![]() |
بىر كۈن – بىر ئۆمۈر
كۈنىڭىز قانداق ئۆتسە، ئۆمرىڭىز شۇنداق ئۆتىدۇ. بۇ ئادىىي بىر جۈملە سۆزگە ناھايتى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر سىڭگەن. پەقەت ھەر بىر كۈنگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان، ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقانلارلا ھاياتىنى چىن مەناغا ئىگە قىلالىغان بولىدۇ.
بىر يىل 365 كۈن. ئۇنداقتا، زادى قايسى كۈن بىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم؟ يىلدا ئۆتكۈزىدىغان بايرام كۈنلىرىمۇ؟ ياق، پەقەت ھەر بىر كۈننى خۇددى بايرام كۈنلىرىدەك ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلىسەك، بۈگۈننى چىڭ تۇتالىساق، پەس ئارزۇ – ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولماي، بۈگۈننىڭ ئۆزىدە راۋرۇس ياشىيالىساق، بىز ئۈچۈن كۈندە بايرام. بۈگۈنىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق.
بىر كۈن بىر ئۆمۈر دېمەكتۇر. شۇڭا، بۈگۈنكى قايغۇ ئەتىڭىز ئۈچۈن يۈك بولۇپ قالمىسۇن. يېڭى بىر كۈننى يېڭىچە ئارزۇ – تىلەكلەر بىلەن كۈتۈۋېلىڭ. بۈگۈنكى مەغلۇبىيىتىڭىز ئۈچۈن ئۆكۈنمەڭ. پەقەت ھەر كۈنى ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىسىڭىز، دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا باسسىڭىز، كەلگۈسى سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ. ھەر كۈنى سىز ئۈچۈن يېڭى بىر سىناق مەيدانى بولسۇن. بۇ مەيداندا ئۆز ئۆزىڭىزنى تاۋلاڭ. ئەلۋەتتە، خىزمەتتىن چارچىغان، ئۆگىنىشتىن ھارغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، سىزگە ئاراملىق بېغىشلايدىغان ئىشلار بىلەن مەشغول بولۇپ تۇرمۇشتىن بەھر ئېلىڭ. ھەر كۈنى كەچتە « بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدىمۇ؟ » دەپ ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. ھەر بىر كۈن سىز ئۈچۈن يېڭى بىر باشلىنىش شۇنداقلا ئۇ يەنە ئاخىرقى نۇقتا بولسۇن.
بۈگۈنگە تۇتقان پوزىتسىيىڭىز كېلەچىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. باسقان ئىزىڭىزدىن گۈل ئۈندۈرەي دېسىڭىز، بۈگۈنىڭىزنى قەدىرلەڭ!
ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەر بىر كۈنىڭىز پۈتۈن بىر ئۆمرىڭىزنىڭ قىسقا بىر كارتىنىسى…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3318