![]() |
ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى
بارىكەنۇ يوقىكەن، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئىسكەندەر ئاتلىق كاتتا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. شەمشىرىنى ئوينىتىپ پۈتۈن دۇنيانى سورىغانىكەن. ئىسكەندەر پادىشاھنىڭ بېشىدا مۈڭگۈزى بارىكەن. ئەمما بۇنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ھەرقېتىم چېچىنى چۈشۈرگەندە ساتىراچ كۆرۈپ قالىدىكەنۇ، چاچنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ساتىراچنى ئۆلتۈرگۈزىۋېتىدىكەن. بىر قېتىم ئىسكەندەر پادىشاھ چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ساتىراچنى ئۆلتۈرىۋىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. ساتىراچ ئىسكەندەر پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يېقىلىپ:
-ئى پادىشاھى ئالەم، ماڭا رەھىم قىلغايلا، ئۈچ نارىسىدە بالام يېتىم بولمىسۇن،خوتۇنۇم تۇل قالمىسۇن، قېرى ئانام باققۇچىسىز قالمىسۇن، سېلىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى بىر ئۆمۈر ئېغىزىمدىن چىقارماسلىققا ۋەدە بېرەي، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچكەيلا!. دېگىنىچە ھۆڭرەپ يېغلاپ كېتىپتۇ.
ئىسكەندەر پادىشاھنىڭ رەھىمى كېلىپ ئۇنى قويىۋېتىپتۇ. ساتىراچ قايتىقاندىن كېيىن مەخپىيەتلىكنى يىللارچە ئېغىزىدىن چىقارماپتۇ. پادىشاھنىڭ گىپى بولغانلىكى يەردە دىگۈسى كەلسىمۇ يۈتۈۋېتىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ قورسىقى كۆپۈپۈپ چىدىيالماپتۇ.سكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بارلىقىنى تىنالماي كۈندىن – كۈنگە قورسىقى ئىسىلىپ ماڭالماي، ماڭالمىغانچە تىنالماي قالغان ساتىراش ئاخىر بولالماي چۆلگە چىقىپ ئىنىس – جىن يوق يەردىكى بىر كونا قۇدۇققا دۈم يىتىپ تۇرۇپ ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار، دەپ ئۈچ مەرتەم ۋارقىرىغاندىن كېيىن قورسىقى بوشاپ كىتىپتۇ. ساتىراش كەتكەندىن كېيىن، بۇ كونا قۇدۇقتىن ئاجايىپ چىرايلىق بىر قومۇش ئۈنۈپ چىقىپتۇ. پادىچى مال بېقىپ قۇدۇق بېشىغا كىلىپ قارىسا، قومۇش كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئۇنىڭدىن بىر نەي ياساپ چاپتىكەن. نەينىڭ ئاۋازى ئادەم گەپ قىلغاندەك ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار دەپ چىقىپتۇ. پادىچى نەينىڭ گەپ قىلغىنىدىن ھەيران قىلىپ، خاتا ئېشىتتىممۇ، نەي گەپ قىلامدۇ، دەپ ئەتراپقا قارىسا، ئادەم تۈگۈل ئىنسى – جىن يوق. خاتا ئاڭلىغان ئوخشايمەن دەپ نەينى يەنە پۈۋلىگەنىكەن. نەيدىن يەنە ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار دېگەن ئاھاڭ چىقىپتۇ. پادىچى قورقۇپ كېتىپ نەينى قۇدۇققا تاشلىۋېتىپتۇ. ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرسا، نەي ياساش ئۈچۈن كەسكەن قومۇشنىڭ قۇلاقلىرىنى يەپ قالغان قوي، ئۆچكە، كالا مەرىسە، مۆرىسە ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار دەپ مەرىگۈدەك، مۆرىگۈدەك. پادىچى تېخىمۇ قورقۇپ كېتىپتۇ. ئاشۇنداق مەرىگەن ، مۆرىگەن قوي، كالىنى تاشلىۋىتەي دېسە زىيان بولىدىكەن. باقاي دېسە سەن كالا – قويلىرىڭغا قانداق مەرەش، مۆرەشنى ئۈگەتتىڭ ، دەپ پادىشاھنىڭ كاللىسىنى ئىلىشىدىن قورقىدىكەن. ئاخىرى بىر ئەقىل تېپىپ ئاشۇنداق مەرەپ، مۆرەيدىغان كالا – قويلىرىنىڭ ئاغزىنى بوغۇپ بازارغا ئەكىرىپ ساتماقچى بوپتۇ. خېرىدار ئالماقچى بوپتۇ. ئەمما، ئاغزى بوغۇقلۇقنى كۆرۈپ ئاغزىدا كېسەل بارمۇ نېمە، كۆرۈپ باقاي دەپ قوي – كالىنىڭ ئاغزىدىكى بوغۇقنى يەشكەنىكەن، شۇئان قويمۇ، كالىمۇ ھېلىقى قورقۇنچلۇق گەپنى دەپ مۆرەپ، مەرەپتۇ. بازاردىكى بارلىق خالايىق بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بازارنىمۇ، قوي – كالىسىنىمۇ تاشلاپ ئۆلەر تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىچىمۇ قوي – كالىسىنى تاشلاپ قىچىپتۇ. لەشكەرلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ بازارغا باستۇرۇپ كىرسە، مال بازىرىدا بىرمۇ ئادەم يوق. مال – چاۋىلار ئىگىسىز قاپتۇدەك. بۇنى كۆرگەن زىندان بىگى ئىگىسىز قالغان بارلىق ماللارنى قاسساپقا سېتىپ، پۇلنى يانچۇقىغا سىلىپ، بېيىپ كىتىپتۇ. قاسساپ ئەرزان ئالغان مالنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى سېتىپ باي بوپتۇ. ھېلىقى مالنىڭ گۆشىنى يىگەن ھەممە ئادەمنىڭ ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار دېگەن گەپنى دېگۈسى كىلىپ ئىچى تىتىلدايدىكەن. دېسىلا ئىچىنىڭ سىقىلىشى بوشايدىكەن. ئەمما، يەنە بىر دەمدە دېگۈسى كىلىپ تۇرالمايدىكەن، ئۆزئارا دېيىشسە، ۋاي دېمىسەڭمۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان گەپ دەپ بىر – بىرىدىن خاپا بولىشىدىكەنۇ، ئەمما يەنە ھەممە ئادەم بىلىدىغان شۇ گەپنى دېيىشمىسە تۇرالمايدىكەن. دېيىشسىلا قىمىلداپ تۇرالماي قالغان ئىچى بىردەم بېسىقىدىكەن. ئەمما دېگەنلەرنىڭ دېمىگەنلەر زىندان بىگىگە چىقىپ قويىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ قالغان زىندان بىگى ئۇلارنى تۇتۇپ كاللىسىنى ئاپتۇ. كاللا كىسىشتىن زىرىككەن، قىلىچىنىڭ بىسى ئۆتمەس بولۇپ كەتكەن جاللاتلار بەش تەڭگە بەرسە قويۇۋېتىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇنداق دېگەنلەردىن زىندان بىگى بىلەن جاللاتلار پۇل ئىلىپ باي بولۇپ، ئىشىكلىرى ئالتۇندىن ، تاملىرى كۈمۈشتىن، ھەتتا ئىتلىرىنىڭ يالاقلىرىمۇ ئالتۇندىن بولۇپ كىتىپتۇ. خەقلەر كەمبەغەللىشىپ كەتسىمۇ قورساق كۆپىدىغان كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئاۋال بەش تەڭگە تەييارلاپ قويۇپ، قورساق كۆپۈپ ، تىنالماي، ماڭالماي قالغاندا شۇنداق دەيدىكەن. دەرھال قورسىقى بوشاپ كېسەلدىن ئادا تاپىدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر قوغۇنچى قوغۇنلۇقتا قوغۇنغا سۇ قويۇۋىتىپ قورسىقى كۆپۈپ شۇنداق بولالماي قېلىپ شۇنداق دەپ ساپتىكەن، پىشقان قوغۇنلارنىڭ ھەممىسى « ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار » دەپ ئېتىلىپ كىتىپتۇ. قوغۇنچىنىڭ ئەقلىگە يەنە بىر ئەقىل كىلىپ، پىشقان قوغۇنلارنى ئۈزۈپ زىندان بىگى ھەم جاللاتلارغا، ئاندىن خان ئوردىسىغا كىرگۈزۈپ بېرىپتۇ. زىندان بىگى قوغۇننى يەپلا شۇنداق دېگۈسى كېلىپ كېتىپ، بولالماي دەپ ساپتىكەن، جاللاتلار زىندان بىگىگە قىچلىرىنى تەڭلەپ كېلىپ ئۆزلىرىمۇ شۇنداق دەپ ساپتۇ. زىندان بىگى جاللاتلارنى ئۆلۈمگە بۇرۇي دەپ تۇرسا ياساۋول، لەشكەرلەرمۇ دەپ ساپتۇ. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق دەپ تۇرسا پادىشاھمۇ مەززىلىك پۇرىغان قوغۇننى يەپ بولۇپلا ئۆزىنىڭ دېگۈسى كىلىپ قورسىقى كۆپۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھ دېسە قورسىقى بوشاپتۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ قورسىقى كۆپۈپ ئاران تۇرغان ئوردا ئەھلىمۇ تەڭلا دەپ ساپتۇ. پادىشاھ ئۆزىدىن باشلاپ ھەممە ئادەمنى تەڭلا ئۆلۈمگە بۇيرۇي دېسە ئەقىلگە سىغماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىسكەندەر بېشىدىكى تاجىنى ئەپ تاشلاپ مۈڭگۈزىنى ئاشكارىلاپتۇ، ھەمدە ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار دېگەنلەرنى ئۆلتۈرۈش پەرمانىنى بىكار قىلىپتۇ.
توردا ئوقۇغان بۇ چۆچەكنى توك تۇيۇقسىز توختاپ قالغان بىر ئاخشىمى ئىككى ئوغلۇمغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇنىڭسىزمۇ بۇنداق ئاخشاملاردا ئۇلارغا سۆزلەيدىغان چۆچەك – ھېكايە تاپالمىسام ئوغۇللىرىم مېنى ھېچ ئارامىمدا قويار ئەمەستى. چۆچەك تۈگىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلۈشۈپ، ئىككى قولى بىلەن قورسىقىنى تۇتقىنىچە « ۋاي قورسىقىم كۆپۈپ كەتتى، دەۋىتىمەن » دېيىشكىنىچە ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار دەپ ۋارقىرىشىپ ئۆينى قاينام – تاشقىنلىققا چۈمدۈرۈپ، يول بويىدا قاتار سىلىنغان بۇ كوچىدىكى شام چىراغلىرى يورۇپ تۇرغان ھەر بىر ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ خوشاللىق ساداسىغا قوشۇلۇپ كەتتى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1882
manmu toluk okudum kaqta balirimga okup bireman
ياخشى، پات – پات كىرىپ تۇرغايسىز