![]() |
مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ
بۈگۈن كۈنگە شەنبە بولغاچقا ، بىر ھەپتە ئىشلەپ چارچىغان مىڭەمنى ئارام ئالدۇراي دەپ ئۆيدە ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ ، يېڭىدىن سېتىۋلغان پىلاستىكىدىكى لېرىك ناخشىلاردىن ھوزۇرلىنىپ ياتاتتىم ، تۇيۇقسىزلا ئىشىكنى بىرسى چەكتى . ئېرىنچەكلىك بىلەن سىرتقا چىقسام 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتۇ . “ ئاكا ، سىزنى بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەنىدىم ، ۋاقتىڭىز بارمىدۇ ؟ – دېدى ئۇ ماڭا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ ، مەن يىگىتنى ئۆيگە باشلىدىم.
– مۇنداق ئىش ئىدى ئاكا، – دەپ سۆزىنى باشلىدى يىگىت. يىگىتنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولىشىچە ، ئۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىر قىز بىلەن توي قىلىپ بىر پەرزەنتلىك بوپتۇ . يېڭى كېلىن بۇ ئائىلىدىكى ياشىنىپ قالغان قېينىئاتا، قېينىئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىن باشقا ، يولدىشىنىڭ تېخى ئۆيلەنمىگەن ئىنىلىرىنى قوشقاندا 6 جاننىڭ تامىقىنى ئېتىش ، نېنىنى يېقىش ، كىر- قاتلىرىنى يۇيۇش ، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى جان كۆيدۈرۈپ قىلىدىكەن، پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ تىرىشچان بولۇپ كېتىپتۇ ، كىيىن ئۇرۇق-تۇققان ئاچا-سىڭىللىرى كىلىندىن پۇتاق تېپىپ ئايالىدىن ئاجىرشىپ كېتىشى ئۈچۈن يىگىتنى مەجبۇرلاپتۇ.
ھوي ئۇكام ، بۇ دېگەن تۇرمۇش ئىشى جۇمۇ ، چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئېيتىڭە، ئايالىڭىز بىلەن ئۆينى ھەدىلىرىڭىز تۇتامدۇ ياكى ئۆزىڭىز تۇتامسىز ؟ تېخى بىر بالام بار دەۋاتىسىز . شۇ نارىسىدىنى تىرىك يېتىملىك كوچىسىغا باشلاپ قويماقچىمۇ ؟ بۇ دېگەنلىرىڭىز قاملاشمىدى ئۇكا ، سىز كىملا بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يېتىلەپ ماڭسا كېتىۋېرىدىغان كالا بولمىسىڭىز يا… – ئۆزۈمنى باسالماي قايناپلا كېتىپتىمەن .
راست ، دېمىسىمۇ ھازىر يىگىتلىرىمىز ئارىسىدىكى مۇشۇنداق ، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان ، توغرا ھۆكۈم قىلالمايدىغان، مەيدانى يوق، كىم بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يېتىلىسە كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ نېمە بولۇپ كېتىشىنى قىلچە ئويلىماي كېتىۋېرىدىغان « كالا مىجەز » ساداقەتسىزلەرنىڭ كاساپىتىدىن مۇھەببىتىگە سادىق ، ئاق كۆڭۈل ، ئىشچان قىزلىرىمىز توي قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساپ مۇھەببىتى بىلەن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئادىمىنىڭ « ئوغۇل بالىچىلىقى » سەۋەبىدىن، ۋاقىتسىز تۇللۇق كوچىسىغا كىرىپ قالماقتا. ئاشۇ گۇناھسىز نارسىدىلەر ئاتا مېھرىگە تېخى قانماي تۇرۇپلا تىرىك يېتىملەر سېپىگە قېتىلماقتا. توۋا قىلدىم، يىگىتلىرىمىزگە نېمە بولغاندۇ ؟ تۇرمۇش بىلەن چاقچاقلاشمىسا بولاتتىغۇ ؟ يۇقۇرىقى قۇرلارنى يېزىۋېتىپ توساتتىنلا مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. مەھەللىمىزدە ئىككى بالىغا ئاتا- ئانا بولغان ئىناق بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن بولىدىغان، نېمە سەۋەبتىنكىن تۇيۇقسىزلا ئايال « ئاق كېسىل » گە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ ، كېسەللىك يۈز- كۆزى ھەتتا قوللىرىغا يامراپ كەتتى. يىگىت ئايالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەپسۇس تىرىشچانلىقنىڭ ئانچە ئۈنۈمى بولمىدى. باشقىلاردىن ئاڭلىسام ، يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەتتا قېينىئاتا – قېينىئانىلىرى كېلىنىنى قازان بېشىغا يوللاتمايدىغان، ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرمايدىغان ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغان، تېخى نومۇس قىلماي نەۋرىلىرىنى ( ئايالنىڭ ئۆز بالىلىرى) ئۇنىڭدىن قاچۇرىدىغان بولىۋاپتۇ . بۇنى ئاز دېگەندەك ئوغلىنى ئايالىدىن ئاجىرىشىپ كېتىشكە مەجبۇرلاپتۇ . لېكىن يىگىت بولسا « ئەينى چاغدا ئۆزۈم ياخشى كۆرۈپ نىكاھىمغا ئالغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۇ ئىككى بالامنىڭ ئانىسى ، ئەمدى كېسەل بولۇپ قالغاندا مەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسەم ۋەدەمگە ۋاپا قىلمىغاننى ئاز دەپ ۋىجدانسىزلىق قىلغان بولمامدىمەن ، كەلگۈسىدە بالىلىرىمغا بۇنىڭ جاۋابىنى قانداق بېرىمەن، مېنى ئاجىرىشىپ كېتىشكە قىستىغانىكەنسىلەر ، مەنمۇ سىلەرنىڭ كۆزۈڭلاردىن بىراقلا يوقۇلۇپ كېتەي » دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ . راست دېگەندەك بىر كۈنى يىگىت ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ « چوڭ ھويلا » دىن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتى . ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە مەن ئۇنىڭ بىلەن شەھەردە كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇ ماڭا “ ھازىر ئۆزىنىڭ شەھەرنىڭ سىرتىدىن قورا- جاي سېتىۋېلىپ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەخسۇس « ئاق كېسەل » داۋالايدىغان بىر دوختۇرغا ئايالىنى داۋالىتىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئايالىنىڭ كېسىلىنىڭ تەدرىجى ياخشىنىۋاتقانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ بولسا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى بەختلىك ئىكەنلىكىنى » سۆزلەپ بېرىپ مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئەپسۇس ئىشىم جىددىي بولۇپ قالغاچقا ئۆيىگە بارالماي قالدىم. قارىغاندا ئۇ ھازىر ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان « كىچىك دۇنياسى» دا ھەقىقى ۋاپادارلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىۋاتقاندەك قىلاتتى .
مەشھۇر ئەدىپ گوركى : “ مۇھەببەت دېگەن ئادەمنى ۋاپادىن كەم قويمايدۇ “ دېگەن . بۇ چىن مۇھەببەتكە ئىگە بولغان ئادەم ۋاپاسىز بولماسلىقى كېرەك، دېگەنلىك ئەلۋەتتە . سىز مەيدىڭىزگە ئۇرۇپ تۇرۇپ بىراۋنى ئۆمۈرلۈك ھەمرالىققا تاللىغانىكەنسىز ، قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە چوقۇم ئۇنى توغرا يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىڭىز ، سوغۇق قانلىق بىلەن كاللا ئىشلىتىپ ئەستايدىل ئويلىشىڭىز ، ھەرگىزمۇ « ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى » قىلماي سەۋەبىنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدىشىڭىز كېرەك . بولۇپمۇ نىكاھ مەسىلىلىرىدە شۇنداق قىلماي بولمايدۇ . ئائىلە خالىغاندا ياسىۋېلىپ ، خالىغاندا بۇزۇۋېتىدىغان توخۇ كاتىگى ئەمەس، بەلكى ئۇ مەڭگۈ سىزگىلا تەئەللۇق بولىدىغان ھەجمى كىچىكلىتىلگەن « دۇنيا ». شۇڭا مەن ئايرىم ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم قىلالايدىغان، توغرا پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، ماڭماقچى بولغان يولىنى توغرا تاللىيالايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، نىكاھ ۋە تۇرمۇشقا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇپ، ۋاپادارلىق ناخشىسىنى مەڭگۈ ياڭرىتىشىنى، ھەرگىزمۇ كىم بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يېتىلىسە كېتىۋېرىدىغان كالىغا ئوخشاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3055