ئىلى ۋىلايىتى تارىخى ……….. ئىلى ۋىلايىتى
يازمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
“ ئىلى “ ئەسلىدە تېكەس، ئاقسۇ، ئاغىياس، كۆكسۇ، كۈنەس، قاش دەريالىرىدىن تەركىپ تاپقان ۋە ئالىتاغدىن چىقىپ بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريانىڭ ئىسمىدۇر. ئىلىنىڭ سۈيى ئەلۋەك، يېرى كەڭرى، توپىسى ئۈنۈملۈك، ھوسۇلى مول، تاغ – تۈزى تۈرلۈك مەدەنلەرگە باي، تاش – كۆمۈرى تولا، ھاۋاسى تازا، جوغراپىيە جەھەتتىن كونا ۋە يېڭى مەركەزلىرىنى، يەنى ئالمالىق، غۇلجا، قاينۇقلارنى ئېتىۋارغا ئالغان چاغدا، 43 – 44 دەرىجە ئەرز شىمالى ( شىمالىي كەڭلىك )، 97 – 98 دەرىجە شەرقىي ئۇزاقلىققا جايلاشقان.
ئىلى يېرىنىڭ شۇنداق ئالاھىدىلىكىدىن بولسا كېرەك، بۇرۇنقى زاماندىن تارتىپلا تۈرك بالىلىرىنىڭ جەۋلانگاھى بولۇپ كەلمىشىدۇر. ئىلىدا ياشىغان تۈركلەر ئۇيغۇرلار بولۇپ، زامانىسىدا لاۋازىم، مەدەنىيەت ھېسابلانغان ئىشلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقلىرى مىللىي مۇئەررىخلەر ( تارىخچىلار ) تەرىپىدىن تەشرىھ ( بايان ) ئېتىلگەندۇر. (ش. ق. ت)
بۇرۇنقى زامانلاردا ئوتتورا ئاسىيادا ياشىغان كۆچمەن تۈركلەر تولا بۆۋەك بولغان، ئۇلار دېڭىز دولقۇنىدەك، كەڭ دىياردا بىر ئۇياققا – بىر بۇياققا يۆتكىلىپ، بىر – بىرىنى ئەگىشىپ قوغلاپ، ھايداپ سۈرۈپ يۈرۈشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخ ئىلىنىڭ قەدىمىي، كونا ئەھۋالىنى ئوپ – ئوچۇق كۆرسىتەلمەيدۇ. ئىلىنىڭ مىلادىيەدىن 2 ئەسىر بالدۇرقى ئەھۋالى روشەن بولمىسىمۇ ، دەل شۇ چاغلاردا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا ھازىرقى تارباغاتاي بىلەن ئىلى تەۋەسىدە “ سى ” ناملىق خەلقلەرنىڭ تۇرغانلىقى مەلۇمدۇر.
مىلادىيەدىن 171 يىل بۇرۇن ھۇنلار تەرىپىدىن قوغلانغان گىتىلەر سىــلەر ئۈستىگە باسھتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. كېيىن ئالتە شەھەر ۋىلايىتىنىڭ خوتەن چۆرىسىدە يۈرگەن ئۇيسۇنلار گىتىلەرنى قوغلاپ، ھازىرقى يەتىسۇدا ھۆكۈم – پەرمانلىق قىلدى، بۇلارنىڭ باش بارىگاھى ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئىدى. مىلادىيەدىن بىر ئەسىر بۇرۇن مەشھۇر سەيياھ جاڭ چەن دېگەن كىشى خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئۇيسۇنلارغا ئەلچى بولۇپ كەلدى. مۇزارت، خانتەڭرى، ئىسسىق كۆل توغرىسىدا دەسلەپ تارىخى مەلۇمات بەرگەن ئۇشبۇ زاتتۇر، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيسۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى ئارىسىدا ئىناقلىق باشلاندى. ئەمما 2 – ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن 5 – ئەسىرگە قەدەر چىنلىقلار بۇ تەرەپلەر بىلەن قاتنىشالمىدى. بۇ چاغدا ئۇيسۇنلارنىڭ جايلىرىنى توتانلار ( تۇڭغۇسلار ) ئېلىپ، ئۇيسۇنلارنى تەڭرىتاغ تەرەپكە قوغلاۋېتىدۇ. 6 – ئەسىردە ئالتاي تەرەپتىن كەلگەن تۈركلەر ئوتتورا ئاسىيادا ئىككى ھۆكۈمەت قۇرىدۇ. غەرىبىي ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى يەتتىسۇدا ئىدى. 5 – ئەسىردە پەرغانىدە باشلانغان قالايمىقانچىلىق غەرىبىي ئاسىيانىڭ يولىنى شىمالغا بۇرىۋىتىدۇ. بۇ چاغدا يەتتىسۇدا بۇددا دىنى تارقالغان ئىدى. بۇ ھال چىنلىقلارنىڭ بۇ ياقلار بىلەن قاتنىشىشىغا يېڭى يول ئاچتى. بۇددا سەيياھلىرىدىن شۇۋەن زاڭ مۇزارت بىلەن ئىلىغا چۈشۈپ، يەتتىسۇدا ساياھەت قىلدى. ئىلى ھەمدە يەتتىسۇدا ياشىغان تۈركلەرنىڭ مەئىشەت ۋە مەدەنىيەتلىرىگە دائىر مۇپەسسەل مەلۇمات قالدۇرغان مۇشۇ زاتتۇر.
7 – ئەسىرنىڭ ئايىغىدىراق ئوتتورا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ئۆز ئارا تالاش – تارتىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تاڭ خانلىقىغا بېقىنىپ قالدى. 8 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بولسا، يەتتىسۇ قارلۇقلارغا ئۆتتى. بۇلارنىڭ باشبۇغلىرى يابغۇ دەپ ئاتىلاتتى. 10 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەجۇسىي تۈركلىرىدىن بىر تائىپە قارلۇقلارنىڭ ھۆكۈم – پەرمانلىرىنى يوقىتىپ يەتتىسۇغا جايلاشتى. بۇلارنىڭ باشبۇغلىرى بۇغراخان دەپ ئاتالدى. باشبۇغلىرىنىڭ لەقەملىرىگە قارىغاندا، بۇ تۈركلەر شۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ قۇۋەتلىك، ئەڭ قۇدرەتلىك ئۇرۇقلىرىدىن توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر تائىپىسى دەپ ئويلىنىشقا بولىدۇ.
12 – ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىلى ھەمدە يەتتىسۇ قارا قىتانلارغا ئۆتتى. بۇلارنىڭ خانى گۆرخان دەپ ئاتىلاتتى. 13 – ئەسىرنىڭ بېشىدا گۆرخان ھۆكۈمىتى كۈچلۈك نايمان دېگەنگە ئۆتتى. بۇ چاغدا ئىلى غۇلجىدا يېڭى بىر خان پەيدا بولدى. بۇ بالدۇرقى قاراقچىلار باشلىقى بولغان بوزەر ئاتلىق بىر مۇسۇلمان شۇ قەدەر كۈچ بىلەن ھەرىكەت قىلدىكى، ئالمالىق شەھرىنى ئىلىپ، ئۆزىنى تۇغرۇلخان دەپ ئاتىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە، چىڭگىز جەڭچىلىرىدىن قۇبلايخان چېرىك باشلاپ كىلىپ، ئۆزىگە ۋاسال ( تابى ) قىلدى. ئەمما كۈچلۈك نايمان پۇرسەت تىپىپ، بوزەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئالمالىقنى ياندۇرۇپ ئالدى. 1228 – يىلى چىنگىز جەڭچىلىرىدىن جەبە نويان نۇرغۇن چېرىك بىلەن كىلىپ، نايماننى قوغلاپ، بوزەرنىڭ ئوغلى سوقناق تېگىننى ئالمالىققا خان قىلىپ ئولتارغۇزدى. شۇ چاغدا ئىلىدا ساياھەت قىلغان يوللىغ چۇسەي ئىلىدا ئاشلىق ۋە يەل – يىمىش مەھسولاتىنىڭ ئاۋۇن، ئۆلكىنىڭ مەمۇرلىقىنى يازغان ئىدى.
مەشھۇر چىنگىزخاننىڭ ئۇلۇغ مەملىكىتى ئۇنىڭ ئوغلانلىرىغا بۆلۈنگەندە، ئىلى چاغاتاينىڭ ئۈلۈشىگە تەگكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى تولاراق ئىلى ياقىسىدا تۇردى. بۇلارنىڭ باش بارىگاھى ( توپ ھورداك ) ئۇلۇغ ئايىپ دېگەن يەر بولۇپ، ئاققۇرغان ئاتالدى. ئىككىنچى ئىھتىمالغا كۆرە ھازىرقى قاينۇقدۇر. چاغاتاي خاننىڭ ئەمرى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمان ئالىمى يۈسۈپ سەككاكىينىڭ خۇنخايدا بولۇشى بۇ ئېھتىمالنى قۇۋەتلەيدۇ. ئىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى كىيىنرەك چاغاتايلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇش مەيدانى بولۇپ قالدى. 1262 – يىللاردا ئارىق بۇقا بىلەن ئالغۇيلەر بۇ يەردە قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلدى. بۇنداق ئۆز ئارا ئۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىدە خانلار پات – پات يۆتكىلىپ تۇردى. ئاز زاماننىڭ ئىچىدىلا چاغاتايچىلاردىن يىگىرمىگە يېقىن ئادەم خان بولدى. ئۇشبۇ ماجىرالارنىڭ ئەھۋالى تۇغرۇلۇق قەشقەر، ئالىتاغ، ئۇيغۇر ئېلىدە چاغاتاي ئۇدۇمىدىن نوپۇزلۇق ئادەم قالمىدى. شۇ سەۋەپتىن مۇڭغۇل تۆرىلىرى بۇخارادىن ئېلغۇجا لەقەملىك ئىسەن بۇغا دىۋان ( چېچەن ) ئوغلىنى ئالدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە خان كۆتۆردى. ئىسان بۇغىنىڭ توقىلى ( كىچىك خوتۇنى ) مىڭلى خوتۇندىن ( 730 – ھىجرىدە ) تۇئغلۇق تۆمۈر ئىسىملىك بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى (1329 – يىلى ). بۇ بالا ئانىسى بىلەن مۇڭغۇلىستانغا ئۇزىتىلدى. سەۋەبى ئىسان بۇغىنىڭ چوڭ خوتۇنى ساتىلمىش ئۇنىڭغا كۈنچىلىك قىلاتتى.
ئىسەن بۇغا ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى يەنە خانسىز قالدى. ئىسەن بۇغىنىڭ يېقىن تۆرىلىرىدىن ئەمىر بولاجى ( 1348 – يىلى ) مۇڭغۇلىستانغا بېرىپ، بايىقى تۇغلۇق تۆمۈرنى خان كۆتۆردى.
تۇغلۇق تۆمۈر ئۆز ئوردىسىدا رەشىد ئەرشىدىن باغدادىي دېگەن كىشىنىڭ تەكلىۋى بىلەن مۇسۇلمان بولدى ( 1354 – يىلى ). ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا جۇراس ئوخشاش تۆرىلەردىن بىر نەچچىسى قارشى بولغان بولسىمۇ، ئاخىر ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ مۇسۇلمان بولۇشتى. ئىلىنىڭ نامىنىڭ ئاتىلىشىدا مۇسۇلمان مۇئەررىخلىرى ( تارىخچىلىرى ) مۇنۇ ۋاقىئەنى مىسال كەلتۈرىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈر بىلەن بىللە 160 مىڭ كىشى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى. يېڭى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىخلاسلىرىنى كۆرسەتمەك ئۈچۈن باشلىرىدىكى كۇپارلارغا خاس ھېسابلانغان تەلپەكلىرىنى سۇغا تاشلىدى. شۇ چاغدا سۇ توسۇلۇپ، بوغۇلۇپ ئىلى ياقىسىدا بولغان كۈرەنى خاراب ئەتمەك بولغاندا، تەلپەكلىرىنى سۇدىن ئېلىپ، تاشلا دېگەن مەھەلدە “ ئىلھا ”، “ ئىلھا “ (ئېلىڭلار ) دەپ ۋارقىرىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن “ ئىلا “ دېگەن سۆز بۇ سۇغا نام ۋە ئەلەم بولۇپ قالدى، بولمىسا بۇ سۇنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى جىم ئىمىش.
بۇ خەۋەرلەرنىڭ تۇغلۇق تۆمۈر مۇسۇلمان بولغان قىسمى شايەت توغرىدۇر. ئامما “ ئىلى “ دېگەن نام توغرىسىدىكى گەپلەر غەلەتدۇر. ئىلى سۈيى ئۇنداق تەلپەكلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغۇدەك ئاز سۇ ئەمەس. شۇنىڭدەك يەنە ئىلىنى بىر كىشىمۇ “ ئىلا “ دېمەيدۇ. “ ئىلى “ دېگەن نامنىڭ لوغەت مەنىسىنى تەكشۈرسەك، مەنىسى يەنە باشقىدۇر. “ ئىلى ”، “ ئىللىق “ سۆزلىرى ئۇيغۇرلاردا – ئالتە شەھەردە – تارانچىلاردا كۆزگە يېقىلىملىق ، خۇش كۆرۈنۈشلۈك مەنىلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. دىمەك، ئىلىنىڭ قالماقچە ئىسمى قىم بولسىمۇ، ئۇيغۇرچىسى ئىلىدۇر. لېكىن قالماقلارنىڭ ئىلىنى ئالتۇن دېيىشى يەنە مەلۇمدۇر. بۇلارنىڭ ئالتۇن دېيىشىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر. بۇرۇنقى زامانلاردا تۈركلەر ھەم مۇڭغۇللار چوڭ ئادەملەرنىڭ قەبرىلىرىنى ئۇلۇغلاپ ئالتۇنلۇق دېگەنلەر. بۇ كۈنلەردە تارانچىلارنىڭ يۈسۈپ سەككاكىي قەبرىسىنى ئالتۇنلۇق دېيىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك. بۇرۇن ھازىرقى قارادۆڭدە ( غۇلجىدىكى ) قالماقلارنىڭ قەبرىلىرى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قالماقلار ئىلىنى ئالتۇن دەپمۇ ئاتىغان.چىڭ پۇخرالىرى چىڭدىڭسى دەيدۇ، بۇ ئالتۇنلۇق دېمەكتۇر. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىلى دېيىشىگە كەلسەك، ئالتىشەھەرنىڭ قۇملۇق توپىلاڭ چۆلىدە ئۆسكەن ئۇيغۇر بالىسى ئىلىنىڭ كۆك مايسىسىنى كۆرۈشى بىلەن ئىختىيارسىز ئىلى دەپ ئۆتكەندۇر. بىز شۇنداق ئويلاندۇق، شايەت توغرىدۇر.
تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۆز مەملىكىتىنى كەڭەيتىش يولىدا دېگىلىك ئادەم ئىدى. ئۇ تۈرك ئەمىرلىرى بىلەن قىلغان ئۇرۇشلاردا ھەممە ۋاقىت مۇۋاپىققىيەت قازىنىپ كەلدى. ئەمرى تۆمۈر كەبىلەرنى ئۆزىگە قاراتتى ( 1360 – يىلى )، ئالتىشەھەرنىمۇ قولغا ئالدى. ئۆز قولىغا كىرگەن يەرلەرنىڭ ئاباد، مەمۇر بولىشىغا تىرىشتى. ئوغلى ئىلياسغۇجىنى سەمەرقەندكە قويۇپ، ئۆزى ئىلىدا تۇرغان چىغىدا ۋاپات بولدى. قەبرىسى قورغاستىدۇر. تۇغلۇق تۆمۈر ئۆلگەندىن كىيىن ئىلياسغۇجا بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئارىسىدا جىدەل چىقىپ، ئىلياسغۇجا يىڭىلىپ، ئىلىغا كەلگەندى. كەينىدىن ئەمىر تۆمۈر قوغلاپ كېلىپ، ئىلياسغۇجىنى ئۆلتۈردى ھەم تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ بىر قىزىنى نىكاھىغا ئىلىپ، تەختى بولغان كۆكتاشنىمۇ ئىلىپ، كوراگان ( خاننىڭ كۈيۇغلى ) ئاتالدى. ئەمىر تۆمۈر بۇ سەپىرىدە ئۇلۇغ يولتۇزغىچە بارغان ئىدى. كىيىن ئالدىراشلىق بىلەن ئۆز يىرىگە ياندى. ئىلياسغۇجىدىن كىيىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ خىزىرغۇجا دېگەن ئوغلى خان بولدى. خىزىرغۇجا تۇرپان ۋە قۇمۇل ئاھالىسىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. بۇددىستلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، بىر خېلى شەھەرلەرنى پەتىھ ( ئىشغال ) قىلىپ، شېھىد بولدى. جەسىدى تۇرپاندا دەپنە قىلىنغان ( 1401 ). ئورنىغا ئوغلى شاھىجاھان خان بولدى ( 1408 ). ئاندىن خىزىرغۇجىنىڭ ئوغلى مۇھەممەدخان خان بولدى. يېقىن زاماندا ئاچانوخو ئەتراپىدا بۇ خاننىڭ نامىغا سوقۇلغان تەڭگىلەر تىپىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن شاھىجاھان ئوغلى نەقشىجاھان، ئاندىن خىزىرغۇجىنىڭ شىرئەلى ئىسىملىك ئوغلىدىن تۇغۇلغان ئۇۋەيــسخان خان بولدى. ئۇۋەسخان زامانىدا قالماقلار مۇغۇلىستانغا نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئىلى بويىدا تولا قاتتىق ئۇرۇشلار بولدى. ئۇۋەيىسخاننىڭ يۇنۇس، ئىسەن بۇقا ناملىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇۋەيىسخاننىڭ قەبرىسى غۇلجىدىن 70 چاقىرىم شەرقتە ئاۋرال تېغى ئېتىگىدەدۇر. ئامما بۇ تەرەپنىڭ خەلقى مەزكۇر قەبرىنى ئۇۋەيىسخاندىن باشقا ھىجاز ۋىلايىتىدىن ( ئەرەبىستاندىن ) كەلگەن ۋەيسەلقەرنى ناملىق كىشىنىڭ قەبرى دەپ ئاتىشىدۇ، لېكىن بۇ قەبرە بىزنىڭ ئويىمىزچە ئانداق مەجھول ( نامەلۇم ) ۋەيسەلقەرنىڭ ئەمەس، بەلكى ئېنىق ئۇۋەيىسخانىڭكىدۇر. بىزنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇنداق مەجھۇل مازار شېرىپلەر جىق. بۇلارنىڭ تولاراغى تۈرك بەگلىرى، جوڭغار تۆرىلىرى بولۇشى ئېھتىمال. ئۇۋەيىسخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى ئوغلى خانلىق تالىشىدۇ. ئىسانبۇغا مۇڭغۇل بەگلىرىنىڭ يۆلىكى بىلەن خانلىققا ئولتۇرىدۇ. 1434 – يىلى يۇنۇسنى قوغلايدۇ. ئۆزى 1462 – يىلى ئۆلىدۇ. ئورنىغا دوسمۇھەممەت، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى كىپەك سۇلتان خان بولىدۇ، كېيىن يۇنۇس كىپەكنى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىميەتنى قولغا كىرگۈزىدۇ ( 1472 ). ( يازمىنىڭ داۋامى - ئىلىدا جوڭغارلار دۆلىتىنىڭ تەشكىلى… )
( ئاپتۇرنىڭ ئالمائاتا يازغۇچى نەشىرياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلىنغان “ يورۇق ساھىللار“ ناملىق توپلىمىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى : ئابلىز ئورخۇن. مەزكور يازما ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2011 – يىل 1 – سانىدىن ئىلىندى. )
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=850