![]() |
جۇڭگو، روسىيە، ئامېرىكا ـــ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ قورشاۋ شاھمات
رافائېل پانتوچ، ئالېكساندېر پېتېروچ
يەرشارى تورىنىڭ 3-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى» قوش ئايلىق ژورنال تور بېكىتىنىڭ 1-ماي ماقالىسىنىڭ ئەسلى تېمىسى: ياۋروپا ئاسىيا چوڭ سىتىراتېگىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ قورشاۋ شاھمات مەيدانى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئانچە يېڭى خەۋەرلەردىنمۇ ئەمەس. ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان، ئەتراپتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاش رايونى ياكى تەبىئىي بايلىق ۋە مۇقىم بولمىغان بۇلاق دەپ قارىدى، بۇ رايوننى دامكىلىرىنى خالىغانچە يۆتكىيەلەيدىغان شاھمات تاختىسى قىلىپ كەلدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئىشقا سالغان سىتىراتېگىيىلەر ئاللىبۇرۇنلا بۇرۇلۇش ياسىدى. مەركىزى نۇقتا ئەمدى كونترول قىلىشتا ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش ھەمدە ھەممىنى چوڭ دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتىگە مۇستەھكەم چېتىۋېلىشتا بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىكى باشلامچىلار جۇڭگو، روسىيە ۋە ئامېرىكا بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېلارى ئۆتكەن يىلى ھىندىستانغا زىيارەتكە بارغىنىدا ئۆز دۆلەت سىتىراتىگىيىسىنى ئىنتايىن روشەن شەرھىيلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئامېرىكا، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ يېڭى بىر يىپەك يولى قۇرۇپ چىقىشنى، ئىقتىساد ۋە قاتناش خەلقئارا تورىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئامېرىكا سىتىراتېگىيىسى، ئافغانىستاننى ئىقتىسادىي جەھەتتە چەت رايون قىلىپ قويۇش. ئەلۋەتتە شۇنداق بولغاندىلا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشكە پايدىلىق شارائىت تۇغۇلىدۇ.
جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى ئوتتۇرا ئاسىيانى تەرەققىي تاپقۇزۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو سودا ۋە قاتناش تىرانسىپورت لىنىيىسى ئارقىلىق پۈتكۈل رايوننى باغلاپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ يېڭى ئۇسۇل ئەمەس. خېلى بۇرۇن 1994-يىلىلا، جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا «ھازىرقى زامان يېپەك يولى ئېچىش بەك مۇھىم» دەپ جاكارلىغان ئىدى. نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭگو ئاخباراتچىلىرى مەزكۇر سىتىراتېگىيىنى جۇڭگو ۋە ياۋروپا قىتئەسى ئارىسىدىكى «قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئاتالمىش «تۆمۈر يول يىپەك يولى»نىڭ تۆمۈر يول تور لىنىيىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاستا، خەتەرلىك سۇ يولى لىنىيىسىنىڭ ئورنىغا ئەڭ ياخشى تاللاش قىلىپ بېكىتتى.
روسىيىنىڭ پىلانى ئۆتمۈشتىكى شۆھرىتىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا، روسىيە پىرىزدېنتى پۇتىن ياۋروپا-ئاسىيا ئىتتىپاقى قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رايونلىرىدىن يېڭى تەييار مەھسۇلاتلارنى جەلپ قىلىشنى ئارزۇ قىلدى. بۇ نىشان ئۇلۇغۋار نىشان بولۇپ ئاتالغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كەڭ بولغان رايونلارنى تەرتىپكە سېلىش پىلانى بىلەن پۇت تېپىشىپ قالدى. مەزكۇر ماقالىنىڭ مۇخبىرى ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستاندا بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقاندا، روسىيىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: مۇبادا ياۋروپا-ئاسىيا ئىتتىپاقى ئەمەلىيلىشىپ قالسا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قاراسۇ بازىرى «جۇڭگولۇقلار توپلاشقان بازار» بولۇپ قالىدۇ.
جۇڭگو-روسىيە سىتىراتېگىيىلىرىلا ئۆز-ئارا زىت بولۇپ قالماستىن، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سوققان چوتلىرىمۇ ئوخشىمىغان: ئامېرىكىنىڭ نىشانى ئافغانىستاننى تېخىمۇ كەڭ بولغان رايونغا چۆكۈرۈپ كىرىش بولۇپ، ئاساسلىقى رايونلارنىڭ جەنۇبىي يوللىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تايىنىدۇ. ئەمما جۇڭگونىڭ سىتىراتېگىيىسى شەرقىي جەنۇب يۆنىلىش بولۇپ، ياۋروپا بىلەن بولغان بىۋاستە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگومۇ ئافغانىستاندا ئوخشىمىغان ئاساستىكى ئۇلئەسلىھەلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، پاكىستاننىڭ گىۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغان شەرقىي جەنۇب يولىنى ئېچىشنى كۆزلەيدۇ.
بېيجىڭ، ۋاشىنگتون ۋە موسكىۋانىڭ ئوخشىمىغان مەنپەئەت تەقسىملىنىشى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىتىراتېگىيىسىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ قالغان. جۇڭگو تەرەققىيات ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىرادە قىلىدۇ، ئامېرىكا بولسا ئۆزىگە تېخىمۇ مۇقىم، گۈللەنگەن ئافغانىستاننى قالدۇرۇپ قېلىشنى ئويلايدۇ. روسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇلار ئەلۋەتتە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ھەتتا ئۆز-ئارا توقۇنۇشۇپ قالىدىغان سىتىراتېگىيىلەر. شۇڭا بۇ رايونلار مەزكۇر چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تالاش-تارتىشىغا قىسىلىپ قالغان.
مەنبە : ئوكيان تورى ( يۇسران تەرجىمىسى )
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1566