www.../

ھاياتلىق ھارغىنلىق ئەمەس

بىر كىشى دائىم ئۆزىنى ھارغىن ھېس قىلىپ،دانىشمەندىن مەسلىھەت ئېلىپ ئۆزىنى يېنىكلەتمەكچى بوپتۇ.

دانىشمەن بىر قۇرۇق سېۋەتنى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئېسىپ قويۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا تاشنى كۆرسىتىپ:« ھەربىر قەدەم ماڭغىنىڭدا بىرتال تاشنى سېۋەتنىڭ ئىچىگە سالغىن،قېنى سەندە قانداق تەسىرات پەيدا بولىدىكىن» دەپتۇ. ئۇ دانىشمەننىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىپتۇ، دانىشمەن بولسا يولنىڭ يەنە بىر بېشىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.

بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئادەن يولنىڭ يەنە بىر بېشىغا چىقىپتۇ. دانىشمەن ئۇنىڭدىن قانداق تەسىراتتا بولغانلىقىنى سوراپتۇ.
ـــ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارغىنىمنى، ھېرىپ قېلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.

ـــ مانا بۇ سېنىڭ نىمىشقا ھاياتلىقتا ھارغىنلىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىڭنىڭ سەۋەبى. بىز بۇ دۇنياغا قۇرۇق سېۋەتنى ئېسىپ كېلىمىز، ھالبۇكى باسقان ھەربىر قەدىمىمىزدە خۇددى بۇ دۇنيادىن بىر تالدىن تاش تېرىپ سېۋىتىمىزگە سالىمىز،شۇڭا بارغانسېرى چارچاپ كېتىمىز.

ـــ بۇ خىل چارچاشنى قانداق ئۇسۇل بىلەن يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟

ـــ ئۇنداقتا سەن خىزمەت،مۇھەببەت،ئائىلە،دوستلۇقنىڭ قايسى بىرىنى تاشلىۋىتىشنى خالايسەن؟

بۇ سوئالدىن ئۇ ئادەم بىرنىمىنى ھېس قىلغاندەك رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ.

ھېكمەت : ھەر بىرىمىزنىڭ سېۋىتىگە قاچىلانغىنى بۇ دۇنيادىن كۆڭۈل قويۇپ تېرىپ كەلگەن نەرسىلا بولماستىن، بەلكى يەنە مەسئۇلىيەتمۇ بار. سىز ھارغىنلىق ھېس قىلغىنىڭىزدا قەتئىي ئاغرىنماڭ. بەلكى بۇ دۇنيادا سىزدىنمۇ بەكرەك ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان،سېۋىتىگە سىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەر قاچىلانغان كىشىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=3

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-02-11
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : ئەينەك
يوللانغان باھا : 0پارچە