تۇرمۇش خاتىرىسى

نىكاھنىڭ قورغاقچىلىق پەسلى

مەن ئەر ئاياللىق تۇرمۇشنى بىر يىلنىڭ تۆت  پەسلىگە ئوخشىتىمەن. چۈنكى مايسا ئەمدى باش كۈتۈرۈپ زىمىننى يېشىللىق، گۈل چىچەكلەرگە ۋە دىماقنى يارىدىغان خۇش ھىدقا ئورايدىغان ئەتىيازمۇ، پىشىپ يىتىلىش، مول ھوسۇل،نەتىجىدىن دېرەك بەرگۈچى ئىللىق يازمۇ، ھوسۇلغا تويۇنغان كۈزمۇ، ھەممىنى توڭلىتىپ زىمىندا مۇز،شىۋىرغان ئۇچۇرغۇچى قىشمۇ بولىدۇ.
ئادەمنىڭ بەزىدە تۇرمۇشتا شۇ قەدەر قورغاقچىلىق، قۇرۇقچىلىق ھىس قىلىدىغان، ئۆيىدىن، تۇرمۇشتىن، ھاياتتىن قىلچە ئىللىقلىق، خوشاللىق تاپالمايدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ.

يېڭى نىكاھ قۇرغان ھەر  بىر كىشى  يېڭى توي قىلغاندا بۇ تۇرمۇشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن دەپ ئويلاپ كۆڭلىگە پۈكسىمۇ ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يېرىم يولدا نىكاھتىن ۋاز كىچىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن.نەتىجىدە بىر چاغلاردا  خوشاللىق ھەم سۆيگۈ – مىھىردىن بەخىتكە چۆمگەن ئائىلە ۋەيران بولۇپ ئەر – خوتۇن بىر بىرىدىن، شۇ ئائىلىدىكى پەرزەنىت ئاتا ياكى ئانىنىڭ بىرىدىن ئايرىلىپ باشقىچە بىر خىل تۇرمۇشقا قەدەم قويۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.قىسقىسى، نىكاھلىق تۇرمۇش ھەر ۋاقىت گۈل – چىچەكلەرگە پۈركىنىپ بىزنى سۆيۈندۈرۈپ  ئۆتمەيدىكەن.بةزصدة كۆڭلى سۇۋۇپ، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان،ھەتتا ئالدى كەينىڭىزگە قارىماي بىراقلا تاشلاپ كەتكىڭىز  كىلىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدىكەن.
مەن ئويلايمەن ”ئالتۇن توي، ئالماس توي“ قاتارلىق خاتىرە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بىر بىرى بىلەن ئنتايىن  ئىجىل ئىناق ئۆتىۋاتقان ئەر – خۇتۇنلارمۇ ئاشۇ جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇشتا بىر بىرىنىڭ ئېغىر يىنىكىنى تەڭ كۆتۈرۈپ بىرى “ ئىگىز“ بولغاندا بىرى “ پەس“ تۇرۇپ، ئازاپ ھەم خاپىلىققا دۇچ كەلگەندە خۇشال ھەم بەخىتلىك ئۆتكەن چاغلىرىنى ئەسلەپ، تۇرمۇشىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي مەنىسىزلىك ، بىزارلىق ھىس قىلغانلىرىدا بىكار تۇرماي بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىپ، خاپىلىشىپ قالغاندا كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئۆز – ئارا ئەپۇ قىلىپ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىگە كۆنۈپ بۈگۈنكى شۇ ”ئالتۇن توي“ تەختىگە چىقالىغان.

مەن ئەتراپىمدىكى بەزىبىر دوسلىرىمنىڭ ئۆز تۇرمۇشى ھەققىدىكى كۆڭلى سۇ ئىچمەي، ئامالسىزلىقتىن كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.دوسلىرىمىنىڭ گەپلىرىدىن ھىس قىلدىمكى ئۇلار ھازىر نىكاھنىڭ دەل قورغاقچىلىق

پەسلىگە دۇچ كەپتۇ. ئەر ئاياللىق تۇرمۇشتا ئىتىبار بىرىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرگە سەل قاراپ، قارشى تەرەپكە ئۈن – تىنسىز ھالدا مىھرى مۇھەببەتنى ىڭس قىلدۇرالمىسا نىكاھلىق تۇرمۇش خۇددى پەسىل، تەبىئەت، ماكان….ھەممە نەرسىگە پەرۋا قىلمايدىغان قاخشال دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ.
مىنىڭ دوسلىرىمغا دەيدىغىنىم : تۇرمۇشنى قىزغىن سۈيىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئەر خۇتۇنلار ئۈچۈن بۇ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى پەسىل خالاس. ياخشى يېرى شۈكرى سىلەرنىڭ يىلتىزىڭلار تېخى قۇرۇپ كەتمەپتۇ پەرۋىش يىتەرلىك ئوزۇق كەم ئىكەن. ئەگەر داۋاملىق پەرۋىش قىلىپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلا بولساڭلار تۇرمۇشۇڭلاردا ئىللىق باھار يەنە پەيدا بولىدۇ.

ھەممە ئادەم تۇرمۇشتا مەڭگۈ يېڭى توي قىلغان چاغلىرىدىكىدەك مۇھەببەتلىك خۇشال ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلسىمۇ بىراق رىياللىقتا ھەمىشە ئۇنداق ئۆتۈپ كىتىشى ناتايىن. بولۇپمۇ توي قىلىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئەر – خوتۇنلار ئارىسىدا ھىسيات ۋە مىجەز خارەكتىرىدە، ئوي – پىكىر جەھەتتە ئۆز- ئارا ماسلىشالماسلىق، چىقىشالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئەر – خوتۇن بىر-بىرىدىن رازى بولمايدىغان، بىر – بىرىگە مىھرى- مۇھەببىتى كاملىغاندەك ھىس قىلىدىغان

،جۆرىسىنىڭ كۆڭلى ئۆزىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ ئىچى سىقىلىدىغان، تۇرمۇشىدىن كۆڭلى سۇۋۇيدىغان، بىزار بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ دەل بىزنىڭ دىمەكچى بولغان نىكاھنىڭ “ قورغاقچىلىق پەسلى“ بولۇپ، بۇ نىكاھقا نىسبەتەن خەتەرلىك مەزگىل ھىساپلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كەمچىل، ھەم ئائىلە قارىشى مۇستەھكەم بولمىغان بەزى كىشىلەر بەل قويىۋىتىدۇ. تۇرمۇشنى قايتىدىن باشلاپ باققۇسى كىلىدۇ. ئەكسىچە مەسئۇلىيەتچان، ئىرادە ئەقىدىسى چىڭ كىشىلەر بولسا بۇ خىل ئەھۋاللارغا توغرا مۇئامىلە قىلالايدۇ. پەرزەنىتلىرى ھەم جۆرىسىگە بولغان مۇھەببىتىنى، جۈملىدىن ئۆزلىرى ئىختىيار قىلىپ بىرلىكتە قۇرغان ئائىلىسىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ.

مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا “ ئايال كىشى ئۈچۈن ئۈچۈن ئۆز- ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ كۇچايتىش ھەممىدىن مۇھىم، ئائىلە پەقەت بىر پاناھلىنىدىغان جاي“ دەپلا قارايتتىم. كىيىن بالىلىرىم چوڭ بولغانسىرى ھېس قىلىشقا باشلىدىمكى، ئائىلىمۇ كەسىپ بىلەن ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەن. ئائىلە بىزنىڭ ئاخىرقى قارارگاھىمىز، پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ جەننىتى ئىكەن. ئۇنىڭدىن ئالدىراپلا كەچكىلى بولمايدىكەن.ئۆينى ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى

ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن ئەمما، ئاتا – ئانا، بالا، قېرىنداشنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىكەن. يولدىشىمىز بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھەر قانچە ئەسكى ، يارىماس بولۇپ كەتسىمۇ ئۇ بالىمىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئاتا، ھەر قانداق ئىسىل دادىمۇ ئۆز دادىسىنىڭ ئىزىنى باسالمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇرمەن دوسلىرىمغا شۇنى دەيمەنكى بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ. مىڭبىر جاپادا بەرپا قىلغان ئائىلىمىزدىن يىنىكلىك بىلەن ۋاز كىچىپ، ئۆزىمىزنى ۋە بىردەملىك كۆڭۈل خوشلىقىنى دەپ يۈرەك پارىلىرىمىزنىڭ “ جەننىتى“ نى “ دوزاخ“ قا ئايلاندۇرىۋەتمەيلى!!!! بۇ بىر ئۆتكۈنچى ۋاقىت. كۆڭلىمىز ئائىلىمىزدىن سۇ ئىچمىسىمۇ بەرداشلىق بېرەيلى ئاللاھتىن ئۆزىمىزگە سەۋىر تىلەيلى . ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ. نىكاھلىق تۇرمۇشىمىزنى پەسىلگە قارىماي كۈندە باھار گۈلىدەك ئېچىلدۇرايلى !

مەنبە: باس – باس تورى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2858

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-11-20
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئائىلە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: