۋاپىقىيەتنىڭ چىن مەنىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. غەلبىگە قەدەم تاشلىشىڭىزدىكى بۇرۇلۇش نوقتىڭىز ئادەتتە مەغلۇبىيەت ياكى ئوڭۇشسىزلىق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دېمەك، مۇۋاپىقىيەتكە ۋە بەختكە، شادلىق ۋە مۇكەممەللىككە ئېرىشىشنى ئويلىغان كىشى ئاۋال مەغلۇبىيەت، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاب – ئوقۇبەتنىڭ تەمىنى ھەقىقىي تېتىشى كېرەك. ئازاب – ئوقۇبەت، جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتقاندا، ياكى ئىغىر كۈنلەردە زارلىنىپ قاخشاپ ئۈمىدسىزلەنگىنىڭىزدە، “ دېڭىزدا زەخمىگە ئۇچرىمايدىغان كېمە بولمايدۇ “ دېگەن بۇ سۆزنى ھەر گىز ئۇنتۇپ قالماڭ !
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1571