![]() |
ھايات قىممەتلىك
تۇرمۇش ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بىۋاپا ئاتىلار، « بىكۆيۈم » ئانىلار سەۋەبىدىن قىقىلىپ – سوقۇلۇپ يۈرگەن، ئىللىق ئائىلە، چوڭقۇر ئاتا – ئانا مېھرىگە ئىرىشەلمەي تۈرلۈك يامان يوللارغا كىرىپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە ئىچىنىساق، ئۇنىڭ ئەكسىچە پەرزەنت كۆرەلمىگەن، كۈن – تۈن پەرزەنىت ئوتىدا پۇرچىلىنىپ، بالىلىق بولۇشنى تەققەزالىق ئىچىدە كۈتىۋاتقان كىشلەرنى كۆرۈپ، كونىلارنىڭ « تەڭشەلمىگەن جاھان » دېگەنلىرىنى خىيالىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز.
پەرزەنت – تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىسى. بەزىلىرىمىز پەرزەنىت ئوتىدا كۆيۈپ، بارلىقىنى پەرزەنتلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن ئاتاپ، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىمىزغا ئەڭ گۈزەل مەزمۇنلارنى قوشالىساق، يەنە بەزىلىرىمىز تەڭرىنىڭ بۇ سوۋغىسىغا دەسلەپ سەل قاراپ، كېيىنلىكتە ئۇنىڭ دەرت – ھەسرىتى ئىچىدە ھاياتىمىزنى ئېغىر ئازاپ – ئوقۇبەتلەرگە مۇپتىلا قىلىمىز. ئۇنداقتا، تەڭرىنىڭ بۇ ئەڭ ئېسىل سوۋغىسىغا ئىرىشەلمىگەن كىشىلەرچۇ ؟
ھايات تولىمۇ قەدىرلىك. لېكىن ھاياتنىڭ قەدىرلىكلىكىنى ھەممە ئادەمنىڭ چۈشىنىشى، ھېس قىلالىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەركىمنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ ئوخشاشمايدۇ، ئەلۋەتتە. رەيھان تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە رەھىمسىزلىك قىلغىنىنى كاللىسىغا سىغدۇرالماي، ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگەن ئايال. ئۇ ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى پەقەت نىكاھ تۇرمۇشىغا، ئېرىگىلا باغلىۋېلىپ، ھاياتنىڭ مەناسىنى بىيىتىدىغان يەنىمۇ ئەھمىيەتلىك تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالمىغان ئايال.
2007 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر، بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا بىر جۈپ ياش ئەر – خوتۇن تاكاللىشىپ كېتىۋاتاتتى. « سەت تۇرىدۇ » دېگەن ئوي ئۇلارنىڭ خىيالىدىن چىقىپ كەتكەنىدى. تاراسلىتىپ ئۇرۇلغان نەچچە شاپىلاق بىلەن ئايال سەنتۈرۈلۈپ يەرگە يىقىلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تاراملاپ ئېقىۋاتاتتى. ئەر بولدى قىلاي دېمەي، ئۇنىڭ بېقىنلىرىغا نەچچىنى دەسسىۋەتتى. « بولدى، ئاچچىقىڭلارغا ھاي بېرىڭلار » دېگۈچىلەر چىقتىيۇ، ئەر – خوتۇننىڭ ئىشىغا ئارلىشالماي بىر – بىرلەپ تارقىلىشتى. ئۇلار شۇ تاللا بازىرىغا يېقىن مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەر – خوتۇنلار ئىدى. شۇ كۈنى رەيھان ئۆيگە قايتىپلا ئاچچىقىغا پايلىماي، دېھقانچىلىق دورىسى ئچىۋېلىپ، دۇختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. رەيھان ھايات ماماتلىق دوقمۇشىدا تۇرغان ئون كۈندە ئاتا – ئانىسى قىزىنىڭ نېمىلا بولسۇن ھاياتىنى قايتا قولىغا ئېلىپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ياشىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ شاد – خۇراملىق بېغىنى چۆلدەرىتىپ قويماسلىقىنى تىلىدى. ئېرى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يۈرىۋەردى. دۇختۇرلار شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىر « گۈل » ۋاقىتسىز نابۇت بولدى. ئۆلۈم ئاتا – ئانىغا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب ئېلىپ كەلدى.
رەيھاننىڭ گۈزەل رۇخسارىلا ئەمەس، ئوچۇق – يورۇق، خۇش پېئىللىقى جاپپارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىۋالغانىدى. ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت قوشىقى ئۇلار ئۆي تۇتۇپ بىر يىلغىچە چىرايلىق ياڭرىدى. لېكىن رەيھاننىڭ بويىدا قالماسلىقى ئىتتىكلا زىدىيەت پەيدا قىلدى. رەيھان پەرزەنتلىك بولۇشقا قانچە تەققەززە بولغانسېرى، كۈنلەر ئارزۇ – ئارمانلارنى قاندۇرماي ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. جاپپار ھە دېسە ئۇنى كەمسىتىدىغان، ھالىغا يەتمەيدىغان بولۇۋالدى. ئاتا – ئانىسى رەيھاننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاتتى، قىلمىغان سەۋەبى قالمىدى. دۇختۇرلار دائىم ئۇنىڭدا بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ تۇراتتى. جاپپارنىڭ قاتتىق تېگىشى، قول تەككۈزۈشى رەيھاننى باشقىچىلا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. قورقۇش، چۈشكۈنلىشىش، ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭ ھەربىر سۆز – ھەرىكىتى تۈگۈل، چىرايىغىمۇ تىپىپ چىققانىدى. رەيھان جاپپارنىڭ چۈشىنىشى، كۆيۈنۈشى، كەڭ قورساقلىقىغا پەقەتلا ئىرىشەلمىدى. ئۆزىگىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلالمىدى. شۇنداق قىلىپ رەيھان بۇ زىدىيەتلەرگە ئۆلۈمى بىلەن نادانلارچە جاۋاب قايتۇردى. ئۇ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ پىراقىدا كۆيۈپ كۈل بولاي دېگەن ئاتا – ئانا ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئېچىنپ تۈگىشىپلا كەتتى.
ياشقىنە رەيھاننىڭ بۇ پاجىئەسى بىزنى شۇ قەدەر ئىچىندۇرسا، ئۇنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە رەھىمسىزلىك قىلغىنىنى كاللىسىغا سىغدۇرالماي، ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزۈشىگە شۇ قەدەر ئەپسۇسلىنىمىز. گەرچە، جاپپارنىڭ ئاتا بولۇش ئارزۇسى قۇتلۇق ئارزۇ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆز ھەمراھىغا قىلغان ئادالەتسىزلىكىگە ھەم غەزەبلەنمەي تۇرالمايمىز… ئويلىساق، جەمئىيتىمىزدە گەرچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىگە سەۋىر قىلىپ بالا ئاسىرىۋالىدىغان، باشقىلارنىڭ بالىسىنى بىقىۋىلىپ، ئۆز بالىسىدەك مېھرىنى بېرىپ، تەربىيلەپ قاتارغا قوشىۋاتقان، ئەر – ئاياللىق نىكاھ مۇناسىۋىتىگە قىلچىمۇ تەسىر يەتكۈزمەي، مۇھەببەتلىك ئەقىدىسىگە مېھرى – ۋاپا بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ كىتىۋاتقان تالايلىغان ئىللىق ئائىلىلەرنى ئۇچرىتىمىز. شۇ نارسىدىلەرگە ئانا مېھرىنى بەرگەن ئانىلاردىن خىسلىتىدىن سۆيۈنسەك، يات بولسىمۇ، تۇمۇرىدا ئىقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى دەپ تۇرۇپ، ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ ئاتا مېھرىنى بەرگەن ئاتىلارنىڭ « ئاتا »لىقتىكى ئالەمچە ھېكمىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز… بەلكىم، جاپپارمۇ ئاشۇ ئاتىلار قاتارىدا ئاتىلىقتىكى شۇ ئالەمچە ھېكمەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىيەلىگەن بولسا، رەيھاننىڭ بۇ زىدىيەتلەرگە ئۆلۈمى بىلەن نادانلارچە جاۋاب قايتۇررۇشى نە ھاجەت ئىدى؟… ئەگەردە ئۇ، ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى پەقەت نىكاھ تۇرمۇشىغا، ئېرىگىلا باغلىۋالماي، ھاياتنىڭ مەناسىنى بىيىتىدىغان يەنىمۇ ئەھمىيەتلىك تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا يېڭى ئېچىلغان تاغ گۈلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن راھەتبەخىش شەھەردىن ۋاز كەچكەنگە ئوخشاش، باغرى قاتتىق ئېرىدىن ۋاز كېچەلىگەن بولسا… بەلكىم تۇرمۇشىنى يەنە قايتا باشلىيالىغان، ھاياتنىڭ ھەقىقى خۇشاللىقىنى بىر ئۆمۈر ھېس قىلالىغان بولار ئىدى…
تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق مىساللار ھېلىھەم كۆپ. ھايات تولىمۇ قىممەتلىك. نىكاھ ۋە ئائىلە پەقەت ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىلا خالاس. تۇرمۇش گاھىدا بىزنى ھوقوقىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، پۇرسەتنى قولدىن بېرىشكە، ھەتتا مۇھەببەتتىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ . ئېرىشىمەن دىگەن نەرسىمىزگىلا ئېرىشەلىشىمىز ناتايىن، شۇڭا تۇرمۇشتا ۋاز كېچىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويىشىمىز كېرەك. ئەرزىمەس ،ئەھمىيەتسىز ،ئارتۇقچە نەرسىلەردىن، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كىچىڭ! ئەمما ئۈمىدسىزلەنگىنىڭىزدە ھەرگىزمۇ ھاياتتىن ۋاز كەچمەڭ…
تۇرمۇش يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ !
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2870
نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق…