تۇرمۇش خاتىرىسى

    

بەخت 0.25

مەيلى جۇڭگو ياكى غەربتە بولسۇن، پۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئەقىليە سۆز ياكى ماقال – تەمسىللەر ھەددى– ھىسابسىز . بۇلارنى بايلار، كەمبەغەللەر، ئوخشىمىغان تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر ئىيتقان، پىكىرى ناھايتى ئۆتكۈر . ئەمما پەقەت بىرلا ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاساھەتلىك سۆزلەر تىزمىسىدىن ئىبارەت. بىر كۈنى مەن بىر كىتاپتىن كۆچۈرۋالغان 100 گە يىقىن ئەقىليە سۆز ۋە ماقال تەمسىلنى بىر دوستۇمغا كۆرسىتىپ، قايسىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ ناھايتى ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن بىرىنى كۆرسىتىپ“ بۇ ماڭا بەك ماس كىلىدىكەن “ دەپ كۈلۈپ كەتتى. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما بولمىسىمۇ بولمايدۇ . نۇرغۇن كىشىلەر پۇلنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ. پۇلغا دوستلوقنى، مۇھەببەتنى، ئادالەتنى، دۇنيادىكى نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەمما، يوقىرىقى بۇ سۆز تومتاقراق، تايىنى يوق، تۇرمۇشتا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان پۇل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ كىتەلمەيدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ھەقىقى نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، فورمۇلا، سان – سىپىر ۋە سخېمىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما تايىنى يوق، تومتاق گەپلەرنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلار، ئەگەر پۇل ھەممىگە قادىر بولمىسا، نېمىگە قادىر ؟ ئەگەر پۇل بولمىسىمۇ بولمىسا، زادى قانچىلىك بولسا بولىدۇ ؟ دەپ سورايدۇ. پىسخولوگىيە بىلەن ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ كىسىشكەن يېرىدە “ ئىقتىسادىي ئادەم نەزەرىيىسى “ دەيدىغان بىر پەن بار، مۇشۇ پەن دەل مۇشۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. “ نۇرغۇن ئالىملار پۇل بىلەن بەختنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەخمىنەن 0.25 ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.“ يوقىرىدىكى سۆزلەر فېرىنخېيىم بىلەن ئارگىل تۈزگەن “ پۇل پىخولوگىيىسى “ دېگەن كىتابدىن ئېلىنغان. بۇ نۇرغۇن ئالىملار نۇرغۇن دۆلەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تاللاپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغانلىقنىڭ نەتىجىسى. يەنى، پۇل بىلەن بەخت ئوتتورىسىدا ئازراق مۇناسىۋەت بار، ئەمما چوڭ ئەمەس، ئالىملارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا، “ كىچىككىنە ئوڭ مۇناسىۋەت “. بۇ مۇناسىۋەتكە يەنە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ بەختتىن قانائەتلىنىش دەرىجىسىنى تىك ئوق،پۇل كىرىمىنى توغرا ئوق دىسەك، ئىككىسىنىڭ كىسىشىش نوقتىسى نۆل بولىدۇ. ئادەمنىڭ يىنىدا بىر تىيىنمۇ پۇل قالمىغاندا، بەختتىن قانائەتلىنىش دەرىجىسى ھەقىقەتەن ناھايتى تۆۋەن بولىدۇ، ھەتتا نۆلگە يىقىنلىشىدۇ. ئاسەمنىڭ قولىغا پۇل كىرسىلا ھەم كۆپ پۇلغا موھتاج بولمىسا، ئاددىي قىلىپ ئىيىتقاندا، قورساق، كىيىم – كىچەكنىڭ غېمىدىن قۇتۇلسىلا، كوئوردېناتتىكى ئەگرى سىزىق ناھايتى تېزلا كۆتۈرۈلۈپ، ناھايتى تېزلا يەنە گورىزونتال ھالەتكە كىلىدۇ. توغرا ئوقتىكى كىرىمى مىليون، ئون مىليون،يۈز مىليون… ئاشسىمۇ، تىك ئوقتىكى بەختتىن قانائەتلىنىش دەرىجىسى كۆتۈرۈلمەيدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش چەت ئېففېكتىنىڭ تەدرىجىي ئازىيىشىدۇر. ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى بىلەن تەئىي پەن ئالىملىرىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت نەتىجىسى ناھايتى زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ. يەنى، ئالدىنقىسى بىر تەتقىقات تىمىسى ئۈستىدە ئەزەلدىن ئوخشاش يەكۈن چىقارغان ئەمەس، ھەتتا ئوخشاپراق كىتىدىغانلىرىنى تىپىشمۇ ناھايتى تەس، ئىجتىمائىي تەجىرىبە شارائىتىدا نۇرغۇن ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار مەۋجۇت،تەكشۈرۈش ۋاستىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشمۇ تەس، يەكۈنلەپ چىققان نەتىجىمۇ ھەمىشە قالايمىقان. ئەمما، پۇل بىلەن بەختكە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا ئۇلارنىڭ قارىشى ئازراق ئوخشىمايدۇ ھەم ئېنىق سانلىق ئاساسلار بىلەن ئىپادىلەيدۇ. سانلىق ئاساسلار پۇلنىڭ بەختكە بولغان تەسىرىنىڭ ئىلگىرى مەن ئويلىغاندەك چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. نېگىزىدىن ئېيىتقاندا، بۇ يەكۈن بىزنىڭ كۈدىلىك تۇرمۇش ساۋاتلىرىمىز بىلەن ناھايتى يىقىنلىشىدۇ. بەختلىك بولۇش – بولماسلىق ئەسلىدە بىر خىل سۇبيېكتىپلىق ھېسىسىيات، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەرمۇ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. پۇلدار ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولۇشى ناتايىن، ئېسىل نازۇ – نىمەتلەر ئاغزىغا تىتىمايدۇ؛ پۇلى يوق ئادەمنىڭ ئورۇق، ۋىجىك بولۇشى ناتايىن، ئۇلار قارا ئاشلىقنىمۇ مەززە قىلىپ ھوزۇرلىنىپ يېيەلەيدۇ. قاتتىق كارىۋاتتا ياتقان ئادەم بىلەن لۆم – لۆم كارىۋاتتا ياتقان ئادەمنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى سېلىشتۇرالامسىز ؟ ئۇنىڭدا كىمنىڭ ياتقانلىقىغا قاراش كىرەك. شاھانە قەسىر، ھەشەمەتلىك بىزەلگەن ئۆي، يوقىرى تېخنىكىلىق كارۋاتتا ياتقان تەقدىردىمۇ ئەگەر ئۇيقىسىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، تاڭ ئاتقۇچە كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتىدىغان گەپ، ئۇ چاغدىكى ئازابنى بىر دىمەڭ ! ئىجتىمائىي پەن “ تەرىقەتكە ئەمەل قىلىپ، كەمبەغەللىككە شۈكۈر – قانائەت قىلىش “ نى تەشەببۇس قىلمايدۇ. بۇ ئىبارىگە نىسبەتەن ماس كىلىدىغان يەنە بىر گەپ بار، ئۇ بولسىمۇ “ قانائەتنىڭ زىدىيەتلىك ھالىتى “. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولالمىغاندىن كىيىنكى بىر خىل چارىسىزلىقىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلىم – پەن ۋە ھازىرقى ھالەتمۇ بەختنىڭ باشقا بىر مەنبەسى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ دۇنيادا ئادەمنىڭ پەقەت كىيىم – كىچەك، يېمەك – ئىچمەكتىن غېمى بولمىسىلا، بەختنىڭ بوشلوقى تېخىمۇ كىڭىيىدۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشايدۇ. بەزىلەر خىزمەتتىن، بەزىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇشىدىن، بەزىلەر ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىشـتىن، پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈش، شاھمات ئويناشـتىن، ئەرمەك ھايۋانلارنى بىقىشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. ئەگەر سىز شۈكۈر قانائەت قىلغۇچىلارنىڭ دائىم خۇشال يۈرىيدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا پۇلنىڭ چەت ئېففېكتىغا سىزنىڭ ئازراقمۇ ئامالىڭىز يوق. تويغاندىن كېيىن قورسىقىنى سـىلاپ لاغايلاپ يۈرۈش نېمىدېگەن راھەت ! پۇلنىڭ بەختكە ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايتى تۆۋەن، تەقدىر كىشىلەرگە باراەر بولۇشنىڭ بىر قېتىملىق پۈرسىتىنى بەرگەن، كىشلىك ھاياتنىڭ ئەسلى مەنىسى پۇل ئەمەس، بەلكى بەخت. پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ھىممىتىدىن بەھىرلىنىش – بەھىرلىنەلمەسلىك ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە تەربىيلىنىشىگە باغلىق .

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2403

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: