تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ئەخلاقنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بىرەمدۇ ؟

بىلىملىك ۋە ئەخلاقلىق، سۆزى شېرىن، خۇلقى گۈزەل ئادەم تولىمۇ يېقىملىق ئادەمدۇر. بۇنداق ئادەملەرنىڭ باسقان قەدەملىرىدىن گۈل ئۈنىدۇ. ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان، بىللە ئىشلىگەنلەرنىڭ بەھرى ئىچىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار نەگە بارسا ئەزىزلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنى مىللىي ئەدەپ – ئەخلاق يوسۇنلىرى بىلەن، كۈللى ئىنسانىيەت ئەمەل قىلىۋاتقان ئىنسانلىق ئۆلچەملىرى بىلەن چەكلىمەي، شەيتانمۇ ھەۋەسلىرى ۋە تويماس نەپسى تەلەپلىرى بويىچە ئۆزىنى ئاتالمىش « ئەركىن » قويۇۋەتكەنلەر، ھەر نېمە دېگەنبىلەن كىشىلەر نەزىرىدە ئەرزىمەستۇر. چۈنكى ئۆز جەمئىيىتىگە جاۋابكارلىق پوزىتسىيە تۇتمىغان، ئۆزىگە ئۆز قوۋمى ھەققىدە تەلەپ قويمىغان، زادىلا بىرەر مىللىي مەدەنىيەت، ئادەم ھەم ئەخلاق تەلەپلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغان « ئەركىن » لەر ناھايتى ئاڭلىق بولغان شەخسىيەتچى ساراڭلار بولۇپ، بۇنداق ساراڭلار ئەلۋەتتە نەگىلا بارسۇن شۇ يەردە ئەرزىمەستۇر.
مۇھىدىن جۇۋەينى بۇ ھەقتەمۇنۇ ھېكايەتنى بىزگە سۇنىدۇ: ئەدەپ خەزىنىسىنى يۈرىكىگە جۇغلىغان بىر يىگىت بار ئىدى. ئۇ ئۆز بەختىنى تاپالماي بىر نەچچە ۋاقىت سەرسان – سەرگەردانلىقتا يۈردى. كۈنلەردىن بىر كۈنى نۇشىرۋاننىڭ خادىملىرىدىن بىرىنىڭ خىزمىتىگە كىرىپ قالدى. ئۇ يەردىكى قىيىنچىلىق ۋە مەكرو خىياللارنىڭ ئازابىغا قانچىلىك سەۋر قىلمىسۇن بىرەر پايدا كۆرمىدى. قاراڭغۇ تۈنلەرنى بولسا ئېغىر خىياللار بىلەن ئۆتكۈزدى.
بىر كۈنى نۇشىرۋان مەجلىس ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆز مۇلازىملىرىدىن : « ئەڭ يۇمشاق نەرسە نېمە ؟ » دەپ سورىدى. بىراۋ : « شايى » دەپ جاۋاب بەردى. بىراۋ بولسا : « تاۋۇس پەيلىرى » دېدى. يەنە بىراۋ بولسا : «شايىدىن يۇمشاق يەنە نېمە بولسۇن » دېدى. بۇ چاغدا ئۇ يىگىت ساراي تۆپىسىدە تۇرغانىدى. ئۇ مۇلازىملارنىڭ جاۋابلىرىدىن نۇشىرۋاننىڭ كۆڭلى قانائەت تاپمىغانلىقىنى كۆرۈپ سۆزلەشكە ئىجازەت سورىدى. ئىجازەت بولغاندىن كېيىن دېدى : « ئەڭ يۇمشاق نەرسە تىنچلىقتۇر. » نۇشىرۋان ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتتى ۋە يەنە :« ئەڭ ياخشى غىزا قايسىدۇر؟ » دەپ سورىدى. يىگىت :« شەھۋانىي ھېسسىياتنى ئاشۇرمايدىغان ۋە تەندە ئىللەت قوزغاتمايدىغان غىزا ئەڭ ياخشى غىزادۇر » دەپ جاۋاب بەردى. يەنە سورىدى :« گۈللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ شېرىن ھىد چاچىدىغان گۈل قايسى؟ » يىگىت :« ئاتا – ئانا تىرىكلىكىدە ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نامىنى باقىيلاشتۇرىدىغان ھايات گۈلى بولمىش پەرزەنت! » دەپ جاۋاب بەردى.
نۇشىرۋان يىگىتنى تەقدىرلىدى ۋە ئۆز ھەكىملىرى قاتارىغا قوشتى.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەنە شۇ ئىزچىللىقنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ئىنسانىيەت ئورتاق ئەمەل قىلىۋاتقان ۋە ئەجداتلىرىمىزدىن مىراس قالغان پارلاق ئادەت ( ئەخلاقىي – پەزىلەت ) ئۆلچەملىرىدە تۇرىدىكەنمىز، ئاشۇ يىگىتتەك بەختلىك بولۇپ، خار – زارلىقتىن ساقلىنىمىز، ئەزىزلىنىمىز، خەلقىمىزنىڭ ھەربىر ئەزاسى قەلبىنى پاكلاپ، ئەدەپ – ئەخلاقنى كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپى بىلىپ، مەجبۇرىيەتلەر ئىلكىدە تۇرىدىكەن، خەلقىمىزمۇ ئەزىزلىنىش يولىغا ماڭىدۇ. بۇ ئۆلچەملەردە تۇرمايدىكەنمىز، ئۆزىنى يۈگەنلىمەي ھەممىلا ئىشقا « ئەركىن » لىكنى تەلەپ قىلىدىغان ساراڭلار قاتارى ئەرزىمەسلىككە يۈزلىنىمىز. چۈنكى بوۋىمىز ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋايى ئېيتقاندەك، « ئادەملەرنىڭ تەبىئىتى بىرەر نەرسىگە ئادەتلىنىپ قالسا، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ، ئۇ ئادەت كۈچەيگەنسېرى ۋە كونىرىغانسېرى ئۇ كىشىنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. » ئاخىر بېرىپ ياخشىلىققا ماڭغانلارمۇ، يامان يولغا ماڭغانلارمۇ تېگىشلىك بەختكە، تېگىشلىك خار – زارلىققا ئۇچرايدۇ. ھازىرقى كۈندە بەزىلەر خۇددى بۇ دۇنياغا ئۆز جەمئىيتىدىن ئېلىشقىلا تۇغۇلغاندەك ، بېرىش مەجبۇرىيىتى يوقتەك قىلىشىدۇ. بۇلار ئەنە شۇ يامان تەبىئەتكە كۆنۈپ قېلىۋاتقانلار بولۇپ، تارىخى ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئالمىغان بۇنداق يەمخۇرلار ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
دېمەك، بىزنىڭ كىشلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەدەپ – ئەخلاق ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك بولۇپ، ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئايلانغان ھامان، ئۇ تونۇشتۇرۇش سۈپىتىدە ھەممە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، بىر ئادەم بىر ئادەمنى پەقەت ئۇنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقى ئارقىلىق چۈشىنىۋېلىپلا، دەرھال ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، تۈرلۈك – تۈمەن ئىشلار ئىچىدە نەپسىنى يىغىپ، ئەدەپكە قايتماق، يامان ئادەتلەردىن ياخشى ئادەتلەرگە ئۆتمەك ھەممىدىن زۆرۈردۇر.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2680

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-13
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: