تۇرمۇش خاتىرىسى

سوۋېتلەر سايۈزىدىكى ئاچارچىلىق…

1920- يىلى سوۋېتلەر سايۈزىدا ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىق يۈزبەردى. كۆپلىگەن خەلق ئاچارچىلىقتا ئۆلدى. سوۋىت رىسپوبلىكىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئادەملەر جان قاچۇرۇپ چىگراداش مەملىكەتلەرگە قاراپ كەتتى. مانا شۇ ۋاقىتلاردا دىيارىمىزغىمۇ ئاچارچىلىق شىددىتىدىن قېچىپ كۆپلىگەن ئادەملەر ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى. تاتار، ئۆزبىك، ئۇيغۇر بايلىرى چىگرادا كىگىز ئۆي ۋە چادىرلارنى تىكىپ، يوغان داش قازانلاردا ئاش پىشۇرۇپ ئۇلارنى قارشى ئالدى. خەلق نان، سۈت، سېرىق ياغ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ تاپقان نەرسىلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ چىگرادىن ئۆتكەن ئادەملەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. ماڭالماي ئۆلۈم ھالىتىدە كېلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا ياردەمدە بولدى. كېلىۋاتقانلارنىڭ مەلۇم قىسمى چىگرادىن ئۆتۈپلا قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمەستىن ئۆلۈپ كېتەتتى. بۇنى كۆرگەن خەلق ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم قولىنى سۇزۇپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. كەلگەنلەرنى ئۆي- ئۆيلەرگە بۆلۈپ، بىرقانچە كۈن قاراپ ماغدۇرىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۈچۈن قولايلىق ياشاش شارائىتى ھازىرلاپ ئۇرۇنلاشتۇردى. بۇ چۆچەك خەلقى ئۈچۈن ئېغىر يۈك بولسىمۇ،  ئىنسانپەرۋەر خەلق بۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن ئورتاق بولۇپ ياشاشنى ئۆزىگە ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئۇلارنى قىزغىن كۆڭۈل بىلەن قارشى ئالدى. كېيىنكە ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچى شەھرىدىمۇ كەلگەن مۇساپىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئىشلىرى جىددىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ياڭخاڭ تاتار مەسچىتىدە يوغان ئۆيلەرنى بوشۇتۇپ كارۋات، ئۇرۇن- كۆرپىلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئەرلەرگە ئايرىم، ئاياللارغا ئايرىم ياتاقلارنى ھازىرلاپ ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇردى.
كىشىلەر كەلگەن مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلەرنى مەدىنىگە كۆچكەندە، مۇھاجىرلارغا ئەنسارلارنىڭ  قىلغان ياردىمىگە ئوخشاش ساۋاپقا ئىگە دەپ، كەلگەن مۇساپىرلارغا ياردىمىنى ئايىمىدى. ئۈرۈمچىدىكى ھەر بىر ئائىلە ئۇلار ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك ۋە كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇردى ھەم ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇردى. ..
بىر كۈنى ئەخمەت نەجىپ ئۆيىگە ئۇرۇققىنا، يۈز- كۆزىدىن ھەسرەت، مۇڭ يېغىپ تۇرغان، يۈرىكى مۇجۇلۇپ كەتكەن بىر ئايالنى باشلاپ كەلدى. ئەخمەت نەجىپ: « ساجىدە، بۇ خانىمنىڭ ئىسمى گۈلبىكە ئىكەن، خانىمنىڭ تۇرار جايى بولمىغانلىقتىن، ئۇرۇنلاشتۇرغىچە بىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم » دېدى. ساجىدەمۇ ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئېلىپ  ئۇنىڭغا ياتاق ئۆيلەر ھازىرلاپ چىقتى. گۈلبىكە يۇيۇنۇپ يېڭى كىيىملەر كىيىپ چىققان ئىدى. قاراپ تۇرغىدەك چىرايلىق ئايال بولۇپ قالدى. ئۇلار تاماقتىن كېيىن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. گۈلبىكە ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى.
مەن تاتارىستاننىڭ قازان شەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاۋۇللاردىن ( يېزا ) بولۇپ، بىز بىر چوڭ ئائىلە ئىدۇق. 14 بالام ۋە ئىرىم بىلەن گۈلدەك  خوشال- خورام ياشايتتۇق. كۈتۈلمىگەندە ئاچارچىلىق باشلاندى. ئاۋۇلدىكى بارلىق ئاشلىق ۋە چارۋا ماللارنى مەركەزگە تۇشۇپ ئېلىپ كەتتى. خەلق قولىدا ھىچنىمە قالمىدى. ئاچارچىلىق باشلاندى. خەلق ئۆلۈشكە باشلىدى. ئادەملەردە ئۆلۈكنى كۆمگىدەك كۈچ- قۇۋۋەت يوق ئۆلۈكلەر ئىسكىلاتلاردا توڭلانغان پېتى دۆگلىنىپ قالدى. مۇھىت شۇ قەدەر كۆڭۈلسىز، ئەجەل تۇمانلىرى ئەتراپنى قاپلىۋالدى.  كۆڭۈلدە زەررىچىلىك ئۈمۈت قالمىدى. كىشىلەر جان قاچۇرۇپ يېزىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. يولدىشىم ئاچلىقتىن ئۆلدى. كۈچۈم كەتتى، قانىتىم سۇندى. بالىلىرىم ئاچلىقتىن ئاجىزلاپ كېتىپ باراتتى، بالىلىرىمنى ساقلاپ قالسام دېگەن ئۈمىت بىلەن مەنمۇ ئەلگە ئەگىشىپ تۇغۇلغان يەرنى تاشلاپ ماڭدۇق.  بۇ ئاچارچىلىق يالغۇز بىزدىلا بولماستىن پۈتۈن سوۋېتلەر سايۈزىدە يۈزبەرگەنلىكتىن بىز تېخىمۇ يامان ھالغا چۈشۈشكە باشلىدۇق. يوللاردا بالىلىرىم ئۆلۈپ تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. دىيارىمىز چىگرىسىغا ئاز قالغاندا ئۈچ بالام بىلەن قالدىم. 18 ياشلىق قىزىم:
- ئاپا ئاۋۇ دەرەخنىڭ بېشىدا قاغىنىڭ ئۇگىسى بار ئىكەن، بەلكى تۇخۇمى باردۇر، شۇنى ئېلىپ يېسەم دېگەندىن كېيىن 14 ياشلىق ئوغلۇم قاغىنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرەخقە چىقىپ كېتىۋېتىپ، ئۇمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى، ئۇمۇ دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلدى. ئۇنىڭغا يىغلاپ تۇرسام ئىككى سائەتتىن كېيىن 18 ياشلىق گۈلدەك چىرايلىق قىزىم تويبىيكە ئاچلىقتىن ئۆلدى دەپ كۆزىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتى. گۈلبىكەنى قۇچاقلاپ ساجىدەمۇ يىغلىدى. يېنىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىغۇچىلارمۇ كۆز يېشىنى تۇتالمىدى. گۈلبىكە ئۆزىنى ئاران توختۇتۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى.  بىر ئوغلۇم قالدى چىگراغا ئىككى سائەتلىك يول قالغاندا ئونىمۇ كۆمۈپ قويۇپ كەلدىم. ………….. نەچچە يۈزلىگەن ئادەم قوزغىلىپ ماڭغان بولساقمۇ لېكىن يوللاردا ئۆلۈكلەرنى كۆمۈپ يۈرۈپ ئاران 36 ئادەم كېلىپ يەتتۇق…
ئىككى ئايدىن كېيىن گۈلبىكىنى مەسچىتنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئىككى ئېغىز ئۆيدە ئولتۇرىدىغان مۇبارەكشەبابا  دېگەن كىشىگە نىكاھلاپ تويىنى قىلىپ قويدى. ئۇنىڭدىن گۈلبىكە مۇھەممەد ئىسىملىك بىر ئوغۇل، فاتىمە ئىسىملىك بىر قىز پەرزەنت كۆردى. لېكىن شۇ دەۋىردىكى دوختۇرلارنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىككى بالا قىزىل چىقىپ داۋالاشقا ئىرىشەلمەستىن ۋاپات بولدى. بىچارە گۈلبىكە ئۆمۈر بويى ئىچ كۆيىكىدە يېنىپ ياشاپ ئۆتتى. 

مەنبە: ئانا تۇپراق تورى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2827

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-11-07
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىختىن سۆز
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: