تۇرمۇش خاتىرىسى

ئەرلەر ئۈچۈن سېگنال، ئاياللار ئۈچۈن ئىبرەت

ئاپتورى: كورلا كېچىسى

مەزكۇر ۋەقەلىكنى، مەن قانداقتۇر خىيالىمغا ئاساسەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ئەمەس، بۇ ۋەقەلىك، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، شۇنداقلا قول سېلىپ بىر تەرەپ قىلغان ئائىلە ماجراسى.

زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقى ئەمدىلەتىن بېسىقىپ، ئەتىياز كىرىش ئالدىدىكى بىر سەھەر.
ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئىشخانامغا كىرىپ تازىلىق قىلىپ ئولتۇرۇشۇمغا، 26، 27 ياشلار چامىسىدىكى سۇلغۇن چىراي بىر يىگىتى سالام- سائەت قىلمايلا كىروسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ، بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئولتۇردى. ئۇزۇنغىچە زۇۋانغا كەلمىگىنىگە قاراپ، ئەھۋال سورىدىم. «ئاجرىشاتتىم» دېدى ئۇ. «ئاجراشساڭ ئايالىڭ قېنى؟ سەۋەبى نېمە؟» دېيىشگە ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلاشقا باشلىدى. بىردەملىك بېسىقىشتىن كېيىن، سىلەرگە ئاشكارىلىماقچى بولغان تۇنجى ۋەقەلىك ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ تەسۋىرلىشى بىلەن قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
ئەتىۋارلىق بىرلا ئوغۇل بولغىنى بىلەن، قىزلارغا تىكىلىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلالماسلىقى سەۋەبلىك، چوڭلار ئۆزى ئۇقۇشۇپ، 5 ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ بېشىنى ئوڭغاپ قويۇپتۇ. نىكاھ ھاياتىنىڭ ئۇلۇغلىقىدىنمىكىن ئايالىنى باشقىچىلا ياقتۇرۇپ، بىر دەم كۆرمىسە تۇرالماس بولۇپ يۈرۈپتۇ. شۇ تەرىقىدە توينىڭ شېرىن ئېيى ئۈچ ئاينى بېسىپ ئۆتكەن بىر كۈنى، ئوغۇلنىڭ ئانىسى: «بالام، ئايالىڭ قازان بېشىدىكى چاغدا تۇيۇقسىز كىرىپ قاپتىمەن، قارىسام مېنى كۆرۈپ ئۆڭ – سولى يوق، تامىقىڭغا سېلىۋاتقان بىر نەرسىنى دەرھال يانچۇقىغا سېلىۋالدى، دىققەت قىلغىن جۇمۇ» دەپتۇ. ئۇ: «ھەر قىسما گۇمان قىلمىغىنە، قېرىغاندا گۇمانخور بولىدىكەنسىلەر» دەپ رەدىيە بېرىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. نەچچە كۈن ئۆتۈپ چۈشلۈك تاماققا ئاز قالغاندا سىرتتىن ئاشخانا ئۆيگە كىرىشىگە، ئايالىنىڭ جىلىتكە يانچۇقىدىن بىر تۈگۈنچەكنى ئېلىپ، چېنىدىكى سۇيۇق ئاشقا ئۇۋىتىپ سېلىۋەتكىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ. تۇيۇقسىز كىرگەن ئېرىنى كۆرۈپ ئايال تۈگۈنچەكنى يانچۇقىغا سېلىۋاپتۇ. ئەر نېمىنى سالدىڭ دەپ سورىسا دۇدۇقلاپ جاۋاب بېرەلمەپتۇ. ئۇنىڭ يانچۇقىدىن چىقارمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قوللىرىنى قايرىپ ئاقتۇرگىنىدا قولىغا چىققىنى ئايال كىشىنىڭ ئادەت كۆرگەندە ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىدىغان قان قەغىزى ئىكەن. ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالغان ئەركەك بۇ نىجىس ئايالنى سۈرۈم- توقاي قىلغىنىچە ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ تاماق يىمىگىلى ئىككى ئاي بوپتۇ، كۈندە ئازدۇر- كۆپتۇر ھاراق ئىچىپ مەست بولىۋېلىپ، نان چاي ئىچىپ ئۆرە تۇرىۋېتىپتۇ.

بۇ شىكايەتلەرنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەي، ھەقىقىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاۋۋال ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە باردىم، ئوغۇلنىڭ ئانىسى ئالدىمغا تاشلاپ قويغان قۇرۇپ كەتكەن قان قەغىزىنى كۆرۈپ، ئاشقازىنىم ئۆرتەندى.
ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئارقىلىق شۇ نادان ئايالنى ئىشخانامگە چاقىرتتىم. چىرايىدىن ئادەتتىكى قىزلارغا ئوخشاش پاكىزلىق چىقىپ تۇرىدىغان، ئەملىيىتىنى بولمىسا باشتا كۆتۈرۈپ ئەزىزلىگۈدەك بىر قىز ساڭگىلاپ ئولتۇراتتى.
خىزمەت مېتوتىمنى ئىشلىتىپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلدۇردۇم. سەۋەبىنى سوراپ بىر كۈلگۈم، بىر ئاچچىق يىغلىغۇم كەلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە يولدىشىنى بەكلا ياقتۇرىدىكەن، باشقا زىددىيەتمۇ يوقكەن، ئەمما قولۇمدىن چىقىپ كېتەرمۇ دېگەن ساددا ئاي ئۇنى يولدىشىدىن گۇمانسىرىتىپلا تۇرىدىكەن. ئۇ تونۇيدىغان بىر چوڭ ئايال: «ئېرىڭىزنى ئۆزەمگە تارتىپ يېقىنلاشتۇرىمەن، سىزغان سىزىقىمدىن چىقمايدىغان قىلىمەن دەيدىكەنسىز، مۇشۇ ئۇسۇلنى يەتتە كۈن قوللانسىڭىز، مەقسىتىڭىزگە يېتىسىز» دەپ ئۆگەتكەن ئىكەن. نادانلىق، كۇپپارلىق ئۇنىڭ بۇ ئىشنى سىناپ بېقىشىغا تۈرتكە بولۇپتۇ. مانا ئاقىۋېتىدۇ، ئەردىن ئايرىلىش، شۇنداقلا ئەرنى قەستلىگەن ناپاك دېگەن نامغا قېلىش بىر ئۆمۈر ئۇنى قىينايدۇدا. قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىمىسىمۇ، ۋىجدان جازاسى ئۇنى قانچىلىك ئازابلار ۋە ياكى بۇنداق ناداندا ۋىجدان ئازابى مەۋجۇت بولماسمۇ؟  
زېرىكمەي ئىككىنچى ۋەقەلىكنى قىسقىچە ئاڭلىۋېلىڭ…
يۇرتىمىزدىكى ئاۋات رەستىدە، نامى بار ئائىلىدە چوڭ بولغان بىر يىگىتنىڭ ئىشخانامغا قەدەم بېسىشى، ئاڭلىمىغان يەنە بىر ۋەقەلىكنى ئاڭلىتىپ ئىچىمنى بىسەرەمجان قىلدى.
بۇ يىگىتى قول ئىلكىدە بار ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا، ئويۇن – تاماشىنى تەرك ئەتمەي، ئېگىز- پەس، ئوي- چوڭقۇر سورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە دەخىل بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ نازىنىنلار بىلەن ئويناشلىرى، ئايالىنىڭ قوسىقىنى كۆپتۈرۈپ، ئېرىدىن ئاشۇرۇپ ئويناۋاتقانلىغىدەك ئەمەلىيەتنى بىر شۇ يىگىتتىن باشقا كىشىلەر بىلىشەتتى.
ئەمدى بۈگۈن قانۇن دەرۋازىسىغا قەدەم بېسىشىدىكى مەقسىتىنى سورىشىمدىن، ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ چىڭغا چىققانلىقىنى چۈشەندىم. بۇ نادان مەينەتلەر ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس دېگەندەك، ئەتراپتىكى سۆز- چۆچەك، كۆز- قۇلاقلاردىن ئەنسىرىمەي، ئۆز ناپاقلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كۈنلەردە، ئايالنىڭ ئاغزى بوشلۇقى سەۋەبىدىن خوشنىسىغا: «بۇ تېتىقسىز ئېرىم يۈرىكىمنى ئېزىپ سىرتلاردا ئوينىغاچقا مەنمۇ زېرىكىشنى بېسىش ئۈچۈن جىم يۈرمىدىم. شۇ قىلغان ئەسكىلىكلىرىدىن ئۆچلۈكىم كېلىپ ئەقلىنى بۇلغاي دېگەن مەقسەتتە، سىرتتا ئاشنام بىلەن ئويناپ ئۆيگە كېلىپ بويۇمنى سۇغا سېلىپ، داستىن يۇدىمىزنىڭ سۈزۈك يېرىنى مېنىرال سۇنىڭ قۇتىسىغا قاچىلاپ، توڭلاتقۇدا مۇزلىتىپ چاي دەپ توۋلىسا، مانى مۇزدەك ئىچكىنە دەپ نەچچە قېتىم ئىچۈرىۋەتتىم. ئۇنىڭغا بولغان قوساق كۆپىكىم مۇشۇنىڭ بىلەن خېلى يەڭگىللەپ قالدى» دەپ سېلىپتۇ. بۇ توڭگۇزنىڭ قىلىقىدىن نەپرەتلەنگەن خوشنىسى بۇ گەپلەرنى ئېقىتماي- تېمىتماي ئېرىگە دەپ قويۇپتۇ. ئېنىق ئىسپات ئالدىدا ئايالمۇ دېگىنىگە، قىلغىنىغا تەن ئېلىپتۇ.
سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى، نادانلىق توغرىسىدىكى قائىدىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشماي قىسقىچە قارىشىمنىلا ئوتتۇرىغا قوياي.
ئىلگىرى خىزمەت جەريانىدا، ئايالىم قۇلۇپقا ئوقۇتۇپ كارۋىتىمنى ئاستىغا تاقاق سېلىپتۇ، ياستۇقۇمنىڭ ئىچىگە تىلتۇمار پۈتۈپ پۈتۈك چىقىرىپ قەستلەپتۇ، ئىسسىتقۇ، سوۋۇتقۇ قىلىپ ئوقۇتۇپتۇ، دېگەندەك بىمەنە زىددىيەت سەۋەبلىرىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلەرنى قاتتىق- يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەربىيە ئىشلەپ قايتۇرىۋەتتۇق، ئەمدى يۇقىرىقىدەك ئىككى ئىشنىڭ كەينى- كەينىدىن چىقىشى، شۇنداقلا قايسى بىر ئايالنىڭ، ئەر كىشىنىڭ كىر- قاتلىرىغا ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى، كۇسۇرىنى قوشۇپ يۇيسا، ئېرى سىزغان سىزىقىدىن چىقماس بولارمىش، دېگەن پەتىۋالىرىنى مېنى قاتتىق ئويلاندۇرۇپ قويدى. 
بۇ قىلمىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپتىمەن بولمىسا مۇنداق مەتنەيچىلىك، مۇنداق ناپاكلىقنى ئاڭلىساممۇ ئىشەنمەس بولغىيتىم دەيمەن.
جاھاننى راستلام مەينەتچىلىك قاپلىغاندىمۇ؟ كىشىلەردىكى ئىمان، ئىنساپنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن زادى نېمىدۇ؟
مانا بۇلارغا پەقەت سوئاللا قويالايمەن، جاۋابىنى بېرىشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ…
ئاشۇنداق نادانلار، مەينەتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقى كىشىلىرىمىزدىكى ئىمان ئاجىزلىق، ئىنساپسىزلىقنىڭ ئىپادىسى.
سىز ئەگەر بىر ئەركەك بولۇڭ، ئىمان ئارقىلىق دىلىڭىزنى يورۇق قىلىڭ، سىرتتىكى ناپاكلىقتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ شۇنداقلا ھالال ئايالىڭىزنىڭ پاكلىقىنى قوغداڭ. بەلكىم ئايالىڭىزدىن قەستلەشكە ئۇچرىسىڭىزمۇ، ئېرىنى قەستلەپ يۈرگەن ئاشۇنداق نىجاسەتلەرنىڭ قوينىدا يايراپ قېلىشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرالماسلىقىڭىز مۇمكىن. دومىلىچىلىق (پالاكەتچىلىك) ئۇلارغا ھەرۋاقىت ھەمرا!
ئەگەر ئايال بولسىڭىز، ئۆيىڭىزنىڭ تۈۋرىكى، بالىلىرىڭىزنىڭ يان تايىقى بولغان قىيامەتلىك ئېرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىڭ، ناپاكلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ قەستلەش سېپىگە قوشۇلۇپ سالماڭ، دوۋزىقى بولماڭ.
ئىنسانلار سىزنىڭ ناپاكلىقىڭىزنى كۆرەلمىسىمۇ، ئاللاتائاللا ھەمىمىمىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
يازمام ئەرلەر ئۈچۈن سېگنال، ئاياللار ئۈچۈن ئىبرەت بولۇپ قالغۇسى…

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2711

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-16
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تۇرمۇش رۇجەكلىرى
ئىنكاس: 1دانە
  1. مۇئەللىم

    بۇ ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك ؟!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: