![]() |
ئات ھارۋىسىنىڭ ئاۋازى
بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دادام مىنى ئورمانلىققا سەيلى قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىۋىدى، ئىنتايىن خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم. دادام بىر ئەگمىگە كەلگەندە توختاپ، بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن:
ــ قۇشقاچلارنىڭ ۋىچىرلىشىدىن باشقا يەنە قانداق ئاۋازنى ئاڭلىدىڭ ؟ ــ دەپ سورېدى مەندىن.
ــ ئات ھارۋىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ــ دېدىم بىردەم زەن قويۇپ ئاڭلىغاندىن كىيىن.
ــ توغرا دېدىڭ، بىر قۇرۇق ئات ھارۋىسى، ــ دېدى دادام.
ــ كۆرمەي تۇرۇپ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز ؟
ــ ئاۋازىدىنلا قۇرۇق ھارۋا ئىكەنلىكىنى ئاسانلا پەرق ئىتىۋالغىلى بولىدۇ، چۈنكى ھارۋىغا قاچىلانغان نەرسە قانچە ئاز بولسا، ئاۋازى شۇنچە يوقىرى چىقىدۇ.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن چوڭ بولۇپ قۇرامىمغا يەتتىم. ھەر قېتىم گەپدانلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ گىپىنى قوپاللىق بىلەن بۆلۈۋېتىدىغان، ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىپ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى ئۇچراتقىنىمدا، دادامنىڭ “ ھارۋىغا قاچىلانغان نەرسە قانچە ئاز بولسا ئاۋازى شۇنچە يوقىرى چىقىدۇ “ دېگەن سۆزى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۈچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=734
يىرىم چىلەك سۇ شالاقشىيدۇ دىگەن ھىكمەت باركەن بۇ يازمىدا، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.