ئىستاكاننى قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ !
بىر قېتىملىق تۇرمۇش سەنئىتى لېكسىيىسىدە پروفېسسور لىق سۇ قاچىلانغان ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ ئولتۇرغانلاردىن سوراپتۇ :
_ بۇئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىكتۇ ؟!
_ 50 گىرام ، 100 گىرام …. ، – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ كۆپچىلىك .
_ ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، لېكىن ئادەم ئۇنى كۆتۈرسە ھەرگىزمۇ ھارمايدىغىنىنى بىلىمەن، – دەپتۇ پروفېسسور .
_ يەنە بىر سۇئالىم: ئەگەر مەن بۇ ئىستاكاننى بىر نەچچە مىنۇت كۆتۈرسەم قانداق بولار ؟
_ ھېچنېمە بولمايدۇ – دەپتۇ كۆپچىلىك .
_ ياخشى ، ئەگەر بىر سائەت كۆتۈرسەمچۇ ؟!
_ بىلىكىڭىز تېلىپ ئاغرىيدۇ .
_ توغرا ، ئەگەر بىر كۈن شۇنداق كۆتۈرۈپ تۇرسامچۇ ؟!
_ ئۇنداقتا بىلىكىڭىز سېزىمىنى يوقىتىدۇ .
_ ياخشى ، مەن ئىستاكاننى كۆتۈرگەندە ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى ئۆزگەردىمۇ ؟
_ ياق !
_ ئۇنداقتا بىلىكىم نېمىشقا ئاغرىيدۇ ، بىلىكىمنىڭ ئاغرىشىنى خالىمايمەن ، قانداق قىلىشىم كېرەك ؟
_ بۇ بەك ئاددىيغۇ ، ئىستاكاننى قويۇپ قويۇڭ !
_ شۇنداق ، – دەپتۇ پروفېسسور تەستىقلاپ ، – ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر خۇددى قولۇمدىكى ئىستاكانغا ئوخشايدۇ ، بىرەر مەسىلىنى بىر نەچچە مىنۇت ئويلىساق ھېچقىسى يوق ، لېكىن داۋاملىق شۇ ئىشنى ئويلاۋەرسەك يۈرىكىمىز ئاجىزلىشىپ كېتىشى ، ھەتتا بارغانسېرى روھىي جەھەتتىن بىراقلا تۈگىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن . شۇ ۋاقىتتا بىز ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز . تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش ، بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك ، لېكىن ھەمىشە شۇ مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ، شۇ ئىشلار ئۈچۈن غەم يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق . مۇۋاپىق پەيتتە شۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىپ ئۆزىمىزنى يېنىكلىتەيلى ، بولمىسا ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا غەملەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىمىز .
دوستۇم ، ئىستاكاننى قولىڭىزغا ئالغاندا ئۇنى قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ !
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3114