تۇرمۇش خاتىرىسى

ئات كۆندۈرۈش…

ناھايتى ئاساۋ بىر ئات بولۇپ، ئۇنى مىنىش تۈگۈل، يېقىنلىشىشمۇ ناھايتى مۈشكۈل ئىكەن. ئەگەر ئۇنىڭغا يىقىن كەلسە يا چىشلەيدىكەن، يا تېپىۋىتىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئات پاتقاققا پېتىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن چارۋىچىلار : « شۇ يەردە ئۆلۈپ قالسا بوپتىكەن » دېيىشىپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا بىر چارۋىچى ئۇ ئاتنىڭ قىشىغا كىلىپ، ئۇنى پاتقاقتىن چىقىرىۋىلىپ قوزۇققا باغلاپ قويۇپتۇ. ھاۋا ئىسسىغانسىرى ئاتنىڭ بەدىنىدىكى پاتقاق قۇرۇپ، ئاتنىڭ بەدىنى ناھايتى قىچىشىپ كېتىپتۇ. ھىلىقى چارۋىچى چوتكا بىلەن ئاتنىڭ بەدىنىنى تازىلاپ، تارغاچ بىلەن يايلىسىنى تاراپ قويۇپتۇ. ئات شۇندىلا راھەتلىنىپ، بۇ چارۋىچىغا ئىتائەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. چارۋىچى بۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاتقا ئىگەر سېلىپ، بىر سەكرەپلا مىنىۋاپتۇ – دە، يايلاقتا ئۇ ياقتىن بۇياققا چېپىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئات يايلاقتىكى ئەڭ كۆنۈك، ئەڭ يۈگرۈك ئاتقا ئايلىنىپتۇ.

كىشلىك تۇرمۇشتا، ھەر دائىم ئەنە شۇنداق ئاساۋ ئاتلار بىلەن ئات كۆندۈرگۈچىلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز. تۇرمۇش يولىڭىزدا باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىز ئۈستىدە ئەستايدىل ئويلانمىسىڭىز، ئات كۆندۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەييارلىنىپ قويۇلغان پاتقاقلارغا پىتىپ قېلىپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشىڭىزغا، بىر ئۆمۈر مەينەت يوللاردا مىنىپ چاپتۇرۇشىغا كۆنمەي ئىلاجىڭىز بولمىسا كىرەك…

 

بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=981

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-03-24
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 4دانە
  1. ما يازما نەقلا بىزنىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ تاكتىكىسىغا ئوخشايدىكەن، ئادەم نەپسىنى يىغمىسا ئاسانلا باشقىلارغا ئات بوپ قالىدۇ.

  2. بەزى چاغدا بۇ تاكتىكا قىز كەلتۈرۈشكىمۇ ئىشلەپ قالىدۇ جۇما . :twisted:

    • قىز كەلتۈرۈشكە بۇ تاكتىكىنى ئىشلەتسە ياخشى بولماسمىكىن، سۆيگۈنىڭ چىن بولغىنى ياخشى، بولمىسا ئۇنىڭ ئازابىنى بىر ئۆمۈر تارتىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: