تۇرمۇش خاتىرىسى

تۆشۈك چىلەكتىن تۇغۇلغان ئويلار

بىر دېھقاننىڭ ئىككى چېلىكى بولۇپ، ئۇ دېھقان ھەركۈنى بۇ ئىككى چېلەكنى ئەپكەشلەپ، دەريادىن سۇ توشۇيدىكەن. ئەمما بىر چېلىكى تۆشۈك بولغاچ، ئازراق سۇ ئاقىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھەربىر يولدا دېھقان پەقەت بىر يېرىم چېلەك سۇ ئەكىلەلەيدىكەن.

كۈنلەر ساق چېلەك ئۆزىنىڭ ساقلىقىدىن ماختىنىپ، تۆشۈك چېلەك بولسا ئۆزىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن تۆشۈك چېلەك ئاخىرى چىدىماي، دېھقانغا :“مەن بەك خىجىل، سېنىڭ ئەجرىڭگە چۇشلۇق پۈتۈن بىر چېلەك سۇ توشۇيالمىدىم…“ دەپ يىغلاپتۇ. دېھقان كۈلۈپ تۇرۇپ :“دىققەت قىلدىڭمۇ؟ قارا، سەن تەرەپتىكى يول ياقىسىدا گۈللەر ئېچىلىپ كەتتى، يەنە بىر تەرەپتە بولسا ھېچنىمە يوق… مەن باشتىلا سېنىڭ تۆشۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن، شۇڭا يول ياقىسىغا گۈل ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويغان ئىدىم… بىز ھەر كۈنى سۇ ئېلىپ قايتقاندا، سەن يول بويىدىكى گۈللەرنى سۇغۇرۇپ ماڭدىڭ. مانا ئىككى يىل بولدى، مەن دائىم بۇ گۈللەرنى ئۈزۈپ، دەستۇرخانلىرىمنى بېزىدىم… ئېيتقىنا، ئەگەر سېنىڭ ئەشۇ كەمتۈكلىكىڭ بولمىغان بولسا، مەن بۇنداق چىرايلىق گۈللەرنى نەدىنمۇ ئۈزەتتىم؟“ دەپتۇ.

ھەر بىر كىشىنىڭ ئەشۇ تۆشۈك چېلەكتەك ئازدۇر- كۆپتۇر نۇقسانلىرى بولىدۇ. ناۋادا بىز كىشىلەردىكى نۇقسانلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولساق، ھەم ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكىنى تولۇقلىساق، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا تولماسمۇ؟

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3020

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-01-05
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 5دانە
  1. بەك ياخشى بولدى، ئاخىرى تىزىملاتتىم.

  2. ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم، بلوگىڭىزنى دائىم زىيارەت قىلپ تۇرىۋاتمەن. بۇ قېتىم كىرگەندە مىنى ئەڭ جەلپ قىلىغىنى سۈزۈك تەگلىك بولدى. بۇرۇن مەنمۇ بەك-بەك بەك ئىزدەپ كەتكەن مۇشۇنداق قىلىشنىڭ تەدبىرىنى ، مۇمكىن بولسا دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟؟!
    چ چ ؛ 1209223804

    • ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام! بۇ بەك ئاددىي. بىلوگىڭىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش رەڭگىنىڭ ئورنىغا رەسىم قويىسىز، ھەربىر كۆرۈنۈش رايۇنىنىڭ رەڭ ئورنىنى سۈزۈك تەگلىك رەسىمگە ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.

  3. كەچۈرۈڭ، مەن يېڭى ئۆگەنگۇچى تەپسلىيـرەك چۈشەندۇرۇپ بېرەلەرسىزمۇ؟

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: