![]() |
قەلب دەرىزىڭىزنى تۇمان باسمىسۇن…
بىر دۇختۇرخانىنىڭ كېسەلخانىسىدا ئىلگىرى ئىككى نەپەر كېسەل ياتقان، ھەر ئىككىلىسىنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىدى. بىرلا ئىشىكى، بىرلا دېرىزىسى بار بۇ كېسەلخانا ئىنتايىن تار بولۇپ، ئىككىسى ئارانلا سىغاتتى. كېسەلخانىنىڭ ئىشىكى كارىدۇرغا، دېرىزىسى سىرتقا قارايتى.
كېسەللەرنىڭ بىرىگە ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە چۈشتىن كېيىن بىر سائەت ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ كارىۋىتى دېرىزە تۈۋىدە ئىدى.
يەنە بىرى بولسا كېچە – كۈندۈز مىدىرلىماي يېتىشقا مەجبۇر ئىدى. ئەلۋەتتە ھەر ئىككىلىسىلا جىمجىت يېتىپ داۋالانمىسا بولمايتتى. ئۇلارنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىغىنى، ئىككىسىنىڭ كېسىلى ئۇلارنىڭ ھەر قانداق ئىش قىلىشىغا يول قويمايتتى، ئۇلارغا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ھېچبىر ئەرمەك يوق ئىدى. كىتاب ئوقۇيالمايتى، رادىئو ئاڭلىيالمايتى، تىلۋېزۇرمۇ كۆرەلمەيتى. پەقەت جىمغىنا ياتاتتى، يەنە كىلىپ بۇ كېسەلخانىدا ئىككىسىدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار دائىم سائەت – سائەتلەپ پاراڭلىشىپ ياتاتتى. ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسى، خوتۇن – بالىلىرى، خىزمىتى ھەمدە قانداق ئۇتۇقلارنى قازانغانلىقى، نەلەرگە ساياھەتكە بارغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە چۈشتىن كېيىن ۋاقىت توشقان ھامان، دۇختۇرلار دېرىزە تۈۋىدە ياتقان كېسەلنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر سائەت ئولتۇرۇشى باشلىناتتى. ھەر قېتىم شۇنداق ئولتۇرغاندا، ئۇ ھەمراھىغا دېرىزىنىڭ سىرتىدا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر كۈنى مۇشۇ ئىككى سائەت ئۇنىڭ ھەمراھىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنى بولۇپ قالدى.
ئېنىقكى، بۇ دېرىزە بىر باغچىغا قاراپ تۇراتتى. باغچىنىڭ ئىچىدە بىر كۆل بار، كۆلدە توپ – توپ ياۋا ئۆردەك ۋە ئاققۇلار بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرەتتى. باغچىدىكى بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئۇلارغا بولكا ئۇۋاقلىرىنى تاشلاپ بەرسە، بەزىلىرى قەغەز قېيىقلارنى سۇدا لەيلىتىپ ئوينايتى. جۈپ – جۈپ ئاشىق – مەشۇقلار قول تۇتۇشۇپ دەرەخ سايىلىرىدا سەيلە قىلىشاتتى. باغچىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن، كۆپىنچىسى ئەتتىرگۈل، يەنە ھۆسىن تالىشىپ نازۇ كەرەشمە قىلىپ تۇرغان مودەنگۈل بىلەن سەبدەگۈللەرمۇ بار. باغچىنىڭ بىر چىتىدە چويلا توپ مەيدانى بار ئىدى. ئۇ يەردە پات – پات ئاجايىپ قىزىقارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بەزىدە تىخى پالاق توپ مۇسابىقىلىرىمۇ ئۆتكۈزىلەتتى. ئۇلارنىڭ توپ ماھارىتى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلارنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ھەر ھالدا بوش چاغلىغىلى بولمايتى. يەنە بىر تەرەپتە بولسا دومىلاتما توپ ئوينايدىغان بىر چىملىق بار ئىدى. باغچىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە قاتىرىسىغا كەتكەن ماگزىن، ماگزىنلارنىڭ كەينىدە قايناق شەھەر مەنزىرىسى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ياتقان كېسەل بۇلارنى پۈتۈن زوقى بىلەن ئاڭلايتى. مۇشۇ چاغدا ھەر بىر مىنۇت ئۇنىڭغا غايەت زور ھوزۇر بىغىشلايتى. تەسۋىرلەش يەنە داۋاملاشماقتا ئىدى: بىر بالىنىڭ كۆلگە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغانلىقى، يازلىق كىيىم كىيىۋالغان قىزنىڭ نەقەدەر چىرايلىقلىقى، ئارقىدىنلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر مەيدان چويلا توپ مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقى… ياتقان كېسەل بۇ جانلىق تەسۋىرلەرنى ئاڭلاپ، ئاشۇ ئىشلارنى خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك بولدى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر پالاق توپ تەنھەركەتچىسىنىڭ توپنى پالاق ئۈستىدە ئوينىتىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاۋىتىپ، ئۇنىڭدا توساتتىنلا مۇنداق بىر خىيال پەيدا بولۇپ قالدى: نېمىشقا دېرىزە تۈۋىدىكى ئاشۇ ئادەملا دېرىزە سىرتىدىكى ئىشلاردىن ھوزۇرلىنىدۇ ؟ مەن نېمىشقا شۇنداق پۈرسەتكە ئېرىشەلمەيمەن ؟ ئۇ ئۆزىدە مۇشۇنداق خىيالنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىغا ئۆكۈندى ۋە ئۇنى قايتا ئويلىماسلىققا تىرىشتى. قىرىشقاندەك، ئويلىمايمەن دېگەنسىرى، بۇ خىيال ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇنچە ئورنىۋالدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ خىيال ئاخىر “ مەن نېمىشقا دېرىزە تۈۋىدە ياتالمايمەن ؟ “ دېگەنگە ئۆزگەردى.
بۇ خىيال كاللىسىغا كىرىۋىلىپ، كۈندۈزلىرى ئازاپلاندى، كەچلىرى ئۇيقۇسى قاچتى. نەتىجىدە، كېسىلى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتتى، دۇختۇرلارمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي قالدى.
بىر كۈنى كەچتە، ئۇ ئادىتى بويىچە كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكىپ ياتاتتى، بىر چاغدا ئۇنىڭ ھەمراھى ئۇشتۇمتۇت ئويغىنىپ، قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى. ئارقىدىنلا نەپسى قىسىلىپ، ھاسىراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كانىيىنى بەلغەم توسۇۋالغاندى. ئۇ قوللىرىنى سىيپاشتۇرۇپ كۇنۇپكىنى ئىزدىدى. كۇنۇپكىنى باسسىلا نۆۋەتچى سېستىرالار دەرھال يېتىپ كىرەتتى.
لىكىن ئۇ مىدىرلاپمۇ قويماي جىمجىت يېتىۋەردى. كاللىسىدىن “ ئۇ نېمىشقا دېرىزە تەرەپتىكى كارىۋاتقانى ئىگىلىۋالىدۇ ؟ “ دېگەن بىرلا خىيال نېرى كەتمەيتى.
ئازاپلىق يۆتەل تۈن جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى. كېسەل يۆتىلىۋىرىپ بوغۇلدى، يۆتىلى توختىدى، بىردەمدىن كېيىن نەپسىمۇ توختاپ قالدى.
يەنە بىر كېسەل بولسا تورۇسقا تىكىلگىنىچە جىمجىت ياتاتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈز يۇيۇشقا سۇ ئەكىرگەن سېستىرالار ئۇ كېسەلنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىنى كۆردى ۋە خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك جەسەتنى جىمغىنا ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى.
بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئاخىر يالغۇز قالغان كېسەل ئۇنىڭ دېرىزە يىنىدىكى كارۋاتقا يۆتكەلسە بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى سورېۋىدى، سېستىرالار ئۇنى يۆلەپ ئاپىرىپ، ئاشۇ كارىۋاتقا چىرايلىق ياتقۇزۇپ قويدى – دە، ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
سېستىرالار چىقىپ كېتىشىگە، ئۇ بىر قولى بىلەن تايىنىپ، ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ، مىڭ تەستە ئورنىدىن تۇردى – دە، دېرىزە سىرتىغا قارىدى.
دېرىزىنى ئېگىز ھەم كۆرۈمسىز بىر تام توسۇپ تۇراتتى.
دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلب دېرىزىسى سىرتقا كەڭرى ئېچىۋىتىلگەن بولسىـــمۇ، لېكىن تار دائىرىدىكى شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ كەڭرى دېرىزىسىدىن قىلچە ھاۋا ئۆتۈشمەيدۇ. بۇنداقلار قارىماققا كۆپرەك ھايات كەچۈرگەندەك قىلسىــمۇ، بىراق بىر كۈنلەر كەلگەندە ئۆزىنى خۇددى تار قەپەسكە سولانغاندەك ھېس قىلىدۇ…
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1089