ئەڭ چىرايلىق يوپۇرماق…
بىر پېشقەدەم راھىب ئىككى شاگىرتى ئىچىدىن بىرىنى ئۆزىگە ۋارىس قىلىپ تاللىماقچى بوپتۇ.
بىر كۈنى پېشقەدەم راھىب شاگىرتلىرىغا :
ـ سىلەر سىرتقا چىقىپ بىر تالدىن ئەڭ چىرايلىق يوپۇرماق تېپىپ كىلىڭلار، ـ دەپتۇ.
ئىككى شاگىرت يولغا چىقىپتۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي چوڭ شاگىرتى قايتىپ كېلىپ، ئۇستازىغا ئانچە چىرايلىق بولمىغان بىر تال يوپۇرماقنى سۇنۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا :
ـ بۇ يوپۇرماق ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ مەن كۆرگەن يوپۇرماقلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىقى ئىكەن، ـ دەپتۇ.
ئىككىنچى شاگىرت سىرتتا شۇنچە ئۇزۇن ئىزدەپمۇ ئۆزىگە يارىغۇدەك يوپۇرماق تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ ۋە ئۇستازىغا :
ـ مەن نۇرغۇن يوپۇرماقلارنى ئۇچراتتىم. بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ئەڭ چىرايلىقىنى تاپالمىدىم، ـ دەپتۇ.
نەتىجىدە پېشقەدەم راھىب چوڭ شاگىرتىنى ۋارىسلىققا تەيىنلەپتۇ.
پۈتۈن ئەس يادى بىلەن گۈزەللىك قوغلىشىش ئاخىرىدا ئادەمنى ھەممىدىن قۇرۇق قويىدۇ. كىشلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن تىراگېدىيەلەر بەزى كىشىلەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق گۈزەللىك قوغلىشىپ، ئاددى تۇرمۇشقا سەل قارىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە ئاددى تۇرمۇش ئىچىگە نۇرغۇن ئۇلۇغلۇق ۋە مۆجىزىلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ھالقىلىق مەسىلە دەل سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدا.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1830