تۇرمۇش خاتىرىسى

بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (06)

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق (1) پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن (2) ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام-نىشانى قالمايدۇ (3) 

[سۈرە كەۋسەر]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. ئەسەرنىڭ بۇ قىسىمى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ يوللىماسلىقنى توغرا تاپتىم. باھانىلىرىم تۆۋەندىكىچە:
بۇ قىسىمدا ئاساسلىقى قۇربانلىقنىڭ قانداق ۋە كىمدىن باشلانغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن؛ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىكى قۇربانلىق ئىبادىتىگە دائىر مەزمۇنلار ئەسلىنىپ ئۆتۈلگەن؛ قۇربانلىقنىڭ تۈرلىرى تونۇشتۇرۇلغان؛ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىشىدىن ئىبارەت مەشھۇر قىسسە تەپسىيلى يېزىلغان؛ ھازىرقى تەۋراتتا مۇشۇ قىسسە سۆزلەنگەن جۈملىلەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسسىز ھالدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلغان، دەپ تۇرۇۋېلىشىدىغانلىقىنى، تەۋراتتا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بۇ قىسسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئۆز-ئارا زىتلىق (ئىسھاق ئەلەيھىسسالام يالغۇز ئوغۇل دېيىلگەن، ئارقىدىنلا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام چوڭ ئوغۇل بولۇپ تىلغا ئېلىنغان، دېگەندەك) تەھلىل قىلىنىپ، تەۋراتنىڭ قانداق ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى بۇ نۇقتىدىنمۇ ئىسپاتلاپ چىققان…
بۇلاردىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاۋۇ «كۆك قوچقار قىسسىسى» بىزدىمۇ مەشھۇر ۋە ھەر ھېيىتتا ئىماملىرىمىز ئۇزۇن ئۇزۇن سۆزلەپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن قىسقارتىلدى؛ قۇربانلىق ئىبادىتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان دىنىي كىتابلىرىمىزدىن ۋە دىنىي ئالىملىرىمىزدىن ئۆگىنىشىمىز توغرا دەپ قارىدىم ۋە بۇ مەزمۇنلارنىمۇ قىسقارتتىم؛ (يەنە كېلىپ، ئاپتورنىڭ قارىشىدا بىزدىن پەرقلىق يەرلەر بولسا تورىمىزدا تىللىنىپ يۈرۈشىنى لايىق كۆرمىدىم) تەۋراتتىكى بۇ قىسسىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاپتور ئۇزۇن توختالغان ۋە تەۋراتتىن نۇرغۇن «ئايەت» كەلتۈرگەن، بۇلارنى تەرجىمە قىلىپ كۆرۈپ يەنىلا قىسقارتىۋېتەيچۇ، دەپ قالدىم… شۇنداق قىسقارتىشلاردىن كېيىن ئەسەرنىڭ قېلىپ قالغان يەرلىرى تۆۋەندە تولۇق بېرىلىدۇ. توغرا چۈشىنىسىلەر-دە.
بۇ قىسىمدا يەنە ئاپتور AĞLADIKÇA YEŞİLE ÇALAR GÖZLERİN ماۋزۇسىدا پەچەت بىر شېئىر قىستۇرغان. ماۋى مارمارا ھەققىدىرەك يېزىلغان بۇ شېئىرنى ۋە بۇ قىسىم خاتىرىمىزنىڭ تولۇقىنى كۆرۈپ باقسام، دەيدىغانلارغا ئۇلانمىنى بېرىمەن: http://www.haksozhaber.net/balkanlarin-en-kilitli-kapisindan-iceri-6-19654yy.htm
ئالبان بالىلار (ئالبانىيە)
IHH ئەرزەن دەرياسى بويىدا (ئالبانىيە)
قۇربانلىق كالىلىرىمىز (ئالبانىيە)
ئەرزەن دەرياسى بويىدا (ئالبانىيە)
گۈزەل ئەرزەن (ئالبانىيە)
مەنبە : ئىزدىنىش تورى ( ھىچكىم تەرجىمىسى )
 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=217

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: مەن بىلەن مېڭىڭ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: