تۇرمۇش خاتىرىسى

بولغۇسى ئايالىڭىزنى ياخشى تاللاڭ

بىر – بىرىنىڭ تەبىئەت ۋە خۇلىقىنى ياقتۇرمىغان كىشىلەر، ھەتتا بىر – ئىككى چاقىرىملىق يەرگىمۇ بىللە بارالمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ دۇنيا سەپىرىدە بىر – بىرىگە ئۆمۈر يولدىشى بولىدىغان ئەر – ئايالنىڭ تەبىئىتى بىر – بىرىگە مۇۋاپىق بولمىسا، دۇنيا سەپىرىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ، قانداق قىلىپ بىر جان، بىر تەن بولالايدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەپەرداش، ئۆمۈر يولدىشى بولىدىغان ئايالنىڭ ھالىنى ئازراق بولسىمۇ بىلىش لازىم بولىدۇ.

بولغۇسى ئايال پاك نەسەبلىك، گۈزەل ئەدەبلىك، ئەقىللىق، تېنى سالامەت، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىدا تەربىيە ئالغان، ئانىلار ۋە ئاياللارنىڭ زىممىسىدە بولغان ۋەزىپىلەردىن خەۋەردار، دۇنيانىڭ ئاق – قارا كۈنلىرىدە جورىسىغا ياردەم قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. كىلەچەك كۈنلەرنىڭ مەئىشەتلىرىنى گۈزەل تەرتىپ بىلەن تۈزۈش ئىنسانلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، خوتۇن ئىلىشتىمۇ بۇ تەرتىپتىن چەتكە چىقىش مۇۋاپىق ئەمەس. بالىلارنىڭ تەربىيىلىك، ئىتائەتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيىدە پىشقان، ئىتائەتلىك بىر ئانا تاللاش كېرەك. چۈنكى تەربىيىسىز ئايالدىن گۈزەل خۇلقلۇق بالا چىقىشى ناتايىن.

تەربىيىلىك ئايال ئەقىللىق ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلالايدۇ. ئەرلەر ئاياللاردىن رازى بولسا ۋە كۆڭلى ئۇلارغا باغلانسا بۇ ئىشتىن كېلەچەكتە زور مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ. كۆڭلى ئايالىغا باغلانغان ئەر قەيەرلەردە بولمىسۇن، نۇمۇسسىزلىققا بېرىلمەيدۇ. ئۆز كۆڭلىدە ھۆرمەتلىك بولغان ئايالىغا خىيانەت قىلىشنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. كۆڭلى ئايالىغا باغلانغان كىشى ئۆمرىنى ناباب يەرلەردە ئۆتكۈزۈش ئەمەس، ھەتتا ئادەتتىكى سورۇنلاردا ئىسراپ قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇنىڭ بارلىق راھىتى ۋە سەرپ – خىراجىتى ئۆز ئائىلىسىدىكى زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ. ئورۇنسىز يەرلەردە يۈرۈپ سالامەتلىكىنىڭ ئاساسى بولغان ئۇيقۇسىدىن قالمايدۇ ۋە بەدىنىنىڭ قۇۋۋىتىنىمۇ زايە قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئايالىنىڭ گۈزەل ئىتىقادى ئېرىنىڭ ئالدىدا مەھكەم بولىدۇ. ھىمايىچىم ۋە پاكىز ئېرىم دېگەن ئېتىقادنى ئايالىنىڭ كۆڭلىدە شەكىللەندۈرۈش لەززىتىنى، ئىپپەتلىك ئەر بولماقلىقنىڭ ۋە ھامىيلىقنىڭ بۈيۈك بىر مەرتىۋە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا، ساپ ھەم ئىپپەتلىك ھامىي ئەر بولىدۇ.

ئەقىللىق ۋە نىيىتى دۇرۇس ئەر ئايالىغا پۈتۈن دۇنياسىنى بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھېچقاچان ئىپپىتىنى نابۇت قىلماي، جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئايالىنى يامان پىكىرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. تەربىيىلىك ئايالغا ئەر بولغان ئادەم ئايالىنى تالاق قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە خوتۇن ئېلىپ مەئىشەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئەمما، بولغۇسى ئايالىنىڭ تەربىيىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى، مۇلايىم ياكى ئەمەسلىكىنى، جەزبىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىللىش ئاسان ئەمەس. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە بولغۇسى ئايالىنىڭ تەربىيىسىنى بىلىش بولۇپ، سىرتقى گۈزەللىكنى بىلىش ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىشتۇر. نىكاھ قىلىش نىيىتى پۈتۈلگەندە بولغۇسى ئايالىنىڭ يۈزىنى، قولىنى، چېچىنى كۆرۈشكە شەرىئەت يول قويىدۇ. ئەمما، پەقەت مۇشۇلارنى بىلىش بىلەنلا ئىنساننىڭ مىجەز – خۇلقنى تامامەن بىلىش مۇمكىن ئەمەس. كۆپلىگەن كىشىلەر كۆرگەنلىرى ۋە بىلگەنلىرىنى تەتۈر تەرىپلەپ، باشقىلارنىڭ مەئىشىتىنى بەربات قىلىشنى قۇش ئۇۋىسىنى توزۇتقانچىلىك ھېساب قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىش ئالدىنىش بىلەن باراۋەر.

بولغۇسى ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنسابلىق ۋە ئىشەنچلىك كىشىلەر ئارقىلىق بىلىش لازىم. بۇنداق ئادەملەر ئارقىلىق بولغۇسى ئايالىنىڭ تەربىيە ۋە ئەخلاقىنى بىر قەدەر چۈشىنىش، جورا تىپىش ھەققىدە بەزى مۈشكۈللەرنى يېڭىش كېرەك. سۈتنى سىغىپ ئىچىش ئۈچۈن سىيىر ئالغان ئادەممۇ ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن باشقا ئۇنىڭ خۇي – پەيلىنى ئەتراپتىكىلەردىن سۈرۈشتۈرىدۇ. سەپەرگە چىققان ئادەم بىر كۈن بولسىمۇ كېمە ۋە پويىزلاردا ياتىدىغان ئورنىنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ئىستەيدۇ، شۇنىڭ ئۈغچۈن قولاي ئورۇن تېپىشقا تىرىشىدۇ.

شەھەرگە بىرىپ ئىككى، ئۈچ كۈن مىھمان بولماقچى بولغان ئادەم تۇرىدىغان جايىنىڭ تىنىچ، ئازادە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ مەقسەتتە تۇرار جاي تاللايدۇ. شادلىق ۋە ھەسرەتلەرگە بەرھەم بولماقچى، بالىلىرىنى تەربىيە قىلماقچى، ھەر بىر قۇلۇپ – زەنجىرلەرنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئايالنىڭ ھالىنى ۋە تەبىئىتىنى بىلىش ئۈچۈن مۇشەققەت چېكىش، زەخمەت تارتىشقا توغرا كەلسە ئەيىب ئەمەس.

ئەرلەر بىر قانچە جەھەتلەردە ئاياللاردىن ئارتۇق، ھەتتا ئاياللارغا مۇھتاجسىز دەرىجىدە تۇرۇپمۇ، بولغۇسى ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە مەجبۇر بولۋاتقان ئەھۋالدا، ئاياللارنىڭ ئۆزى سىغىنىدىغان ئەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى نىكاھتىن بۇرۇن، ئىختىيار قولدىن كەتمىگەن چاغدا بىلىشى تولىمۇ مۇھىم.

ئەر بولغۇچى كىشىنىڭ مال – دۇنىياسى، كىيىم كېچەكلىرى گۈزەل بولسىلا ھېساب ئەمەس، موھىمى ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلىسى، ئاتا – ئانىسىنى بىلىش كېرەك. ئاتلىرى سېمىز، ھارۋىلىرى زىننەتلىك، ئۈستىۋېشى ياخشى يىگىتلەرنىڭ كۆپلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنىڭ ئەخلەت مىسالى ئەرزىمەس ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇنداقلاردىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ.

تېۋىپلار ھايۋانلاردىكى كېسەللىك ۋە ئۆلۈم ئەھۋاللىرىنى دەلىل قىلىپ يېقىن قىرىنداش، نەسىلداشلار ئارىسىدا قىز ئېلىپ، قىز بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نىكاھتا بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىلسە، يامان بولمايدۇ…

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1935

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-07-06
خەتكۈشلەر : ,,
سەھىپە: يىگىتلەرگە سۆز
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: