بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (08)
Sa te rrish kot puno kot
(بىكارغا ئولتۇرغىچە بىكارغا ئىشلە)
- ئالبان خەلق ماقالى
تاغ چوققىسىدىكى Mangull كەنتىدە ئېلىپ كەلگەن قۇربانلىقىمىزنىڭ يېرىمىنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، قالغان يېرىم قىسىمىنى تارقىتىش ئۈچۈن تاغ باغرىدىكى Mulet كەنتىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئىككى كەنت ئارىسى ئالتە كىلومېتىرلا بولۇپ، فاتمىر ئاكىمىز بەشىنچى خوتتا قوغلاپ يۈرۈپ نەچچە مىنۇتتىلا تۈگىدى سەپىرىمىز.
مەنگۈل كەنتىگە ئوخشاشلا بۇ مۇلەت كەنتىمۇ پايتەختكە قاراشلىق بىر رايون بولۇپ، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 16 كىلومېتىر. 1500 نوپۇسلۇق بۇ كەنتنى ھەر ھالدا چوڭ بىر كەنت دېسەك بولىدۇ.
فاتمىر ئاكىمىز ماشىنىسىنى ئۇدۇل كەنت مەركىزىگە قاراپ ھەيدىدى. كەنت خەلقى ئاللىقاچان بىزنى ساقلاپ تۇرۇشقانىكەن. بايا مەنگۈل كەنتىدە قۇربانلىقنى تاغ چوققىسىدىكى چەت بىر مەكتەپ ھويلىسىدا تارقاتقان بولساق، مۇلەت كەنتىدە نەق كەنت مەركىزىدىكى بازاردىلا تارقىتىدىكەنمىز.
بۇ ئىككى كەنتنى چۈشىنىشلىك قىلىپ قىسقىلا تەسۋىرلەپ بەر، دېسەڭلار، شۇنداقلا دېيەلەيمەن: مەنگۈل كەنتى ھېلىقى شاكىچىك ھەيدىنىڭ كىنوسىدا چىقىدىغان شۋېتسارىيىدىكى تاغلىق كەنتىنىڭ ئۆزىلا ئىدى؛ ماۋۇ مۇلەت كەنتى بولسا، بىزنىڭ ئاناتولىيىدە چوڭ يول قىرىغا يېقىن، ئۆزى كىچىك بولسىمۇ شۇنداق جانلىق بىر كەنتلەر بولىدىغانغۇ، ھە، نەق شۇ كەنتلەرنىڭ بىرى ئىدى بۇ مۇلەت.
كەنتنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر مەكتەپنىڭ ئالدىدا ماشىنىلىرىمىزدىن چۈشتۇق. مەكتەپ دەرۋازىسىدا شۇ سۆزنى كۆردۈم: «Mirese Vini Nxenes te Dashur» يەنى «مەكتىپىڭلارغا خۇش كەلدىڭلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار»
قۇربانلىق تارقىتىش ئىشلىرى مەنگۈلدىكىگە ئوخشاش شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. قۇربانلىقلار ئۆز ئىگىلىرىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرۇلدى. پۈتۈن جەرياندا ھېچبىر كۆڭۈلسىزلىك، تەرتىپسىزلىك كۆرۈلمىدى. كەنت خەلقى بىلەن قىزغىن ھېيىتلىشىشلار، «قەلب تىلى» دا پاراڭلىشىش، مۇڭدىشىشلار بىلەن مۇلەت كەنتىدە نۇرغۇن تەسىرلىك ئەسلىمىلەر قالدۇردۇق…
بۇ ئىككى كەنتتە قۇربانلىق تارقىتىش تولۇق بىر چۈشتىن كېيىن داۋام قىلدى. سەھەردىن باشلاپ ئىبا كەنتىدە ئۇيغۇر قاسساپلارنىڭ يېنىدا قۇربانلىققا قاراشقانىدۇق. (بۇ قۇربانلىق ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ ئىبا كەنتىدە، بۈگۈن يېرىم كېچىلەرگىچە ئاران تۈگەرمىكىن…) دېمەك، بۈگۈن بىر كۈن چېپىپ يۈرگەنىدىم. بىر خىل ھارغىنلىق ھېس قىلدىم. بىر خىل تاتلىق ھارغىنلىق دېسەڭلارچۇ…
بۇ يەردىكى ئىشلارنى پۈتۈنلەي تۈگىتىپ، لاقا-لۇقىلىرىمىزنى ماشىنىلىرىمىزغا بېسىپ، كەنتتىكىلەر بىلەن رازىلىق سوراشقاندىن كېيىن ئىبا كەنتىگە قايتىش يولىغا چۈشتۇق. ھەممىمىزنىڭ ئىچىمىزدە بىر خىل ھۇزۇر بار، ئەمما ئەڭ خۇشال بولۇۋاتقىنى مەن ئىدى. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە؟ مەن، يەنى WEFA نىڭ بارلىق ئىشلىرى پۈتۈنلەي ھەم شۇنداق كۆڭۈللۈك تامام بولغان. ئەمدى ماڭا قالغىنى شۇ IHH نىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، قارىشىپ بېرىش ئىدى. بىز مەنگۈلگە ماڭغاندا بۇ IHH تىكىلەرنىڭ كالىلىرىغا تېخى پۇتلىرىنى چۈشەشكىمۇ ئۆچرەت كەلمىگەن، ئۇ چىرايلىق ئىنەكلەر بېرىپ سېغىپ سۈتىنى ئىچسەڭمۇ بولىدىغان بىر ھالدا مۆرەپ قېلىشقان، مىللىي ئاڭدىكىلەرمۇ قۇربانلىق قىلىشنى تېخى ئەمدىلەتىن باشلاشقان ئىدى.
شىتابقا قايتىپ كەلگىنىمىزدە قاراڭغۇ چۈشكەنىدى. «ئەجەپ تېزلا كەچ بولۇپ كەتتا؟» دېيىشىپ قالدۇق. بولمىسىغۇ سەھەر سائەت 4 تىن باشلاپ يۈگىرەپ يۈرۈپ ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتىشكەنىدۇق. شۇنداقتىمۇ بىر دەمدىلا كەچ بولۇپ كەتكەندەك.
بۇ يەردىكىلەر ئىشلىرىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك: مىللىي ئاڭدىكىلەرنىڭ قۇربانلىقلىرى تامام بولغان، IHH دىكىلەرنىڭ ئىنەكلىرىنىڭ كاللىسى ئېلىنىشقا باشلىغان. دېمەك ھەممە ئىش پىلان بويىچە ماڭماقتا ئىدى. خۇش بولۇشتۇق.
بۇرادەرلەر بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن مەن گۈزەل ئەرزەنگە سالام بېرىش ئۈچۈن دەريا بويىغا چىقتىم. كېچە قاراڭغۇسىدا ئەرزەن تېخىمۇ گۈزەل شىرىلداپ ئاقاتتى. كۈندۈزى قۇياش نۇرىدا كەپسىز بىر بالىغا ئوخشاش ئويناقشىپ ئاقىدىغان تىنىمسىز ئەرزەن، مانا، كېچە ئاي نۇرىدا ياش بىر قىز خۇددى.
بىزنىڭكىلەر دەريا بويىدا ئوت يېقىپ دەريا سۈيىدە چاي قاينىتىشقان، نېرىراقتا چاي سۆھبىتى قىزىپ كەتكەنىدى. باردىم. تاغ تۆپىسىدە بىر كەنتتە، شىر-شىر ئېقىۋاتقان گۈزەل بىر دەريا بويىدا، ئاي نۇرى ئاستىدا كۆڭۈللۈك بىر چاي سۆھبىتى، ھاۋا شۇنداق سالقىن ۋە ھوزۇرلۇق…
غەربىي ياۋروپادىن كەلگەن مەندەك بىرى ئۈچۈن بۇ مەنزىرىلەر چۈشۈمدە كۆرسەم نەچچە كۈن ھاياجانلىنىپ يۈرۈشۈمگە يېتىپ ئاشىدۇ. ئەمدىچۇ؟ بۇ ساياھەت تۈگىمىسە ياخشى بولاتتى-دە…
سۆھبەت سورۇنى گۈزەل ئىدى، ئەمما يەرلىك ئالبان بۇرادەرلەر بىزگە ھېكايە قىلىپ بېرىشكەن ئىشلاردىن ئادەمنىڭ تېنى جىغىلدايدۇ.
ئالبانىيىدە كوممۇنىستلارنىڭ ئۆرۈلگىنىگە تېخى 20 يىلمۇ تولۇق توشمىغان ئىدى. دېمەك، بۇ ئاغىينىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا شۇ دەۋردە ياشاپ باققانلار، شۇ دەۋرنىڭ جانلىق شاھىدلىرى. ئالبانىيىدىكى سەپىرىمىز جەريانىدا بۇنداق سۆھبەتلەردە بولۇش پۇرسىتىگە ئۇچراپ تۇردۇق، شۇ دەۋردىكى ئىشلارنى نەق بېشىدىن كەچۈرۈپ باققانلارنىڭ ئۆز بايانلىرىدىن ئاڭلىدۇق. ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش، بۇ باشقىچە بىر تۇيغۇ. كىتابلاردىن ياكى قۇلاقتىن قۇلاققا كەلگەن خەۋەرلەردىن ئاڭلىغانغا ئوخشىمايدىغانلا بىر تۇيغۇ بۇ.
ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ بەزىلىرىگە ئىشىنىش ھەقىقەتەن تەس كەلدى. يامان تەرەپلىرى كۆپ، ئەمما بەزى ياخشى تەرەپلەرمۇ بار.
ناماز ئوقۇشنىڭ جازاسى ئۆلۈم.
بالىنى خەتنە قىلىشنىڭ جازاسى ئۆلۈم؛ ئۇنىڭغا قوشۇپ پۈتۈن ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى سۈرگۈن.
ماشىنىغا «بىسمىللاھ» دەپ چىقىشنىڭ جازاسى يەتتە يىل قاماق!
ماگزىندىن بىر نان ئوغرىلاشنىڭ جازاسى ئۈچ يىل قاماق. ئوغرىلىغان مالنىڭ قىممىتى 10 لېكتىن ئاشسا 7 يىل قاماق.
كوچىدا يات بىر ئايالغا گەپ قىلىشنىڭ جازاسى قاماق. مۇددىتى قىلغان سۆزنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
زىنانىڭ جازاسى ئەركەككە ئۆلۈم، ئايالغا سۈرگۈن. (ئايالنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنماسلىقى ئېتىباردىن ئەمەس، «بالا ئانىسىز قالسا بولمايدۇ» قارىشى)
باسقۇنچىلىقنىڭ جازاسى ئۆلۈم ۋە ئائىلىسىدىكى ھەممەيلەن سۈرگۈن. (بۇ قانۇن تۈركىيىدە بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى-دە. نوپۇسىمىز بىر ئازلاپ قالاتتى. «باسقۇنچىلىق مەدەنىيىتى» دەۋالىدىغان بىزنىڭكىلەر، مېنىڭچە، دۇنيادا «غوجائاكا» ئورنىدا، ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقاندا «داھىي»، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا «ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ھەمكارلاشقۇچى»، ناتونىڭ «چاقناۋاتقان يۇلتۇزى» ۋە يەنە شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدا «كۆۋرۈك» رولىنى ئوينايدۇ)
سۆھبەت جەريانىدا يەرلىك بىر بۇرادىرىمىز بالا ۋاقتىدا خەتنە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ قالدى. ھەيران قالدۇق. نوپۇسى ئۈچ مىليۇنغىمۇ يەتمەيدىغان، ئەمما ئارمىيە، ساقچى ۋە مەخپىي ساقچىلارنى قوشۇپ كەلسە ھەر ئائىلىگە ئىككىدىن توغرا كېلىدىغان بۇ كىچىككىنە دۆلەتتە شۇ بىر بۇرادەرنىڭ بالا ۋاقتىدا خەتنە قىلىنغان بولۇشى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئاۋۇلارنىڭ كۆزىگە چۈشۈپ قالماي، ئۆلۈمگىمۇ ھۆكۈم قىلىنماي ھازىرغىچە ھايات يۈرۈشى بىزنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. (ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ مۇشۇ ئىشقا ھەيران قالغىنىمىزنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسمۇ دېگىلى ئادەم يوق) «قانداق بولدى بۇ ئىش؟» دەپ سوراشتۇق.
بۇ ھېكايىنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىساق ياخشىراق:
«ئائىلىمىز ئېتىقادلىق بىر ئائىلە. مەھەللىمىزدە ئۆلىما ئەۋلادىدىن بىر چوڭ دادىمىز بولىدىغان. ئاتىسى، ئاتىسىنىڭ ئاتىسى ھەممىسى چوڭ ئالىم كىشىلەرمىش، مەدرىسەلەردە دەرس بېرەتتىكەنمىش، دېيىشىدۇ. ئۆزىمۇ شۇنداق بىر ئالىم كىشى، ئەمما ھېچ ئىش قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. نامازلىرىنىمۇ ئاجايىب مەخپىي ئوقۇيتتى بۇ دادىمىز. بىر كۈن سەۋر قاچىسى توشۇپتۇ، چىدىماپتۇ بۇ ئادەم. ‹بۇنداق كېتىۋەرمەيلى. مەھەللىدىكى ئوغۇللارنى خەتنە قىلمىساق بولمايدۇ!› دەپ قارار قىلىپتۇ. سۈننەتچىدىن بىرنى تېپىپ كەپتۇ، نەدىن، قانداق تاپقىنى نامەلۇم. ئاندىن، بىزدە ناماز چەكلىنىۋاتسا، سۈننەتچى نېمىش قىلىدۇ دەيسىلەر؟ قاچانلاردا بىر زاماندا نەدە يۈرۈپ خەتنە قىلغاننى كۆرۈۋالغان بىر ئادەمكەن ئۇ سۈننەتچىمۇ. ئاندىن ئۇ چوڭ دادىمىز مەھەللىدىكى ئۆزى ئىشىنىدىغان ئېتىقادلىق ئائىلەرگە بىر بىر خەۋەر ئەۋەتىپتۇ. ھە، ئېيتماقچى، ئۇ دادىمىز مەھەللىدىكى ئېتىقادى چىڭ ئائىلىلەرنى ياخشى بىلىدىكەن. ئارىلاپ بەزىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە مەخپىي سۆھبەتلەر بولىدىكەن. ئالىم دېگەننىڭ ئاشۇنداق بىر يېرى بولىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئائىلىگىمۇ خەۋەر كەپتۇ. مەھەللىدىكى بىرەيلەننىڭ قازناق ئۆيىدە مەخپىي قىلىنىدىغان بوپتۇ بۇ سۈننەت ئىشى. خەۋەر قىلىنغان ئائىلىلەر بالىلىرىنى ئېلىشىپ يەر ئاستىدىكى ئۇ قازناققا يىغىلىشىپتۇ. توپتوغرا 23 بالا! بەزىلىرىمىز ئىككى ياشتا، بەزىمىز بەش ياشتا، 7 ياشتا، 9 ياشتا، 12 ياشتا… دېگەندەك. تەسەۋۋۇر قىلىڭلارچۇ، 23 بالا قاتىرىسىغا ياتىمىز چىقىرىپ قويۇپ. نۆۋىتىمىزدە كېسىپ ماڭىدۇ ئاۋۇ سۈننەتچى. ھەممىمىزنى بىرلا پىچاقتا دەڭلار تېخى. پىچاققۇ دېدۇق، شۇ بىر مەينەت بىر نەرسە. 23 بالىغا بىرلا شۇنى ئىشلەتكەندە ھەر خىل يۇقۇم خەۋپى چوڭ، بىلىسىلەر. ئەگەر، خۇدا ساقلىسۇن، راستلا بىر كېسەل چىقسا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى خەتنە قىلىنغىنى ئاشكارىلانسا يا ئۆلىمىز، يا سۈرگۈن. ئەمما ئائىلىلىرىمىز بۇ رەزىللىككە قارشى شۇنداق بىر ئىسيان كۆتۈرۈپتىكەنكى، مۇشۇ خەۋپلەرنىڭ ھەممىسىگە تەۋەككۈل قىلىشىپ ئېلىپ كېلىشكەنىكەن بىزلەرنى شۇ قازناققا. ھەتتا جىق ئادەم توپلاشسا گۇمان چىقمىسۇن، دەپ ئاتا-ئانىلار يۈرەك پارىلىرىنى ئەكىرىپ قويۇپلا چىقىپ كېتىشكەنىكەن.
نەق 23 بالا ئىدۇق. ئۇ كېچە ھەممىمىز شۇ قازناقتا بىرلا پىچاقتا نۆۋىتىمىز بىلەن خەتنە قىلىندۇق. مەن 22-سى ئىدىم، ئېنىق ئېسىمدە. ۋاس، ۋاس، ۋاس… بىردىن بىردىن كېسىپ ماڭىدۇ. دورا يوق، تۇخۇم يوق، ناركوز يوق، بېشىڭدا ئاتا-ئاناڭ يوق، ھېچنېمە يوق، بارى شۇ بىرلا پىچاق.
خەتنە قىلىنىپ بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆيدىن چىقمىدىم، ئەلۋەتتە. ئاتا-ئانام بېشىمدىلا. پەقەت شۇ ئۆيگە مېھمان كېلىشكەنلەردە زورىغا تۇرۇپ مېڭىپ قويىمەن، چېنىپ قالمىسۇن دەپ.
مەھەللىمىزدە تازا ئوسال، جاۋۇلداق بىر جادى بار ئىدى ئۇ چاغلاردا. ھەممەيلەن شۇنداق ئۆچ كۆرەتتى ئۇنى. ئەتىدىن كەچكىچە قىلىدىغان ئىشى ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا گەپ توشۇش، پىتنە پاسات، غەيۋەت، شۇلا ئىدى. چىرايىنىڭ بىر سەتلىكىنى ئېيتايمۇ… بىر نەچچە كۈن مېنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ئارىسىدا كۆرەلمەي، سېغىنىپ قالمامدۇ مېنى. ئويۇنغا بەك ئامراقتىم راست، ئادەتتە كوچىدىن كىرمەيتتىم. مەن نەچچە كۈن ئۆيدىن چىقمىسام بىر يېڭى خەۋەرنىڭ ھىدىنى ئېلىپ بۇ ئاپشاركىمىز، سەھەردە ئاتام ئىشقا كەتكەندە بىزنىڭ ئۆيگە كەلسە بولىدۇ. ئاپام بىلەن ھال-مۇڭ بىردەم ئولتۇرۇپ چىقىپ كەتكىلى كىرگەنمىش. خىيالىغا كىرىپ چىقسام شۇ مېنى ماراپ كەلگەن نېمە. مەنمۇ ئۇنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇنداق بىر مېڭىپ كۆرۈنۈش قىلىپ قويدۇم.
ئاپام بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاچ كۆزىنىڭ بىر بۇرجىكىدە مېنى تاسقاپ سۈزۈۋاتاتتى بۇ جادى. ئارىدا ئاپامغا شۇنداق دەيدۇ:
- سىزنىڭ بۇ بالا نەچچە كۈن بولدى كوچا-كويلاردا كۆرۈنمەيدۇ. بالىلار دائىم بىللە ئوينايدىغان، بىلىسىز. بىزنىڭكى ئادىشىنى سېغىنىپ قاپتۇ. بالىنىڭ مىجەزى ياخشىدۇ ھە؟
بىچارە ئاپام قورقۇپ تىترىگىنىچە جاۋاب بېرىدۇ:
- ھە، ھە، توغرا. بالىنىڭ ئازراق مىجەزى يوق نەچچە كۈندىن. سوغۇق تەگكۈزۈۋالدى چېغى، زۇكاممىكىن يا. گېلى ئاغرىپ، بېشى ئاغرىپ، يۆتىلىپ، چۈشكۈرۈپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. لىمون چېيى ئىچكۈزدۇق، ئىسسىق شورپا ئىچۈردۇق، ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدى. ئۇمۇ سېغىنىپتۇ ئاداشلىرىنى. بىر نەچچە كۈن ياتسا ساقىيىدۇ. ئاندىن چىقىپ ئوينايدۇ يەنە بىللە…
ئاندىن ئۇ ھازازۇل نېمە دەيدۇ:
- پۇتىغا بىر يارا چىققانمۇ نېمە؟ كېرىــــــــــــــــپ مېڭىۋاتىدۇ قارىسام.
ئاپامنىڭ يۈزىدە شۇنداق بىر ۋەھىمە، شۇنداق بىر قورقۇنچ! جېنىم ئاپام، شۇ يۈزىنى ھازىرغىچە ئۇنۇتمايمەن. ۋەھىمىدىن قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئىدى يۈزلىرى.
ئۇ كۇنى ئۇ جادى بىزنىڭكىگىلا ئەمەس، باشقا بىر نەچچە «سۈننەتداش» بالىلارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ بېرىپتۇ، يەنى نەچچە كۈندىن كوچىلاردا كۆرۈنمىگەن بالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە.
ئەتىدىن باشلاپ ھەممىمىز كوچىدا. توپ دېگەننى تېپىۋاتىمىز. خەتنە قىلىنغىنىمىز چېنىپ قالمىسۇن، دەپ قەستەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئويناۋاتىمىز دە. بىر تەرەپتىن تېپىۋاتىمىز توپ دېگەننى، يەنە بىر تەرەپتىن كۆزىمىز ئۇنىڭ دېرىزىسىدە، جادى بىزنى كۆزىتىۋاتامدۇ دەپ. دېگەندەك ئۇمۇ شۇ نەق بىزنى ماراپ ئولتاغان.
ما يېرىمدا شۇنداق بىر ئاغرىق، شۇنداق بىر چىدىغۇسىز ئاغرىق باركى، بۇنى ھازىر بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان سىز ئوغۇل كىتابخانلىرىمىز دېمىسەممۇ بىلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتىم. ھەتتا ھەممەيلەندىن بەكرەك كۈچەپ تېپەتتىم. توپ يىراقلارغا كېتىپ قالسا، بىرەيلەننىڭ باغچىسىغا كىرىپ كەتسە ئۆزۈم يۈگۈرۈپ بېرىپ ئېلىپ كېلەتتىم.
ئويلىساڭلارا، ئالتە ياشلىق بىر بالا! ئالتە ياشتا بىر بالا دېگەننىڭ كاللىسىدا نېمە بولىدۇ ئادەتتە؟ مەكتەپ يېشىمۇ ئەمەسقۇ ئالتە ياش دېگەن؟ ئەمما مەن شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن كۈن ئاشۇ چىدىغۇسىز ئاغرىقتا نېمىشقا يۈگۈرۈپ يۈرىمەن؟ پەقەت شۇ ئاتا ئانام ئۆلتۈرۈلمىسۇن ئۈچۈن!
لېكىن، قايسى تىلىم بىلەن ئېيتاي، پۈتۈن كۈن كوچىدا جان ئاچچىقىمىزدا ئاقساپ يۈرۈپ ئويناپ ئۆيگە كىرسەك لىق ساقچى. ئاۋۇ يەرنىڭ تېگىدىكى يىلان كۆشسىە بىلىۋالىدىغان ھازازۇلدىن بىز نەچچە ياشلىق كىچىك بالىلار بىر نەرسە يوشۇرالامدۇق دەيسىلەر؟ ئاللىقاچان ھۆكۈمەتكە چېقىپ بولغانىكەن.
بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرغان ھەممە ئائىلە سوتقا تارتىلدى. ئەڭ باشتا ھېلىقى چوڭ دادىمىزمۇ بار، ئەلۋەتتە. ئىشنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ بارلىقىنى بىلىشكەنىكەن. دادىمىز سوراقتا ھېچنېمىنى ئىنكار قىلمىدى. ۋەقەنىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ پىكرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ھېچبىر گۇناھى يوقلۇقىنى، ئۇ ئۆزى بۇ ئائىلىلەرنى بۇ ئىشقا قىزىقتۇرغان ۋە ھەتتا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. بۇ مۆھتىرەم مۇسۇلمان ئادەم، ئۆزىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ئائىلىلەرگە چېقىلماسلىقنى، شۇنىلا تەكرارلايتتى سوتتا.
ئاقىۋەت، بۇ دادىمىز «گۇناھىنى يوشۇرماي تولۇق تاپشۇرغان، گۇناھىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى» بولغاچقا جازادىن كەچۈرۈم قىلىندى. ئائىلىلەرگىمۇ جازا بېرىلمىدى. ئاغزىلىرىدا دېمىگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە كەچۈرۈمنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە بۇ ئەمەس. ھۆكۈمەت مەھەللە خەلقىنىڭ قارشىلىقىدىن قورقتى ئاقىۋەتتە. شۇنداق ئېغىر شارائىت ئاستىدا بىر مەھەللىدىنلا 23 ئائىلىنى تەشكىللىيەلىگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى يەنە قانچىلىغان ئادەمنى قوزغىتىۋېتىشى ئويلىساڭلارچۇ؟ پۈتۈن مەھەللىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر ئادەم ئىدى ئۇ دادىمىز. اللە رەھمەت قىلسۇن.»
خوش، تەسىرات؟ بۇ راست بىر ۋەقەنىڭ شۇ ۋەقەنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر ئادەمنىڭ ئاغزىدىكى بايانى.
خەتنە قىلىنىپ ئۆگۈنىلا كوچىدا توپ ئوينىغان ئالتە ياشلىق بىر بالا، چوڭ بولۇپ ئائىلە قۇرۇپ ئۆزىمۇ ئاتا بولغاندىن كېيىن مانا بۇ غەنىمەت پۇرسەتتە ئۆز ئاغزىدىن ئېيتىپ بېرىۋاتقان بىر ھېكايە بۇ…
ئۇ دەۋرگە ئائىت نۇرغۇن نۇرغۇن ئېچىنىشلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلىدۇق. يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىمىز تېخى ئەڭ كۆڭۈللۈكرەكىگە ھېساپ. باشقا ھېكايىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇنى يۇمۇر دەپ قويساقمۇ بولىدۇ. ئارىدا پەقەت 20 يىللا ئۆتكەچكە، ئالبانىيىدە ئاساسەن دېگۈدەك ھەممەيلەن ئۇ دەۋردىكى ئېچىنىشلىق ئىشلارنىڭ تىرىك شاھىدلىرى.
باشقا بىر ھېكايە ئاڭلامدۇق؟ يۇقىرىدىكى ھېكايىنى نېمىشقا يۇمۇر دېدۇق، بۇنى كۆرسەك بىلىدىكەنمىز:
1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا، تەخمىنەن 64, 63-يىللاردا ئالبانىيە مۇستەبىتى ئەنۋەر خوجا ئېغىر بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ. نەچچە مىڭ ئادەمدىن بىرىدە كۆرۈلىدىغان، تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان بىر كېسەل. بۇ ئىش خەلقتىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ. (كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يىقىلغىچە بۇ ۋەقەنى ھېچكىم بىلمىگەن بۇ ئىش 1990-يىلىدىن كېيىن ئاندىن ئاشكارلانغان) قاندىن زەھەرلىنىش دېيىلگەن بۇ كېسەللىك ئۈچۈن پات-پات قان تازىلاپ تۇرۇش كېرەك ئىدى. ترانادىكى دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىنىڭ باش دوختۇرى ئۇنىڭ كېسىلى ئۈچۈن بىرلا داۋا – قەرەللىك يېڭى قان ئارقىلىق قان تازىلاش ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. يەنى، ئەنۋەر خوجىغا قەرەللىك قان بېرىلىپ تۇرۇشى، ۋە بۇ قان چوقۇم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قېنى بولۇشى كېرەك!
ئۇ چاغلاردا دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان ھەر بىر بوۋاق ئۈچ كۈنگىچە ئانىسى بىلەن دوختۇرخانىدا تۇرۇشى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىدى. مۇشۇ دەسلەپكى ئۈچ كۈندە نۇرغۇن بوۋاقلار مۇشۇ رەزىللىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. قانخور بۇ دىكتاتورنىڭ ھاياتى ئۈچۈن نۇرغۇن بوۋاق يەۋىتىلگەن. (دۇنيادىكى ھەممە دىكتاتورلار شۇنداق ئەمەسمۇ ئەمەلىيەتتە؟ يالغۇز بىر ئەنۋەر خوجىلىمىدى دەيسىلەر؟ ھازىر بىز ئەنۋەر خوجىنى تىلغا ئالغان بولساق، بۇ پەقەت بىز بۇ ساياھەتنامىمىزنى ئالبانىيىدە يېزىۋاتقىنىمىز ئۈچۈندۇر. بولمىسا بۇ دىكتاتورلار جاھاننىڭ نەرىدە بولمىسۇن ئوخشاش. شۇ ئاندا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جان تالاشماقتا، مەھشەر كۈنلىرىنى ياشاۋاتماقتا. ئىلاھىم ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئۇلار ناھەق قانلىرىنى تۆككەن مىليۇنلارچە ئىنسانلارنىڭكىدەك بولسۇن! ئېسىڭلاردا بولسا بۇرۇنقى ساياھەتنامىمىزدا مىسىرغا بارغانىدۇق ۋە مىسىرنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلىرى بىلەن تەھلىل قىلغانىدۇق. مىسىر ھەققىدە يازغان شۇ جۈملىلىرىمىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ۋەقەلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن ئەسكەرتىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم) ئەلۋەتتە، دوختۇرخانىدىكى بوۋاق ئۆلۈملىرى مېدىيا ۋە خەلقتىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ. بوۋاقنى ساغلام تۇغۇپ ئىككى كۈن كېيىن ئۆلۈكىنى تاپشۇرۇۋالغان ئاتا-ئانا نەدىن بىلسۇنكى مىڭلارچە بوۋاقنىڭ ئوخشاش شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتىلىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى؟ ئۇلار پەقەت شۇ «ئەلھۆكمۇلىللاھ» دېيشىدۇ، باشقا نېمە قىلىشسۇن بىچارىلەر؟
بۇ ئىش مۇشۇ شەكىلدە نەچچە ئاي داۋام قىلىدۇ. ھەر كۈنى بۇ دىكتاتورغا بىر قېتىم يېڭى قان بېرىلىدۇ، يەنى بۇ دېگەنلىك، ھەر كۈنى بىر بوۋاق ئۆلىدۇ.
ئىشلار شۇنداق «ئوڭۇشلۇق» كېتىۋېتىپ بىر كۈنى قىزىق بىر ئىش چىقىدۇ. بىزنىڭ ھېلىقى باش دوختۇر، يەنى بايا دىكتاتورغا بوۋاق قېنى بۇيرۇغان باش دوختۇرنىڭ ئەڭ يېقىن، جان-جىگەر ئاغىيىنىسى، راۋۇرۇس تونۇلغان ئادۋوكات بىرىنىڭ ھامىلىدار ئايالى تۇغۇتىدا نەق ئاشۇ دوختۇرخانىدا ياتسا بولىدۇ. بىزنىڭ ئاۋۇ دوختۇر نېمە قىلىشنى بىلمەي بېشى قاتىدۇ. تۇرغان پۈتكىنى بىر قاتىل، شۇنداقتىمۇ جان-جىگەر ئاغىينىسىنىڭ بالىسىغا كەلگەندە قولى تىترەيدۇ. بالىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئويلايدۇ. ئامال؟ ئۆزى قويغان ئۇ دىئاگنوزنى ئاغدۇرۇۋەتكىلى بولمايتتى. ئويلا ئويلا، ئاخىرى بالا تۇغۇلىشىغىلا ئانا-بالىنى ئۆيىگە شۇ كۈنىلا قايتۇرۇۋەتمەكچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىدۇ ئاخىرى. بالىنىڭ بېشى چىقار چىقماس «ئانا بالا ھەر ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، دوختۇرخانىدا يېتىشقا تېگىشلىك بىر خەتەر يوق. ھازىرلا چىقىپ كەتسە بولىدۇ» دەپ دوكلات يېزىپ، ئانا بالىنى ئۆيىگە يولغا سالىدۇ. ئاتا بۇنىڭغا ئۇنىماي كېلىپ دوختۇر بىلەن تاكاللىشىدۇ ئۆزى خىيالىچە. نەچچە كۈن دوختۇردا يېتىپ كۆزىتىلىشى كېرەك، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. دوختۇر قانچە چۈشەندۈرسە ئۇنىمايدۇ. تۇغۇتلۇق بىر ئايالنى تۇغۇشىغىلا بالا بىلەن دوختۇرخانىدىن ئېلىپ قاچقاندەك چىقىرىۋەتكەن بارمۇ؟ يەنە تېخى يېقىن ئاغىينە تۇرساق بىز؟…
ئاتا ئۇنىڭ ھەرقانداق باھانىسىگە ئۇنىمايدۇ. يا ما دوختۇر راست گېپىنى دېيەلمەيدۇ. قانداق دېيەلىسۇن؟ شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەن تازا بىر مەيدان قاتتىق تاكاللىشىۋەتكەندىن كېيىن دوختۇر مەجبۇرىي ھالدا ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپ بالا بىلەن ئانىنى ئاران ئۆيىگە يولغا سالىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بۇۋاق قۇتۇلىدۇ، لېكىن شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككى دوستنىڭ دوستلۇقىمۇ ئاخىرلىشىدۇ. 91-يىلى كوممۇنىستلار يىقىلغۇچە بۇ ئىككىسى بىر ئېغىز پاراڭلاشمايدۇ، بىر-بىرىدىن قېچىشىدۇ …
1991-يىلى كوممۇنىستلار ئۆرۈلگەندە بۇ ئاتا، يەنى مەشھۇر ئادۋوكات ترانادا كونا ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ قالىدۇ. شۇ ئارخىپلارنىڭ بىرسىدە نەق شۇ ئەنۋەر خوجىنىڭ كېسىلى ۋە ئۇنىڭ داۋاسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار چىقىپ قالسا بولىدۇ. پېشانىسىگە پاققىدە بىرنى قويىدۇ-دە، دەرھال ئۆيىگە قايتىپ ئاللىقاچان 27 ياشقا كىرىپ كەتكەن ھېلىقى بوۋاقنى يېنىغا ئېلىپ خەۋەرمۇ بەرمەستىن كونا دوستىنىڭ ئۆيىگە ماڭىدۇ. دوختۇر ئىشىكى ئالدىدا 27 يىلنىڭياقى چىرايىغا قاراپمۇ قويمىغان بۇ بۇرادىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، نىمىگە كەلگىنىنى پەرەزمۇ قىلالمايدۇ ۋە ئامالسىز ئۆيگە تەكلىپ قىلىدۇ.
ئىچكىرىدە ئادۋوكات بىزنىڭ دوختۇرغا قانداق قانداق ئارخىپلارنى كۆرگىنىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، دوختۇردىن كەچۈرۈم سورايدۇ ۋە بۇ ئىككى دوست 27 يىلدىن كېيىن قايتا يارىشىدۇ. يەنى، بۇ ئىككى دوست، ياق، خاتا، خاتا، بۇ ئىككى ھايۋان دېيىش كېرەك. بىر جاڭگالنىڭ بۆرىسى بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ بىرى، يەنى ئاۋۇ ئادۋوكات بولغان ئادەم، قانۇن ئادىمى بولغان ئادەم دوختۇرغا سەن نېمەڭگە مىڭلارچە بوۋاقنىڭ ئۆلۈم پەرمانىنى يېزىپ چىقتىڭ؟ دەپ سوراق قىلىپ يۈزىگە تۈكۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ بىر تال ئوغلىنى قۇتقۇزۇۋالغان پىداكارلىقىغا ئاۋۇ دوختۇرنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ، پەشلىرىنى سۆيۈپ رەھمەت ئېيتىۋاتىدۇ…
بۈركۈتلەر دۆلىتى – ئالبانىيە
مۇلەت كەنتىدە قۇربانلىق تارقىتىش (ئالبانىيە)
خالىد نەجدەت ئارسلانئەر، جەلالىددىن خەيرۇللاھ، سەيمىر رۇشەكۇ
مۇلەت كەنتىدە قۇربانلىق تارقىتىش (ئالبانىيە)
مۇلەت كەنتىدە قۇربانلىق تارقىتىش (ئالبانىيە)
بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (07)
مەنبە : ئىزدىنىش تورى ( ھىچكىم تەرجىمىسى )
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=573