تۇرمۇش خاتىرىسى

دادىسنى ئېمىتكەن قىز

غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىغا جايلاشقان پۇئېرتورىكو جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى سەنئەت سارىيدا،<<بوۋاي بىلەن ئايال>> نامىلىق بىر پارچە رەسىم ئېسىلغان بولۇپ، ئۇ ئاخىرەتلىك كىيىمى كىيۋالغان بوۋاينىڭ بىر ياش ئايالنى ئېمىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىدى.
بۇ رېۋبېنىسنىڭ ئەسىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان زىيارەتچىلەر رەسىمدىكى بۇ بوۋاي بىلەن ياش ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەبئىي بولمىغان مۇھەببەت قىلمىشنى كۆرۈپ بىئارام بولىدۇ ھەمدە ئاخىرىيەتلىك كىيىمى كىيۋالغان بۇ بوۋاي بىلەن ئەقلىنى يوقاتقان بۇ ئايالنى ”ئەقلاقسىز“لار دەپ قارايدۇ. كىشلەر رەسسسامنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن بۇ ئەقلاقسىز قىلمىشنى رەسىم تاختىسىغا نامايەن قىلغانلىقىدىن گاڭگىراپ قالىدۇ.
ئەسلىدە ئاخىرەتلىك كىيىمى كىيۋالغان بۇ بوۋاي- بۇ ياش ئايالنىڭ دادىسى،غاكۆكسىنى ئوچۇق قويغان بۇ ئايال بولسا دەل شۇ بوۋاينىڭ قىزى ئىدى. 
بۇ بوۋاي ئەسلىدە پۇئېرتورىكو جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى  كۈرەش قىلغان جەڭچى بولۇپ مۇستەبىت ھاكىميەت ئۇنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلىغان ھەمدە ئاچ قويۇشتىن ئىبارەت ئەڭ رەزىل ئۇسۇل بىلەن جازالىغان. بوۋاي تۈرمىدە ئاچلىققا چىدىيا لماي ئۆلۈپ قالاي دېگەندە، ئۇنىڭ يېڭىدىن بوشانغان قىز مىڭ بىر جاپادا داىسىنى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، ئېغىر تېنىنى سۆرەپ تەسلىكتە تۈرمىگە كەلندگە ن.
ئۇ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان دادىسنى كۆرگەندىن كېيىن يۈرىكى، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغان ھەمدە ئەڭ ئاخىىرىقى نەپسى قالغان دادىسنىڭ ئالدىدە ئويلىنىپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقىت  قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، دادىسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قېلچە ئىككىلەنمەستىن كىيمىنى يېشىپ، كۆكسىنى  دادىسنىڭ ئاغىزىغا سېلىپ سۈتىنى ئەمدۇرگەن.  
رەسىمدىكى ئەسلى ۋەقەلىكنى بىلمىگەنلەر ئۇنى ئوخشاش بولمىغان نوقتىدىن كۆزىتىپ، ئوخشاش بولمىغان يەكۈنلەرنى چىقىرىشقا  ئالدىرايدۇ. ھەتتا بەزلەر ئۇلارنى زىناخورلار دەپ خاتا  چۇشىنىپ قىلشىمۇ مۇمكىن. بېراق، پۇئېرتورىكورلۇقلار قەلبىدە بۇرەسىم ئەكسىچە پاك ئاتا-بالا مۇھەببىتىگە، قېلچە ئىككىلەنمەيدىغان تەقدىم قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا سىمول قىلىنغان.شۇڭلاشقا پۇئېرتورىكولۇقلار نەزىردە بۇ رەسىمنى پەخىرلەنگەن ھالدا مىللىي روھنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيسىنى ئىپادىلەيدىغان سەنئەت بۇيۇمى دەپ قارايدۇ.
مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى 2011-يىل 4-سانىدىكى گۈلنار توختى تەرجىمىسىدىن ئىلىندى.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2043

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-07-01
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: