![]() |
مەھكەم تاقالغان ئىشىك
بىر باينىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. بىر كۈنلەردە ئىككى ئوغلى چوڭ بوپتۇ، بايمۇ ياشىنىپ قاپتۇ. باي ئىگىلىكىگە قايسى ئوغلىنى ۋارىسلىق قىلغۇزۇشنى بىلەلمەي بېشى قىتىپتۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ قۇرۇق قول ئىگلىك تىكلىگەن ياش چاغلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ، توساتتىن كاللىسىغا ئوغۇللىرىنى سىنايدىغان بىر ياخشى ئامال كەپتۇ.
ئۇ قورۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاپ، ئىككى ئوغلىنى ئىلىپ 100 چاقىرىم نىرىدىكى بىر شەھەرگە كەپتۇ، ئاندىن ئوغۇللىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىر تىزىقتىن ئاچقۇچ، بىردىن يۈگۈرۈك ئات بېرىپ، “ قايسىڭلار ئۆيگە بالدۇر بىرىپ، ئىشىكنى ئالدىدا ئاچساڭلار، ئىگىلىكىمنى شۇنىڭغا قالدۇرىمەن “ دەپتۇ.
ھەر ئىككىلىسى ئاتلىرىنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ، تەڭ دېگۈدەك ئۆيگە يىتىپ كەپتۇ. ئەمما، ھىم تاقالغان ئىشىكنى كۆرۈپ، باشلىرىغا غەم چۈشۈپتۇ.
ئاكىسى ئۇ ئاچقۇچنى سىلىپ بىقىپ، بۇ ئاچقۇچنى سىلىپ بىقىپ، جىق ئاچقۇچلارنىڭ ئارىسىدىن ماس كىلىدىغان ئاچقۇچنى تاپالماي تىت – تىت بوپتۇ.
ئىنىسى بولسا يېنىدا سېلىپ باققۇدەك ئاچقۇچنىڭ يوقلۇقىدىن تىت – تىت بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئاتنى تېز چاپتۇرۇپ، ئۆيگە ئالدىدا بىرىشنىلا ئويلاپ، ئاچقۇچنىڭ چۈشۈپ قالغىنىنى ئۇقماي قالغانىكەن.
ئىككىيلەن جىددىيلەشكەنلىكىدىن ئۈستى باشلىرى چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئىنىسى بىر ئامال تېپىپتۇ. ئۇ تاشتىن بىرنى تىپىپ كىلىپ، بىردەمدىلا قۇلۇپنى چىقىپ، ئۆيگە غەلبىلىك كىرىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ۋارىسلىق ھوقۇقى ئىنىسىگە تەۋە بوپتۇ.
تۇرمۇش سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدىكى، كىشلىك ھايات دەرۋازىسىنىڭ ئومومەن ئاچقۇچى بولمايدۇ. شۇنداق بىر تەقدىر – قىسمەتلەر پىشانىمىزگە پۈتۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ھالقىلىق پەيىتتە، بىزنىڭ موھتاج بولىدىغىنىمىز ئاللىقانداق قائىدە – يۇسۇن، پىرىنسىپلارغا باغلانغان ئاچقۇچ ئەمەس، بەلكى توسالغۇنى يانجىپ تاشلىيالايدىغان بىر پارچە تاشتۇر.
تۇرمۇش بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=641