تۇرمۇش خاتىرىسى

كەڭ قورساقلىق گۈزەل ئەخلاق

ئەدىپلەر كەڭ قورساقلىق بولۇشنى تىكەندىن ئۈنۈپ چىققان گۈل، دەپ تەرىپلەشسە، تېببي ئالىملار ئۇنى ساغلاملىقنىڭ ئاساسى، دەپ تەرىپلىشىدۇ؛ پەيلاسوپلار ئۇنى بىر ئادەمنىڭ تەربىيە كۆرگەنلىكىنىڭ ھەم ئاق كۆڭۈللىكىنىڭ جەۋھىرى، دەپ تەرىپلەشسە، پىسخولوگلار ئۇنى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ دورىسى، دەپ تەرىپلىشىدۇ. بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغاندا، كەڭ قورساقلىق دانالارنىڭ ھەمراھى، نادانلارنىڭ دۈشمىنىدۇر.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر قېتىملىق زىياپەتتە بىر ئايال چېرچىلنىڭ يېنىغا قەدەھ كۆتۈرۈپ كېلىپ: « مەن سىزگە ئۆچ، ئەگەر سىزنىڭ ئايالىڭىز بولغان بولسام، ھارىقىڭىزغا زەھەر سېلىۋەتكەن بولاتتىم » دەپتۇ. ئەمما چېرچىل كۈلۈپ تۇرۇپ: « ئەگەر ئېرىڭىز بولغان بولسام، ھاراقنى ئىچىۋەتكەن بولاتتىم » دەپ سالماقلىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ، قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن كەڭ قورساق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ.
تۇرمۇش دېڭىز بولسا،كەڭ قورساقلىق كېمىدۇر. كېمە بولغاندىلا، دېڭىزنىڭ بىپايانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. تۇرمۇش تاغقا ئوخشايدۇ، كەڭ قورساقلىق تاغدىكى چىغىر يولغا ئوخشايدۇ، چىغىر يول ئارقىلىق تاغنىڭ ئىگىزلىكىنى بىلگىلى  بولىدۇ.
تۇرمۇش ناخشىغا ئوخشايدۇ، كەڭ قورساقلىق بولسا مۇزىكىغا ئوخشايدۇ. مۇزىكا تەڭكەش قىلغاندىلا، ناخشىنىڭ يېقىملىق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ كەڭ قورساق بولساق، چۈشۈنۈش چوڭقۇرلىشىدۇ، ئىشەنچ ئاشىدۇ، دوستلۇق چوڭقۇرلىشىدۇ. شۇڭا خۇشال- خورام ياشايمىز دەيدىكەنمىز، كۆكسى- قارنىمىز كەڭ بولسۇن .

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3086

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-01-08
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: