بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئۈچىنچى باب
ئۈچىنچى باب
پايانسىز كەتكەن چۆل – سەھرادىن باشقا ھېچنەرسە كۆزگە چېلىقمايتتى. بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى ئۇزاقتىن قۇلىقىغا ئاڭلىناتتى. ئۇنىڭ قورققىنىدىن كۆزلىرى جامدەك ئېچىلدى.
ـ جېك لوندون: ” ھاياتقا مۇھەببەت ”
كەچ كىردى، ئەتراپ قاراڭغۇلاشتى، ئاچلىق قىيناشقا باشلىدى. تۈنۈگۈندىن بېرى تۈزۈكرەك تاماقلىنالمىغانىدۇق. قىسىم چېچىلىپ كەتتى، قاراڭغۇدا ئادەملىرىمىز قورقۇپ بۆلۈنۈپ كەتتى…
مەن ئۇدۇللا چۆلگە كىرىپ كېتىپتىمەن. بىر يەرلەرگە بېرىپ، ئۆزۈمنى توختىتىپ بەلگە ئوقى ئاتتىم، جاۋاب بولمىدى. كېتىۋاتىمەن، نەگە كېتىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن. قاراڭغۇدا ئەتراپنىمۇ ئىلغا قىلالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماڭا ناتونۇش، يات يەرلەر ئىدى. ئات تۇيىقى يۇمشاق تېگەتتى. تۇيىقى ئاستىدا بىر نېمە شىلدىرلايتتى. قۇم بولسا كېرەك. ۋاقىت نەگە باردى؟ ئاي يوق، قاراڭغۇ ئاسماندا يولتۇزلار پىلدىر – پىلدىر قىلىپ سۇس نۇر چېچىپ تۇراتتى. ئاسماننىڭ شىمالىي يانتۇلۇقىدا چۆمۈچ يولتۇزى كۆرۈندى، ئېھتىمال، تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندۇ، مەن توختىماي ئاشۇ يولتۇزنى بويلاپ ماڭدىم. ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق باستى، سۇداندىكى ئاخىرقى بىر تامچە سۇنىمۇ ئىچىپ بولغانىدىم. ئاخىرى بىر تۆپىلىكتە ئاتتىن چۈشتۈم، چارچىدىم. ئاتمۇ چارچىغانىدى، چەكسىز چۆل – دالادا غانجۇغامدىكى ھەربىي شىنىل، ئەدىياللىرىمنى ئېلىپ ئۆزۈمگە ئورۇن سالدىم، ئاتنى پۇتۇمغا باغلىدىم – دە، شىنىلنى يېپىنىپ ياتتىم…
ئاچلىقتىن ئۈچەيلىرىم تولغىناتتى، ئېچىشاتتى. كېچە ئاسمىنىغا قاراپ ئۇيقۇم كەلمەيتتى. بەزىدە كۆزۈم ئىلىنىپ قالاتتى – دە، ھايال ئۆتمەي يەنە ئويغىنىپ كېتەتتىم، قايسى چاغدا ئۇخلاپ قالدىم، بىلمىدىم…
ئەتىسى تاڭ يۇرۇغاندا ئۈستۈمدىكى قۇملارنى سىلكىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاسماندا شامال پۈركىۋەتكەن خىلمۇ – خىل بۇلۇت پارچىلىرى ئاستا لەيلەپ يۈرۈشەتتى. كۆز ئالدىمدا قۇمساڭغۇ، ئېگىز – پەس تۆپىلىكلەر، ئۇپۇق سىزىقىغا قەدەر سوزۇلۇپ ياتقان چەكسىز چۆل ھومىيىپ ياتاتتى. ئۇنىڭدا گۈل – گىياھ، دەل – دەرەخ، چاتقاللاردىن ئەسەر يوق ئىدى. پەقەت ئۇ يەر – بۇ يەردە پاكار ئۆسكەن سوك – سوك، يانتاق، ئادراسمان، بۆز تىكەن، يىكەن ۋە قىزىل يۇلغۇنلارلا كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ قورقۇنچلىق چۆل خۇددى دەم تارتىدىغان ئەجدىھادەك ھۇۋلاپ ياتاتتى. ئارىلاپ ئۇرۇلۇۋاتقان شامالدا پاكار قۇم بارىخانلىرى ئۈستىدىكى بوش قۇملار سىيرىلىپ تۆۋەنگە ئېقىۋاتاتتى.
چاي قاينىتىشقا، ناشتا قىلىشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى. سومكامنى قېقىشتۇرۇپ، سۇخارنىڭ ئاخىرقى ئۇۋاقلىرىنى ئاغزىمغا سېلىپ، ناشتا قىلدىم – دە، ئاتقا مىندىم. بىر مەنزىلگە يېتىۋىلىشىم زۆرۈر ئىدى. ئۇ يەردە بەلكى قىسىمنى ئۇچرىتىپ قالارمەن!…
يولدا قۇيرۇچۇقلارنىڭ ئۇچراپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەربىي كىيىملىرىمنى سېلىۋەتتىم. ئۇنى تۈگۈنچەك قىلىپ، ئاتقا غانجۇغىلاپ چۆل ئىچىگە كىرىپ كەتتىم…
يەنە بىر سوتكا ئوتتى، تۇرۇپ قالغان يامغۇر سۇلىرىنى ئىچتىم، بىر يىلاننى قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇپ يېدىم. خەنجىرىم بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى، قۇيرۇقىنى كېسىۋەتتىم – دە، تېرىسىنى شىلىۋەتتىم. ئاچكۆزلۈك بىلەن بىر باشتىن قېزا يىگەندەك چايناپ يىدىم، تەمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىدىم. ھەرھالدا ماغدۇرۇمغا كەلگەندەك بولدۇم – دە، يەنە ئاتنى مىنىپ يولغا چۈشتۈم. يەنە كەچ كىردى، تاڭ ئاتتى. بۇ تاقىر چۆل مېنى پىرقىرىتىپ قويۇۋەتمەيۋاتاتتى، ئۈچ سوتكا…
ئاچلىقتىن بېشىم قېـيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلاشقاندەك، قورساقلىرىم چاپلىشىپ قالغاندەك بولدى، كالپۇكلىرىم گەز – گەز بولۇپ، تىللىرىم قۇرۇپ كەتتى. ئات ئۈستىدە ئېڭىشىپ ئولتۇرۋېلىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتتىم. ئاچ قالغان بۇ جانىۋارمۇ يولدا توختاپ – توختاپ ئۇچرىغان چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يالمايتتى. ئاشۇ ئات يەۋاتقان ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدىن مەن يەيدىغان بىرەر نەرسە ئۇچراپ قالارمۇ دەپ، ئاتتىن چۈشۈپ كۆزۈمنى تۆت تەرەپكە ئاتتىم. ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرىنى، غوللىرىنى، بەزىلىرىنىڭ يىلتىزلىرىنى تاتىلاشتۇرۇپ چىقىرىپ ئاغزىمغا سېلىپ چايناپ باقتىم، ئۇلار قېرىق، بەزىلىرى ئاچچىق، زەھەرلىك ئىدى. كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھۆ قىلىۋەتتىم. تىل ۋە تاڭلايلىرىم ئېچىشىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە بەزىلىرىنى غەيرەت بىلەن چايناپ – چايناپ يۈتۈۋەتتىم…
ئالدىمدىلا بىر كەسلەنچۈكنىڭ پارقىراپ تۇرغان كۆزىنى كۆرۈپ قالدىم، قاچتى. چۆل كەسلەنچۈكىنىڭ دورا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم، قېچىپ كەتتى، شەپكەمنى ئاتتىم، ئۇ شەپكەمنىڭ ئىچىدىن يەنە قېچىپ كەتتى. قوغلىدىم، يېتىشىۋالدىم، يەنە قېچىپ كەتتى، ئاخىرى ئۇنىڭغا يەنە يېتىشىۋالدىم – دە، ئۆزۈمنى ئاتتىم، يۈزلىرىم تىلىنىپ كەتتى، ناھايتى تەستە گەۋدەمنى كۆتۈرۈپ ئاستىمغا قارىدىم، كەسلەنچۈك مەيدەمنىڭ ئاستىدا مىجىلىپ ياتاتتى. زورىغا ئوڭدامغا ئۆرۈلدۈم…
تۈنۈگۈنكىدەك ئاسماندا يەنە بىر توپ ئۆردەك ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلار ناھايتى پەس، بېشىمنىڭ ئۈستىدىلا دېگۈدەك ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. مىلتىقىم بىلەن ئۇلارنى ئوڭايلا ئېتىۋالغىلى بولاتتى. بىراق، تۈنۈگۈنمۇ ئۇلارنى نىشانغا ئېلىپ تەپكىنى بېسىش ۋاقتىدا مىلتىقتا بىر تاللا ئوق بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ، ئۇنى جان ھەلقۇمغا كەلگەندە ئىشلىتىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. ئۆردەكلەر ئۇچۇپ كەتتى…
كەچكە تارتىپ يامغۇر سىمىلداشقا باشلىدى. چۆل كېچىسى سوۋۇپ كەتتى. قارامتۇل، كۈلرەڭ ئاسمان سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. جىمجىت، ۋەھىمىلىك چۆل، قارا ئاسمان… ئادەمنى يەيتتى. كېتىۋاتىمەن، قانچىلىك يول يۈردۈم، بىلمەيمەن. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۈستى – بېشىم پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتتى، توڭلاشقا باشلىدىم، ئەمدى يول مېڭىشقا ھالىم قالمىغانىدى. بىر يوغان تاش تۈۋىگە بېرىپ، ئاتتىن چۈشتۈم. ئاتنى تاشقا باغلاپ دالدا قىلدىم. ئەدىيال ۋە شىنىلىم ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. ئەدىيالنى تاشقا ئارتىپ دالدا قىلدىم – دە، شىنىلنى كىيىپ ئولتۇردۇم. ئاچلىق قىيناپ ئەقلىمنى يەۋاتاتتى.
ماغدۇرسىزلىنىپ، نۇرسىزلىنىپ كەتكەن كۆزلىرىمگە ئاجايىپ شېرىن تائاملارنىڭ سۆرىتى كېلىۋالدى. ھوشۇمنى يوقىتىۋاتاتتىم…
بۇ چۆلدىن چىقالماي بېشىم تۆرەپ قالغان، نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشۇمنىمۇ بىلەلمەي قالغانىدىم. يامغۇرلۇق، قاپقاراڭغۇ ئاشۇ دەھشەتلىك تەنھا كېچىدە چۆل مېنى سىقىپ گېلىمنى بۇغۇۋاتقاندەك سېزىلەتتى. ئىچ – ئىچىمدىن بىر پىغان ئۆرلەيتتى، ئۋسەدەپ يىغلىدىم. پۈتۈن بەدەن – بەدەنلىرىم لاغىلداپ، سىلكىنىپ شىنىلىم ئۈستۈمدىن چۈشۈپ كەتتى. ياشلىرىم يامغۇر تامچىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى… ئاشۇ ھالەتتە، تاشقا يۆلەنگەن بويىچە قاچان ئۇخلاپ قالدىم، بىلمىدىم…
يەنە تاڭ ئاتتى، ئاسمان سۈزۈلگەن، شەرقتە قوياش پارقىراپ چىقىۋاتاتتى. پۈتۈن بەدىنىم لايدەك ئېزىلىپ كەتكەن، ئۈگە – ئۈگىلىرىم ئۇيۇشۇپ تۆمۈردەك قېتىپ قالغانىدى. غەيرىتىمگە ئېلىپ پۇت – قوللىرىمنى ھەرىكەتلەندۈردۈم. گىمناستىكا ئوينىدىم، قانلىرىم قىزىدى. ئەمما ماغدۇرسىز ئىدىم. قورسىقىم يەنە سانجىشقا، ئاچلىق قىيناشقا باشلىدى. يەنە يولغا چۈشتۈم…
ئاھ، چۈچۈكبۇيا!… چۈچۈكبۇيىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى ئاتتىن ئاتتىم. خەنجىرىم بىلەن كولاپ چىقاردىم، چاينىدىم، يېدىم. ئاشۇ ئەتراپتا چۈچۈكبۇيا ئىزدەپ پىرقىراپ يۈردۈم. تاپتىم، يېدىم، شۈمدۈم…
بۇ چۆلدىن چاپسانراق چىقىۋىلىشنىلا ئويلايتتىم. ئەمما چىقالمايۋاتاتتىم، يەنە ماڭدىم، ماڭا – ماڭا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چەكسىز قۇملۇق ئىچىگە كېرىپ كەتتىم. ئالتاينىڭ سوغۇق قىرو پەسلى كىرگەنىدى. ئەتىگەنلىكى ئەتراپنى ئاپئاق قىرو قاپلاپ كېتەتتى. سوغۇق شامال مۇزدەك قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە پىرقىرايتتى. قۇملار تۆۋەنگە ئۇچاتتى. ئۇلار بەزىدە يىلاندەك ۋىژىلدىشاتتى. ئالدىدا ۋە ئەتراپتا سۇس قۇم تۇمانلىرى ھاسىل بولاتتى. قۇملار ئاتنىڭ كۆزىگە كىرىپ كېتەتتى. ئاتنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى قۇم سىيرىلىپ ئاتنى ئىلگىرلەتمەيتتى. ئاتتىن چۈشتۈم، ئەمما نېمە قىلىشىمنى، قانداق مېڭىشىمنى بىلمەيتتىم. بۇ چەكسىز قۇملۇقتىن چىقىپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمەيتتى. بىر قۇم بارخىنىدىن جاننى تىكىپ مىڭ تەستە ھالقىسام، ئالدىمدا يەنە يېڭى قۇم بارخانلىرى ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلار بىر – بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئايىغى چىقمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى…
قۇملۇقتىن چىقىپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمەيۋاتاتتى. بىر ئەپلىك ئورۇننى تېپىپ، ئاتنى يالىڭاچلاپ قويىۋەتتىم. ئاتنىڭ دۈمبىسى قىپقىزىل گۆش بولۇپ كەتكەنىدى. ئوڭدامغا ياتتىم، تۇردۇم، ئويلىدىم، ئاخىرى شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن بىر تاختايغا كۆزۈم چۈشتى. مەن ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگەن، ئۆلۈۋېلىشنى قارار قىلغاندىم. تاختاينى ئالدىم – دە، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يازدىم:
“ پودپۇرۇچىك نىزامۇف قاسىمجان. قۇبۇقسار ئاتلىق ئەسكەرلەر 2 – پولكىنىڭ سىياسىي باشقارما باشلىقى، 19 ياش، ئاداشتىم، ئۆزۈمنى – ئۆزۈم ئېتىۋەتتىم!… ”
تاختاينى قۇمغا سانجىدىم. چەكسىز قۇملۇققا قارىدىم. قۇرقۇنچلۇق قۇملۇق يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك مېنى دەم تارتىۋاتاتتى. ئېتىم كۆرۈنمەيتتى. ئۇ قورساق غىمىدە يىراققا كەتكەن بولسا كېرەك. بۇ ئەتراپت ئۇنىڭ ئېغىزىغا چىققۇدەك ئوت – چۆپمۇ يوق ئىدى. بۇ چەكسىز قۇم دېڭىزىغا قارىغانسېرى روھىم چۈشۈپ ئۆلۈم مېنى چىللايتتى. كەچكى شەپەق قىزىل قاندەك كۆرۈنەتتى، بۇ سائەت، بۇ دەقىقىدە ماڭا ئۈمىد بېغىشلايدىغان ھېچ نەرسە يوق ئىدى: “ ماڭا ئۆلۈمدىن باشقا يول قالماپتۇ!… ”
ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئورۇننى سالدىم. ھەممە تەييارلىق پۈتكەنىدى. “ خەيـر دۇنيا، خەيـر ئەزىز قېرىنداشلار، خەيـر ئانا ۋەتەن!… “ ئېسىمدە مىلتىقتا پەقەت بىر تاللا ئوق قالغان. ئۇ بايا مېنىڭ ئەجىلىمگە ئاتالغانىكەن، ئاشۇ بىر تال ئوق!…
مىلتىقنى قولۇمغا ئالدىم. خېلىغىچە قوللىرىم جالاقلاپ تىتىرەپ تۇردى. مۇنداق ئەھۋالدا مىلتىقنى قانداقمۇ ئاتقىلى بولسۇن. ئۆزۈمنى توختاتتىم. قوللىرىمنىڭ تىتىرىشىمۇ بېسىلدى. جەھلىم قېتىپ، مىلتىقنى مەيدەمگە تىرىدىم، يەنە چۆلگە قارىدىم:
چۆل بىردىنلا ياپيېشىل يايلاققا ئايلاندى. ئۇ يەردە چىرايى قازاقلارغا ئوخشايدىغان قىزىل، دۈگلەك يۈزلۈك، مېھرىبان دادام جەدە ئېتىنى مىنىپ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرەتتى. “ دادا!، جېنىم دادا!… ”
مەن ئانامن بىلمەيتتىم. ئانام مېنى تۇغقاندا تۇغۇت ئۈستىدە كېتىپ قالغانىكەن، مېنى سىپىرەم مومام باققانىكەن… دادامنى “ نىزام يىلىقچى “ دېيىشەتتى. ئۇ يىل بويى مەھەللىدىكىلەرنىڭ يىلقىسىنى باقاتتى. ماڭا بەش يېشىمدىلا ئات مىنىشنى ئۆگەتكەن، مەن ئاتلارنى باشقۇرغۇدەك بولغىنىمدا ئۇ مېنى تاشلاپ ئانامنىڭ يېنىغا كېتىپ قالغانىدى…
مەن باشقىلار بىلەن بىللە يىلقا باقتىم، ئوقۇدۇم، بىز يىلقىلارنى يازدا توغرىسۇ يايلىقىدا، قىشتا قاراسۇدا باقاتتۇق. بەزىدە ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە ئېدىرلاردا كېچىلىرى ئات بېقىپ چىقاتتۇق. كېچە گۇلخان يېقىپ، چۆچەك ئېيتىشاتتۇق. قىزىلچا، ياڭيىۇلارنى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ يېيىشەتتۇق، چاقچاقلىشاتتۇق، ناخشا ئېيتىشاتتۇق:
جانىم بوز ئات، خانىم بوز ئات،
بوينۇڭنى ئۇزات.
بۈگۈن كېچە يار قېشىغا،
يەتكۈزگىن بوز ئات.
بۇ ئاشۇ چاغلاردا ئېيتقان ناخشىلار ئىدى. ھازىر بىردىنلا ئېسىمگە كېلىپ قالدى. يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتتى، يىغلىۋەتتىم…
كېيىن غۇلجىغا كىرىپ ھارۋىكەشلىك قىلدىم، توپىدەڭدىكى خۇڭ دېما دېگەن تۇڭگانغا ئىشلىدىم. ئۇ تۇڭگان ئەپىيۇن ساتاتتى. كېيىن خەنزۇ بازىرىدىكى ليۇڭ خۇا دېگەن مانجۇنىڭ خادىك ھارۋىسىنى بىر قىش ھەيدىدىم.
1944 – يىلى غۇلجىدا مەخپىي ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى. پارتىزان بولدۇم، كېيىن مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى بولۇپ ئۇرۇشلارغا قاتناشتىم. مانا ھازىر بۇ قۇملۇقتا…
كۆز ئالدىمغا يەنە دەھشەتلىك قۇملۇق، خەيـر، ياشلىق ھاياتىم، جەڭچى ھاياتىم!… كوجۇكقا باشمالتىقىمنى تىقتىم، كۆزۈمنى يۇمدۇم، باستىم!…
پۈتۈن گەۋدەم تىتىرەپ كەتتى. ھوشۇم يوقالدى. بىر ئازدىن كېيىن كۆزۈمنى ئاستا ئاچتىم، سۇنايلىنىپ ئوڭدا يېتىپتىمەن، بىشىمدا كۆك ئاسمان، تىرىك ئىكەنمەن. يەنى بايىقى قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈش: چەكسىز قۇم دېڭىزى، ھالاكەت دېڭىزى…
مىلتىق ئېتىلماپتۇ، ئوق نەمدىشىپ قالغانىكەن. مىلتىقنى پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتتىم – دە، سۇنايلىنىپ ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ كەتتىم…
چۈش كۆرۈپتىمەن: “ بالام، تۇرغىن!… “ دادامنىڭ ئاۋازى. چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. تاڭ سۈزۈلۈپ قاپتۇ. توۋا، بېشىمدا ئاق بوز ئېتىم چاپچاىپ تۇرۇپتۇ. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى: “ ھەي جانىۋار، ئەي ئەقىللىق بوز ئېتىم، قانىتىم، مەندىن ئايرىلغۇڭ كەلمىدىمۇ؟ مېنىڭ ۋاپادار تۇلپارىم! مەن قانداق قىلاي، بۇ چۆلدىن قانداق چىقىپ كېتەي!… قانداق قىلىمىز؟!… “ ئات مېنىڭ گىپىمنى چۈشەنگەندەك بېشىنى سىلكىپ – سىلكىپ تۇراتتى. ئېغىزدۇرۇقنى چاينايتتى. توۋا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش تامچىلىرى لىغىرلاپ تۇراتتى. ئۇمۇ يىغلاۋاتاتتى…
بۇ قەدىردان بوز ئېتىم ماڭا چىگىشۈردىكى جەڭدە ئولجىغا چۈشكەنىدى. ئۇ چاغدا چىگىشۈردىكى گومىنداڭ قىسىملىرى ئىككى ماشىنا قومۇشقا ئوت قويۇۋېتىپ، ئالدىراپ – تېنەپ بەدەر قاچقانىدى. ئېگەر – توقۇملۇق مۇشۇ بوز ئات كۆيۈۋاتقان ماشىنا يېنىدا ئايلىنىپ يۈرەتى. مەن ئۇنى بىر قورۇغا سولىۋېلىپ قۇتۇلدۇرۋالغانىدىم. شۇندىن بۇيان ئۇ مەن بىلەن كېچە – كۈندۈز بىللە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتاتتى.
ئېتىم چاپچىپ، پۇشقۇرۇپ جايىدا تۇرالماي قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان قۇمتاغقا تىكىلگەن، بۇرۇن چاناقلىرى كېرىلگەن، نەپسى تېزلەشكەن ئىدى.
ئۇ بىر نېمىنى سەزگەندەك قىلاتتى. مەن ئۇنى ئىگەرلەپ قويۇۋەتتىم. ئۇنى مىنىشكە ماغدۇرۇم يەتمەيتتى. قۇيرۇقىغا ئېسىلىۋالدىم…
شىمالدىن جەنۇپقا سوزۇلۇپ، بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن قۇم بارخانلىرى تاغ چوققىلىرىدەك كۆرۈنەتتى. ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى قولۇمغا مەھكەم يۆگەپ، ئايىغىم ئاستىدىكى سىيرىلىپ تۇرغان قۇمنى دەسسەپ – مۈدۈرۈپ، دەلدەڭشىپ، سەنتۈرۈلۈپ ماڭدىم. ئات مېنى قۇمتاغنىڭ يانباغرى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. يانباغرىدا قۇملار ئايىغىم ئاستىدا سىيرىلىپ ئۆرە تۇرغۇزمايتتى، ھېلىدىن – ھېلىغا يىقىلاتتىم، يەنە تۇراتتىم، يەنە يىقىلاتتىم. بەزىدە سىيرىلىپ چۈشكەن قۇمغا كۆمۈلۈپ قالاتتىم، ئات توختاپ قالاتتى، يەنە كۈچىنىپ ئۆرە بولاتتىم – دە، يەنە ئىككى قەدەم مېڭىپلا ئوق تەگكەن جەڭچىدەك دومىلاپ چۈشەتتىم. يەنە تۇراتتىم، يەنە دومۇلايتتىم…
ئاخىرى ھالسىزلىنىپ تۇرالماي قالدىم. قەدىردان بوز ئېتىم قارا تەرگە چۆمۈپ كەتسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى كۈچى بىلەن مېنى سىلىق قۇمدا چانا سۆرىگەندەك ناھايتى تەستە پۇشۇلداپ سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئازراقلا مېڭىپ توختاپ قالاتتى، دېمىنى ئېلىۋىلىپ، يەنە ماڭاتتى. يەنە توختايتتى. ھاسىرايتتى، ماڭاتتى…
قۇمتاغنىڭ چوققىسىغا چىقتۇق. مەن دۈم ياتقان ھالەتتە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمىگەن ھالدا يىغلىۋەتتىم. زەئىپ ئاۋازىم ئۆزۈمگە بىلىنەر – بىلىنمەس ئارانلا ئاڭلاندى :
ــ بۇرۇلتوقاي!…
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بىرىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئىككىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… تۆتىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بەشىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئالتىنچى باب
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1679