![]() |
خۇشامەتمۇ ياكى ئادەمگەرچىلىكمۇ ؟
ئەكبەر ھېمىت
بالىلارنىڭ ئىمتىھاندىن چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم. بالىلار بىر – بىرلەپ مۇئەللىملىرى ياكى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ سوئالنىڭ قانداق چىققانلىقى، ئۆزىنىڭ قانداقراق جاۋاب يازغانلىقىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشەتتى، بۇ يەردە بالىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپكە ئاساسەن ھەممىسىلا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالاتتى كىشى. بالىلىرىنىڭ ئۈمىدلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىغان مۇئەللىملىرى، ئاتا – ئانىلىرى خۇددى چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۇپ ئالغاندەك خوشاللىققا چۆمەتتى…
كىشىلەر توپى ئىچىدە ئورۇقراق كەلگەن بىر ئادەم ئوبدانلا قورساق سالغان، چاچلىرى قاپقارا، بەستىلىك كىشى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى، ئاندىن ھېلىقى بەستىلىك كىشىنىڭ بالىسى بولسا كېرەك، بالىنى ئەركىلىتىپ قويدى ۋە يانچۇقىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىر قانچىنى چىقىرىپ ھېلىقى بالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ئۈلگۈردى، ئارلىقتا يوغان قورساق كىشى ئۇنداق قىلماسلىقنى ئىيتقان بولسىمۇ، ئورۇقراق كەلگەن كىشى لايىقىدا بولمىسىمۇ سۇ ئىلىپ ئىچىشنى ئېيتىپ گېپىدە چىڭ تۇردى. ئىشقىلىپ بىر ھازا رەسمىيەت تەكەللۈپلىرىدىن كېيىن پۇل بالىنىڭ يانچۇقىغا كىردى. ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار خوشلاشتى.
ــ ئىدەرە باشلىقىڭلار شۇمۇ؟ ـ سورىدى ئورۇقراق كىشىدىن، دوستى بولسا كېرەك بايىدىن بېرى بىللە تۇرغان يەنە بىرەيلەن.
ــ ھەئە، پۇلغا بەك سەزگۈر دەڭلا بۇ ئادەم، ئىدارىدىكىلەر تۈنۈگۈن يۈز كويدىن يىغىپ ھال سوراپ كېتىپتۇ، مەن كېلەلمىگەن، يۈز كوي پۇلنى ئايرىم تەڭلىگىلى بولامدۇ، ئۈچ يۈز كوي قۇدۇققا چۈشتى… ـ ئورۇق كىشى خېلى سۆزلىدى.
ــ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟
ــ قانداق گەپ بولاتتى، ئاغرىسىمۇ باشلىق ئاغرىسا بولغۇدەك، ئىمتىھاننى شۇلارنىڭ بالىسى بەرسە، ئىمتىھاندىنمۇ شلارنىڭ بالىسى ئۆتسە بولغۇدەك ئاداش. ھەر تەتىلدە كەلسە ۋاي بالىسى كەپتۇ، دەپ بىر كۈۈۋالىمىز، كەتسە ئەمدى كەتتى، دەپ ئۇزىتىمىز، ئوقۇشى پۈتسە پۈتتى دەپ، ئىشقا ئورۇنلاشسا ئاغزى ئاشقا تەگدى دەپ… ۋاي… ئەمدى بەزى ئىشلارنى قىلغۇڭ بولمىسىمۇ كىشىدىن قالغۇچە دەپ قىلىپ سالىدىكەنسەن دېگىنە…
ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىغۇم بار ئىدى، بىزگە قارىشىپ تۇرغان بالىلارنى تاماققا ئىلىپ مىڭىشىمىز كېرەك ئىدى. ئامالسىز ئۇلارنىڭ پارىڭىنى مۇشۇنچىلىكلا ئاڭلىدىم. ئاڭلىدىم – يۇ، كۆڭلۈم غىقلا بولۇپ قالدى. ئەگەر بۇ كىشى ئىمتىھان بىرىپ چىققان بالىغا ئۇنىڭ تاغىسى ياكى دادىسىنىڭ خىزمەتدىشى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىمتىھانغا كەلگەنلىكىدىن ھال سوراپ پەقەت شۇ مەقسەت بىلەنلا پۇل تەڭلىگەن بولسا ئىدى، بۇ ئەلۋەتتە چوڭلارنىڭ بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىشى بولۇپ، ئەتراپىمىز مېھىر يوگىكىگە بۆلەنگەن بولاتتى. ئەمما، بۇ كىشىنىڭ بالىغا نەچچە يۈز كوينى تەڭلىگىنى ئەمەلىيەتتە بۇ بالىغا قىلىنغان تەبرىك ئەمەس، بەلكى ئاجايىپ مەقسەت بىلەن بالىنىڭ يىنىدا تۇرغا ئىدارە باشلىقىغا قىلىنغان خۇشامەت ئىدى. بۇ يەنە تېخى بۇلغانمىغان بالىنىڭ پاك قەلبىگە قىلىنغان ھاقارەت ئىدى. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىدارە باشلىقى تۇيۇقسىز كىلىشمەسلىككە ئۇچراپ، ئۇنىڭ بالىلىرى باشپاناھسىز قالسا ھەمدە دادىسىنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ تاغا ئورنىدا كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج بولسا ئۇلار يەنە مۇشۇنداق قىلالارمۇ ؟ مۇلاھىزە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قايسىدۇر بىر كىتابتا ئوقۇغان بىر لەتىپە خىيالىمدىن كەچتى:
بۇرۇن بىر باي ئۆتكەنىكەن. ئۇ ھەمىشە زورلۇق – زۇمبۇلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغان كىشىلەرنى بوزەك قىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئېشىكى ئۆلۈپ قاپتۇ. باينىڭ ئېشىكىنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقى قۇلاقتىن – قۇلاققا يىتىپتۇ. مەھەللىدىكىلەر بايغا ياخشى كۆرۈنۈش ، ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپتىن باينىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ قازاسى ئۈچۈن قايغۇرۇشۇپتۇ. باي ئەتراپتىن سەلدەك ئىقىپ كېلىۋاتقان جامائەتنى كۆرۈپ كۆڭلىدە “ بىر ئېشىكىمنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن بۇلار شۇنچە قايغۇرۋاتسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۆلۈپ قالسام بۇلار يىغلاپ – قاقشاپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغۇدەك “ دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئەل ئارىسىدا تىكلەنگەن ئىناۋىتىدىن سۆيۈنۈپتۇ. دېگەندەك كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بايغا قازا يېتىپتۇ. ئەمما باينىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغان جامائەت ئۇنىڭ ئۆلىمىگە قايغۇرماقتا يوق، بىر زالىمنىڭ يوقالغانلىقىغا تەنتەنە قىلىشىپتۇ.
مانا بۇ قورقۇپ تۇرۇپ ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋە قىلدۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى.
بىر دوستۇم مۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بەرگەنىدى: ئۇلارنىڭ ئىدارىسىدە ئوتتۇز نەچچە ئادەم بولۇپ، ھەر يىلقى ھېيت – ئايەم كۈنلىرىدە ئۇلار ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىرىدىكەن. بۇ، ئەلۋەتتە ياخشى. ھېيت دېگەن ئۆزئارا پەتىلەيدىغان، بالىلارغا تۈرلۈك ئەدەپ – قائىدىلەرنى ئۆگىتىدىغان، ئەنئەنە تەربىيسى بېرىدىغان، خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئوبدانراق مۇڭدىشالمىغانلار، ئەسرالىشالمىغانلار يۈز كۆرۈشىدىغان، جەم بولىدىغان ئېسىل بايرىمىمىز. ئەمما، قاملاشمىغان يېرى شۇكى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئۇلار ھېيت پەتىسىدە باشلىقنىڭ ئۆيىگە پۇل يىغىپ كىرىدىغان بوپتۇ.
مېھماندارچىلىق بىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن ئەنئەنە. بىزنىڭ شۇنداق ياخشى مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىمىز بار. يېقىن – يورۇقلىرىمىزنىڭ، ئەھلىمەھەللە، قولۇم – قوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كىرمەكچى بولغاندا ئانىلىرىمىز مېھمان بولۇپ بارىدىغان ئۆيگە قۇرۇق قول بارمايدۇ. مەيلى ئۇ ھېيت – ئايەم كۈنلىرى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كۈنلەر بولسۇن ھېچبولمىسا ئۈچ – تۆت نان، بىر – ئىككى بولاق قەنت بىلەن ئاددىي بولسىمۇ داستىخان تەييارلاپ قولتۇقلىۋالىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە مەن مەيلى ئىدارە باشلىقى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى خىزمەتچى بولسۇن ھېيت پەتىسىدە قۇرۇق قول كىرىشنى توغرا تاپمايمەن. ئەمما دوستۇمنىڭ ئىدارىسىدە بولسا باشلىقنىڭ ئۆيىگە پۇل يىغىپ كىرگەندە ئۇلارنىڭ ئەمەل دەرىجىسى، ئۇنۋانى بويىچە ئاشكارلانمىغان، ئەمما ھەممىگە ئايان بىر ئۆلچەم بار ئىكەن. ئۇ بولسىمۇ تۆۋەن چىكى يۈز كوي، يوقىرىسىغا چەك بەلگىلەنمەيدىكەن. مۇشۇنداق زىيادە ھەشەم قوغلىشىپ، ئۆلچەم بەلگىلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىمنىڭ قانچە پۇل بەرگەنلىكىنى قەغەزگە يىزىپ پەتىلەشنىڭ ئۆزى تولىمۇ ياخشى بولمىغان بىر ئادەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىدۇر. ئۇلار باشقا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىرگەندە، ئۆز ئارا يېقىن ئۆتىدىغانلىرى ساھىبخاننىڭ بالىلىرىغا ئون – يىگىرمە كوي ھېيتلىق بەرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا مەخسۇس بىر ئادەم پالاقلاپ، تىزىملاپ پۇل يىغىپ يۈرمەيدىكەن.
شاخلاپ كەتكەن گېپىمىزنى يىغساق، قىلىۋاتقان ئادەمگەرچىلىكىمىز قانداقتۇر خۇشامەت تۈسىنى ئالمىسا ئىدى، چىرىكلىشىش، ھوقۇق – ئەمەلگە بېرىلىش، ئىقتىدارى بولمىسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ يوقىرىغا يامىشىشتەك ناچار ئادەتلەرنىڭ، ناچار خاھىش، ئىدىيەلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1868