تۇرمۇش خاتىرىسى

ئوغۇلغا ئوغۇلچە مىجەز يارىشىدۇ…

روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ

مەن كۆپىنچە ھاللاردا « ئوغۇل بالىنىڭ ئۇچىنى ياندۇرماي چوڭ قىلىش كېرەك » دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن. مۇشۇ نىيەتتە كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار ئوغلىنىڭ ھەر قانداق تەلىپىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇنلايدۇ، دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوغلىنى ئەركە – نايناق چوڭ قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشى ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ « بالىمىز ئوغۇل، ئۇ دادىل ئىش قىلىدىغان، يۈرەكلىك، باتۇر بولسۇن. ئوغۇللارغا خاس مىجەز بىلەن ئۆز ئالدىغا يول تىپىشنى بىلسۇن، باشقىلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشاشنى ئۆگىنىپ قالمىسۇن » دېگەن ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەمما، بىر قىسىم ئوغۇللار بۇنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، پۈتۈنلەي ئاتا – ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىش خاھىشىنى ھەم « ئۇلار ئاتا – ئانا بولغانىكەن، چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك » دېگەن ئىدىيەنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ. بۇنداق ئوغۇللارنى بۈگۈنكى كۈندە كۆپلەپ ئۇچرىتىش مۇمكىن.
بالىلىقتا يېتىلگەن ئادەتنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ ھەم ھاياتنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرىدە ئىز قالدۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھەر قانداق بىر ئوغۇل ئاق – قارىنى ئىلغىغۇدەك ئاڭغا ئىگە بولغاندىن باشلاپ ئۆزىگە دىياگنوز قويۇشى ھەم يارىماس ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. مەن يېشى خېلى بىر يەرگە بىرىپ قالغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى تېخى كىچىك ھېسابلايدىغان ، قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئوغۇللارنىڭ دىققىتىگە مۇنۇ مىسالنى ھەدىيە قىلىمەن : ئىبىن سىنا تۆت يېشىدا قۇرئاننى تولۇق ياد ئېلىپ بولغان. ئالېكساندر تولستوي ئالتە يېشىدا فىرانسۇز، نىمىس، ئىنگىلىز تىللىرىنى پۇختا بىلگەن. ئالېكساندر گرىفوئېدوۋ ئون بىر يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرىپ، ئالتە يىلدا ئۈچ فاكۇلتېتنى پۈتكۈزگەن. چىڭغىز ئايتماتوۋ بەش يېشىدا تەرجىمانلىق قىلىپ، ھەق ئالغان. بابۇر ئون ئىككى يېشىدا دۆلەتنى باشقۇرغان. گىيوتې توققۇز يېشىدا نېمىس، لاتىن ۋە گىرېك تىللىرىدا شېئىر يازغان. پاسكال ئون بەش يېشىدا بىرىنچى دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقلىغان. بۈيۈك كومپوزىتۇر ۋولفاڭ موتسارت تۆي يېشىدا مۇزىكا چالغۇلىرىنى چېلىپ، ناخشا ئېيتىشنى بىلگەن، بەش يېشىدا مۇزىكا ئىجاد قىلغان. ئاكادېمىك ل. لاندائۇ ئون يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپنى 13 يېشىدا تاماملاپ، 14 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا قوبۇل قىلىنغان. ئاتاقلىق ئالىم س. مېرگېليان كىچىكىدىن باشلاپ ماتېماتىكىغا قىززىققان. ئۇ بىر ئوقۇش يىلىدا 8 -، 9 -، 10 – سىنىپلارنىڭ ئىنتىھانىنى بىراقلا بەرگەن ھەم 20 يېشىدىلا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا مۇيەسسەر بولغان…

ئەلۋەتتە، مەن ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك، دېمەكچى ئەمەسمەن. پەقەت بۇ ھەر قانداق بىر ئوغۇلغا ئىلھام، ئىشەنچ بەخش ئەتسە، دېگەن ئويۇم بار.

دېمەك، ھەممە ئىشنى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا باغلىۋېلىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئەمما، بىزنىڭ ئاتا – ئانىلىرىمىزدىمۇ « بالام تېخى كىچىك، چوڭ بولغاندا توغرا قىلىدىغان بولىدۇ » دەپ قارايدىغان ئادەت خېلى كۈچلۈك. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئائىلىلىرىمىزدە ئەركە – نايناق بالىلار يىلدىن – يىلغا كۆپەيمەكتە. شۇنى تەن ئېلىش كېرەككى، ئەركە – نايناقلىق بولۇپمۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئەڭ ئۇيات قىلىقتۇر. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەركە – نايناق ئوغۇللارنىڭ قولىدىن چوڭ ئىشلارنىڭ كېلىشىمۇ ناتايىن. چۈنكى، بۇنداق ئوغۇللار چىدامسىز كېلىدۇ، بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن يىراقنى كۆرەلمەيدۇ، غىلجىڭ ھەرىكەتلەر بىلەن باشقىلارنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرۈپ ياشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز ئەزەلدىن ئوغۇللاردا ئوغۇلغا خاس مىجەز – خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان. ئوغۇللارنىڭ ئەركە – نايناقلىقى ئەڭ ھار ئالىدىغان ئىشلاردىن سانالغان.

دادامنىڭ مۇنۇ سۆزى دائىم قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراپ تۇرىدۇ : « ئوغلۇم، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئوغۇل بالىلىقىڭغا مۇناسىپ ئىش قىل. يولدا ماڭغىنىڭدا قەددىڭ تىك، قەدىمىڭ رۇس ھەم مەزمۇت بولسۇن. ئەتراپىڭدىكىلەرگە ئۆزۈڭنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ياكى ئاللىقانداق تەرەپلىرىڭدىن مەغرۇرلىنىپ، ئەرلىككە ماس كەلمەيدىغان ھالدا يول يۈرمە. گېپىڭمۇ جانلىق، مېغىزلىق ھەم ئاھاڭى ئەرلەرگە خاس بولسۇن. ھەرگىزمۇ تۇمشۇقۇڭنى ئۇچلاپ ياكى قاپىقىڭنى سۈزۈپ گەپ قىلما. ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھېچقانداق ئادەم < خېنىم مىجەز > ئوغۇلنى ياقتۇرمايدۇ… »

بۇ گەپلەرنى بۈگۈنكى كۈندە مەنمۇ ئوغلۇمغا دەيدىغان بولدۇم.

ھەقىقەتەن، ئوغۇل بولغانىكەن، ئۇنىڭ مىجەزى ئوغۇلغا ماس بولمىقى كېرەك. يالغان ئېيتىش، گېپىدىن يېنىۋىلىش، يامانغا يانتاياق بولۇپ ياخشىنى بوزەك قىلىش، تىكىشى توختىماسلىق، لىڭتاسمىلىق، چېقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، خۇشامەتچىلىك، ئەخلاقسىزلىق، ھاماقەتلىك، ھەسەتخورلۇق… قاتارلىق ئىللەتلەر ھەقىقىي ئوغۇللۇق مىجەزگە يات قىلىقتۇر. بۇنداق مىقەزنى ئۆزلەشتۈرۋالغانلار ھامان بىر كۈنى ئەل ئىچىدە شەرمەندە بولىدۇ، ھاياتى كىر – داغلار ئىچىدە تامام بولىدۇ.

شۇڭا دەيمەن، ئوغۇل بولۇڭ، ئوغۇلغا خاس مىجەزلىك بولۇڭ. ھەربىر ھەرىكىتىڭىزدىن، ھەربىر گەپ – سۆزىڭىزدىن ئوغۇللۇق نامىڭىز بالقىپ تۇرسۇن. شۇندىلا سىز ئۆز نامىڭىزغا يۈز كېلەلەيسىز ھەم ئاتا – ئانىڭىزنىڭ بېشىنى تاغ ھەم ئەل – ۋەتەننىڭ قوينىنى باغ قىلالايسىز!

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3112

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-01-20
خەتكۈشلەر : ,,
سەھىپە: يىگىتلەرگە سۆز
ئىنكاس: 1دانە
  1. ئۇيغۇر بىلوگ تورى

    :gl: :gl: :gl: :gl: ياخشى تېما! دەل توغرا، ھازىر بەزى ئوغۇللار قىزلاردەكلا نايناق. مەن ئۆتكەندە ئۆز مەكتىپىمدە بىرسىنى كۆرگەن ئىدىم. قىز بالا ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئۇ ئوغۇل بالىكەن ئەمەسمۇ… :mrgreen:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: