خەيرى – ساخاۋەتنىڭ كەسمە يۈزى
يىتىم – يسىر، غىرىپ – مىسكىن، ئاجىز – باشپاناھسىزلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىسى. كۈنىمىزدە ئوقۇشسىز قىلىۋاتقان نارسىدە بالىلار، كېسەل كارۋىتىدا ئازابلىق ئىڭراپ جان تالىشىۋاتقان، ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقان ئېغىر ئاغرىقلاردىن تارتىپ تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك بوران – چاپقۇنلىرى زەربىسىدە چىقىش يولى تاپالماي چۈشكۈنلۈك ئىچىگە مەھكۇم بولغان كىشىلەرگىچە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىش چىن ئىنسانلىقىمىزنىڭ، ئادىمىيلىكىمىزنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ مىسالى سۈپتىدە، تارىخىمىزدا مەكتەپ قۇرۇپ مەرىپەت مەشئىلىنى ياندۇرغان ئاكا – ئۇكا مۇسابايۇفلار، ئايخان ئانا… قاتارلىق شەخسلىرىمىزنىڭ نۇرلۇق ئابىدىلىرى تا بۈگۈنگىچە كۆز چاقنىتىپ كەلگەن بولسا، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە بۇرۇنقىلارنىڭ ئىزىنى بىسىپ ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدە مەيدانغا كەلگەن مېھرىبان ئانىلار جەمئىيتى، ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائى تەشكىلاتلار، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن مەكتەپ قۇرۇپ يىتىم بالىلارغا باشپاناھ بولغان نۇرتاي ھاجىم ئىسكەندەر قاتارلىق كىشىلىرىمىز مىللەتنىڭ بۇ ئېسىل ئەنئەنىسىنى چاقنىتىش بىلەن بىرگە ئىنسانلىقىمىزنىڭ، ئادىمىيلىكىمىزنىڭ يارقىن ئۈلگىسى بولۇپ كەلمەكتە.
ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ يورۇق ۋە قاراڭغۇ تەرەپلىرى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا ئوخشاش، گەرچە ئۆتمۈشتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە يوقىرىقىدەك ئىش – ئىزلىرى بىلەن ساخاۋەت بابىدا پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق يولتۇزلىرىمىز قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيتىمىزدە خەيرى – ساخاۋەتتىن يېراقلىشىۋاتقان، ئورۇنسىز ھەشەمەتچىلىك ئەۋىج ئىلىپ، مال – دۇنياسىنى ئەيىش – ئىشرەت ئىچىدە ئىسراپ قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىز يەنىلا كۆپ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېغىرئاغرىق سەۋەبىدىن كېسەل كارۋىتىدە جان تالىشىۋاتقان مەسۈمىلەر، بار – يوقىنى شۇ مەسۈمىلەر ئۈچۈن سەرىپ قىلىپ قاقشال بولغان، چىرايى زەپىراندەك سارغايغان ئاتا – ئانىلار ئىلاجىسىزلىق، يوقسۇزلۇق ئىچىدە ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللادىن، ئاندىن قالسا مېھرى كەڭ، قولى سېخى ساخاۋەتلىك قىرىنداشلىرىدىن ئۈمىدلەر كۈتۈپ ئۈن – تىنسىز ياش تۆكمەكتە.
بىر قوۋىم ئۈچۈن بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ھەممە ئاز – ئازدىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ ئىللىق مېھرىنى بىرىش شۇ قوۋىمنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، تەدرىجى تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن موھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە. سىز ۋە بىز ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ئاشۇ كىشىلەر كېيىنكى كۈنلەردە تىخىمۇ كۆپلىگەن ساخاۋەت ئىگىلىرىدىن، ئۆز خەلقى، قىرىنداشلىرى ئۈچۈن چوڭ – چوڭ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ تىخىمۇ زور نەتىجىلەرنى شۇ قوۋىمغا ھەدىيە قىلىشى مۇمكىن. جان تالىشىۋاتقان شۇ نارسىدە بالىلار كەلگۈسىدە داڭلىق دۇختۇرغا ئايلىنىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن كېسەللەرگە شىپالىق ئاتا قىلسا، سىز بىشىنى سىيلىغان شۇ يىتىم بالىلار كەلگۈسىدە تىخىمۇ كۆپلىگەن مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، قاراڭغۇ دىللارغا مەرىپەت مەشئىلى ياندۇرۇشى مۇمكىن ھەم.
ھەر قېتىم ساخاۋەت ھەققىدە ئويلىغىنىمدا مۇنداق بىر ھېكايەت يادىمغا يېتىدۇ.
بىر كىشى ئايالى بىلەن توخو گۆشى قورۇمىسى يەپ ئولتۇرغان ئىدى، شۇ چاغدا بىر تىلەمچى كىلىپ ئىشىك قاقتى. ئىشىكنى ئاچقاندا تىلەمچى ھاجىتىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىدى. ئۆي ئىگىسى ھېچ نەرسە بەرمەي، ئۇ بىچارىنى ھەيدىۋەتتى.
بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ كىشىنىڭ بەختى قېچىپ، ئامىتى كېتىپ ھېچ نەرسىسى قالماي موھتاجلىقتا قالدى. ئاخىرى خوتۇنىنىڭمۇ خېتىنى بەردى. خوتۇن ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ باشقا ئەرگە تەگدى. ئۇ خوتۇن بىر كۈنى يېڭى ئىرى بىلەن نان ۋە توخۇ گۆشى قورۇمىسى يەپ ئولتۇرغان ئىدى، بىر گاداي كىلىپ ئۇلاردىن سەدىقە سورىدى. يېڭى ئەر دەرھال ناننىڭ ئۈستىگە توخۇ گۆشى قويۇپ، خويۇنىغا شۇنان بىلەن گۆشنى تىلەمچىگە ئاچىقىپ بىرىشنى بۇيرۇدى. خوتۇن قولىدىكى تاماقنى تىلەمچىگە بەردى – دە، يىغلاپ ئېرىنىڭ يىنىغا قايتىپ كىرى. ئېرى ئۇنىڭدىن يىغىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. خويۇنى بۇ تىلەمچى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئېرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ـ بىرىنچى ئېرىڭ بىلەن غىزالىنىپ ئولتۇرغىنىڭدا، بارغان تىلەمچى مەن ئىدىم، ـ دېدى كېيىنكى ئەر، ـ ئېرىڭغا بېخىللىق سەۋەبلىك قىسمەت شۇنداق مۇكاپات بەرگەن.
دەر ھەقىقەت، “ بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە “ دېگەندەك ئىنساننىڭ بىشىغا ھەر قىسمەتلەر كەلمەيدۇ دېگىلى بولماس. بەختىيار تۇرمۇش ئىچىدە ئۆتۈۋاتقىنىڭىزدا شۇ ئاجىز – مىسكىنلەر ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ. سەمرىگەن ئىستمالىڭىزدىن ئاز بولسىمۇ شۇ كىشىلەرگە ئاتاپ قويۇڭ قىرىندىشىم. يول تاپالماي گاڭگىراپ يۈرگەن ئىنى – سىڭىللىرىڭىزغا بىلگەنلىرىڭىزدىن ئاز بولسىمۇ پايدىلىق كۆرسەتمىلىرىڭىزنى ئايىماڭ. چۈنكى بۇمۇ سىزنىڭ شۇ كىشىلەرگە قىلغان ساخاۋىتىڭىز. كىم بىلىدۇ، بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ، شۇ ئاجىز – مىسكىنلىك، يوقسۇز – بىچارىلىك قىسمتى بىزگىمۇ يىتىپ قالامدۇ تېخى ( ئۇلۇغ ئاللا ھەر بەندىسىنى تۈرلۈك بالا – قازالاردىن ساقلىسۇن ! )
خەيرى – ساخاۋەتنىڭ چىن مەنىسى پەقەت ماددى بايلىقلا ئەمەس، بەلكى سەمىمى، چىن مېھىر – مۇھەببەت. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ياردەم قىلغان شۇ كىچىككىنە ماددى نەرسە موھتاج بولغۇچىنىڭ ئىھتىياجىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قەلبىگە ئالەمچە مېھىر – سۆيگۈنىمۇ تەڭ ئاتا قىلغان بولىدۇ. بىچارىلەرگە سېخى قولىمىزنى بىرەيلى، ئاتەش مېھرىمىزنىمۇ بىرەيلى… ساخاۋىتىمىز ياتسىرىغان قەلبلەردىن سوغۇق زىمىستاننى سۈرۈپ تاشلاپ، رەڭگارەڭ گۈل – چىچەكلەرگە پۈركەنگەن ئىللىق باھارنى ئىلىپ كەلسۇن !
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2405