زەھەرلىك دورا
لاۋ فاڭ دورا زاۋۇتىدا خىزمەت قىلاتتى، زاۋۇتنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ئىنتايىن قاتتىق بولوپ، ئەگەر ئىشچىلارنىڭ دورا ئوغۇرلىغانلىقى بايقالسا دەرھال ئىشتىن بوشىتىلاتتى.
قاتتىق تۈزۈم گەرچە دورىلارنىڭ ئوغۇرلىنىپ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى توسۇپ قالالىغان بىلەن، زاۋۇتتىكىلەرنىڭ ئوغۇرلاپ يەۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايتتى.
بۇ زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىدىغان دورىلارنىڭ ھەممىسى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش تۈرىدىكى دورىلار بولوپ، كېسىلى بار ياكى يوق بولسۇن، ئىشقىلىپ يېسىلا پايدا قىلاتتى. لاۋفاڭ، ئۇمۇمنىڭ نەرسىسىنى يېمىسە بىكار ئىسراپ قىلغانلىق، يېسە پايدا قىلىدۇ ئەمەسمۇ، دەپ قارايتتى، شۇڭا، ئادەتتە بىكار قالغان چېقىغا ئوغۇرلاپ يەيتتى.
دەسلەپتە يىگەن چاغدا لاۋفاڭ بەدىنى يەڭگىللەپ قالغاندەك، راھەتلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋاملىق يەۋەردى.
يەنە بىر مەزگىل يىگەندىن كىيىن، لاۋفاڭ بىر كۈن يېمىسا بەدەنلىرى بىئارام بولىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، كۈندە يەيدىغان بولدى.
ئىككى، ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن، لاۋفاڭ گەرچە كۈندە يېسىمۇ، بەدىنىنىڭ بەر يەرلىرى ھېمىشە بىئارام بولىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يېيىشنى توختىتىپ، دوختۇرغا كۆرۈندى.
دوختۇر كۆرسەەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا دورا يېزىپ بەردى، ئەمما، ئۇ دورىلار كار قىلمىدى. دوختۇر، ئادەتتە دورىلارنى كۆپ يىگەنلىكتىن بولغان دېدى.
دورا كار قىلمىغانلىقتىن، ئۇزۇن ئۆتمەي لاۋفاڭ قازا قىلدى.
قانداق نەرسىگە ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ، بېرىپ كەتسە، ئۇ بىر زەھەرلىك دورىغا ئايلىنىدۇ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2296