![]() |
زىرىكتۈرگۈچى
ساتتار مۇھەممەد
گۆش بازىرىغا كىتىۋاتاتتىم. ھويلىدىشىم ھەسەن شىرىك يېنىمدا پەيدا بولدى.
ــ گۆش ئالغىلى كەلدىڭمۇ؟ ـ دېدى ئۇ ھىجىيىپ.
ــ ھەئە، سەنمۇ گۆشكە كەلگەنمىدىڭ ؟ ـ دېدىم ئۇنىڭغا.
ــ ياق، ئايلىنىپ يۈردۈم.
ئۇنىڭ بىكار بولسىلا شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىنى ئايلىنىدىغان ئادىتى بار ئىدى. خوتۇنىنىڭ دائىم قوشنىلارغا “ نەمۇنە سوكۇلداپ يۈرىدىغۇتاڭ “ دەپ ئېرىدىن دادلىشى بىكار ئەمەس ئىدى.
ــ ئوبدان ئۇچرىدىڭ، “ دۈمبىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە بېرىپتۇ “ دەپ، گۆشۈمنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدىغان بولدۇڭ.
ــ چاتاق يوق ! ـ دېدى ھەسەن شىرىك.
ــ بىر ئاغىنەم بار، شۇنىڭدىن ئالايلى.
ــ نەدىكى ئاغىنەڭ ئۇ ؟ ـ سورىدى ھەسەن شىرىك.
بىر يۇرتلوق ئاغىنەم.
ــ ئۇ قانداقسىگە بۇ يەردە قاسساپ بولۇپ قالدى ؟
ــ شۇنىمۇ سورامسەن ؟ بۇ بازاردا ھەممە يۇرتنىڭ ئادىمى بارغۇ ؟
ــ ئىسمى نېمە ئۇ ئاغىنەڭنىڭ ؟
ــ ئېلى.
بىز شۇلارنى دېيىشكەچ ئېلىنىڭ دۇكىنىغا كەلدۇق. ئېلى مېنى كۆرۈپلا:
ــ ئەسقەر، كەپقاپسەنغۇ؟ بېشىم ئاغرىپ دېمەيسەن.
ــ ئاخشام ئىچكىنىڭ چىشلىۋاپتۇ – دە؟
ــ ئەمدى ئىچىشنىڭ كەينىگە كىرمەسمىنا! گۆشكە كەلگەنمىدىڭ؟ مۇشۇ بىر پارچە قوۋۇرغىلا قالدى، يېرىم كىلۇ چىقارمىكىن ؟
ــ ئەمسە تونۇشلىرىڭدىن بىر ياتا قوي گۆشى ئېلىپ بەر، تارازىدا قويۇۋەتمىسۇن يەنە !
ــ خاتىرىجەم بول.
ئېلى چاققانلىق بىلەن مېنى رازى قىلىپ توققۇز كىلوگىرام گۆشنى ئىككى خالتىغا قاچىلاپ بەرگەندىن كېيىن :
ــ دوستۇڭنى باشلاپ كەپسەن، دۇكاننى يىغاي، ماۋۇ قوۋۇرغىنى كاۋاپ قىلدۇرۇپ بىردەم ئولتۇرايلى، ـ دېدى.
ــ گۆش ئالىمەن دەپ ئېسىمدىن چىقىپتۇ، ـ دېدىم كۈلۈپ، ـ بىر ھويلىدا ئولتۇرىمىز، ئىسمى ھەسەن. بايا ئۇنىڭغا گىپىڭنى قىلىپ بەرگەندىم.
ــ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ـ دېدى ئېلى قولىنى ھەسەن شېرىككە ئۇزۇتۇپ، ـ بايا كۆرۈشمەي سەت بوپتۇ.
ــ ياخشى، ـ دېدى ھەسەن شېرىك ئۇنىڭغا جاۋابەن، ـ بۇنىڭدىن كېيىن سىزدىن گۆش ئالسام بولغۇدەك.
ــ بولىدۇ، ئوبدان تونۇشۇپ قالدۇق، ـ دېدى ئېلى.
ئۇچىمىز بازارنىڭ يان تەرىپىدىكى تار كوچىغا كىردۇق. ئېلى بىر كاۋاپخانىغا باشلاپ كىردى، قولىدىكى قوۋۇرغىنى كاۋاپچىغا سۇنۇپ :
ماخمۇت، بۇنى غاچچىدە كاۋاپ قىلىپ بەر، مەن پەمىدۇر دېگەندەك نەرسىلەرنى تىپىپ كىرەي، ـ دېدى.
يېرىم سائەتكە قالماي ھەممە نەرسە تەييار بولدى – دە، قوۋۇرغا كاۋاپقا تىگىش قىلدۇق.
ــ پاھ، بەك ئوخشاپتۇ جۇمۇ ! ـ دېدى ھەسەن شېرىك كاۋاپنى يېمەي ماختاپ.
ــ گۆش ئىشەنچلىك – تە، ـ دېدى، ئېلى ھەسەن شېرىكنىڭ ماختىغىنىدىن خۇش بولۇپ.
ــ پىشۇرۇپ بەرگىنىگە پۇل بىرەرسىلەر ؟ ـ سورىدى ھەسەن شېرىك.
ــ ھەئە، بىر كىلوغا بەش كوي بېرىمىز، ـ ئاڭغىچە بىرەيلەن بودەك شىشىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ئېلىغا سۇندى، ـ بولدى، ئوبدان كەپسىلەر، بىردەم مۇڭدىشايلى، ـ دېدى، ئېىلى سۆزىنى داۋام قىلىپ، ـ بۇ پارچە “ شەربەت “ بولغىنى بىلەن ساپ، يۇرتنىڭ. ھېلى كىرگەن دۇكانچى بۇرادەر ئۆزى ئەپكەلگەن، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنى ئىچىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئىچىشنى باشلىدۇق. بۇ شەربەتمۇ ھەشەن شېرىككە ياقتى.
ــ بۇ ئالامەت ئىسىل ھاراقكەن جۇمۇ، مۇشۇ يەردە بارمۇ ؟
ــ بار، مەندىمۇ بار ! ـ دېدى ئېلى.
ــ سىزمۇ يۇرتتىن ئەپكەلدىڭىزمۇ ؟ ـ ھەسەن شېرىك قىزىقىپ سورىدى.
ــ ھەئە، ئون كىلو ئەكەلدۈرگەن، ـ ئېلى ماڭا قاراپ، ـ ئاخشام ئاسىمجانلار چىقىپتىكەن، شۇلار بىلەن ئولتۇرغان، ـ دېدى.
مەن ئۇلار نېمە ئىش بىلەن چىقىپتىكەن دەپ سورىغۇچە، ھەسەن شېرىك ئېغىز غىرىچلىدى:
ــ كىم ئۇ ئاسىمجانلار دېگەن ؟
ــ يۇرتلۇق بۇرادەرلەر !
ــ نېمە قىلىدىغان بۇرادەرلەر ؟
ــ تىجارەتچى !
نېمە قىلغىلى چىقىپتۇ ؟
ــ مال ئالغىلى !
ھەسەن شېرىكنىڭ مۇشۇنداق ئاسماقچىلاپ تولا گەپ سورايدىغان مىجەزىنى بىلەتتىم، ھويلا – ئاراملاردا ئولتۇرۇپ قالساق ئۇ مۇشۇنداق تولا سوئال سورىسا بەزىلەر تىرىكىپ قالاتتى. لېكىن، يۇرتدىشىم ئېلى تىرىكمەي ئۇنىڭغا ئۇدۇللۇق جاۋاپ بىرىپ ئولتۇراتتى.
ــ راست، تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى يېزىۋالايچۇ ؟ ـ دېدى ھەسەن شېرىك يان تېلېفۇنىنى چىقىرىپ، ـ گۆش ئالىدىغان كۈنۈم ئالدىن تېلېفۇن بىرەي، سىزمۇ گۆشنىڭ ئوبدىنىنى ساقلاپ قويارسىز.
ــ ماقۇل، بىزنىڭ يۇرتلارغىمۇ بىرىڭ، ـ دېدى ئېلى ھەسەن شېرىككە، ـ ئالدىڭىزغا چىققۇچىلىكىم بار، ـ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا بۇرۇلدى، ـ ئەسقەر بىللە ئاپارغىنا ؟ ئۆزۈم ئوقۇمىغان بىلەن، ئوقۇغان ئادەملەرنى ياخشى كۆرىمەن.
ــ كۆڭلىڭىز بەك ياخشىكەن جۇمۇ سىزنىڭ، دوست بولۇپ قالايلى، ھە، ئىككى رومكا قۇيۇڭا، سوقۇشتۇرۇپ ئىچەيلى ـ دېدى ھەسەن شېرىك.
بىر چاغدا قارىسام كاۋاپمۇ يېيىلىپ بوپتۇ. “ شەربەت “ مۇ يېرىملىشىپتۇ، ئەمدى ئىچسەك مەس بولۇپ قېلىپ ئۆينى تاپالماي قالمايلى، دەپ ئويلاپ :
ــ بولدى، ئەمدى ئىچمەيلى، ئەتە ئىشلەيدىغان گەپ، ـ دېدىم.
ــ نېمىگە ئالدىرايسەن ؟ ـ دېدى ھەسەن شېرىك قوزغالغۇسى كەلمەي.
ــ ئۆيدە گۆش تۈگىگەن، تاماق ئەتمىسە بولمايدۇ، كېيىن يەنە ئۇچرىشارمىز ؟ ـ دېدىم گەپنى ئۈزۈپ.
مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، ھەسەن شېرىكمۇ ئىلاجىسىز تۇردى. ئۈچىمىز كاۋاپخانىدىن چىقتۇق، ئىلى خوشلىشىپ ئۆيىگە ماڭدى. ھەسەن شېرىك ئىككىمىز بىللە كەتتۇق.
شۇ كۈندىن كېيىن، ئالدىراشچىلىقتا ئېلىنىڭ يېنىغا بارالمىدىم. ئۆيدە گۆش تۈگىسە مەھەللىمىزدىكى قاسساپتىن ئالدىم، ئېلىغىمۇ تېلېفۇن بىرەلمىدىم، ھەسەن شېرىكنىمۇ ئۇچراتمىدىم. بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ھويلىدا ئايلىنىۋاتسام، ھەسەن شېرىكنىڭ خوتۇنى ئۇچراپ قالدى.
ــ ھەسەن كۆرۈنمەيدىغۇ ؟
ــ قويۇڭە ئۇنى ! خويمۇ زىرىكتۈردى، ـ دېدى ئۇ قايناپ، ـ ئېلى دېگەن بىر قاسساپ بىلەن ئاغىنە بولۋاپتىكەن ! ئىككى كۈندە بىر ھاراق پۇرۇتۇپ كىلىدۇ، نەدە ئىچتىڭ، دسەم، ئېلىنىڭكىدە، دەيدۇ، تېخى قايسى كۈنى ماڭىمۇ دېمەي، ئەر – خوتۇن ئىككىسىنى ئۆيگە چاقىرىپ قويۇپتۇ، ئۆيدە بىر نەرسە بارمۇ – يوق دېمەي…
ــ ئۇلارنى چاقىردىمۇ تېخى ؟ ـ ھەيران بولۇپ سورىدىم.
ــ ھە راست، ئۇ ئىككىسىنى ئاغىنە قىلىپ قويغان سىزكەنسىزغۇ ؟ قالتىس ئاغىنە تونۇشتۇرۇپ قويۇپتىكەنسىز ؟!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى.
ــ مەن ئېرىڭىزنى ئېلىغا تونۇشتۇرۇپ قويمىدىم، گۆش ئالغىلى بارسام ئېرىڭىز ئۇچراپ قالدى، ئېلى بىردەم ئولتۇرۇپ كېتىڭلار دەپ تۇتۇۋالدى. بولغان ئەھۋال شۇ ، ـ دېدىم.
ــ مېنىڭ ئېرىمدىمۇ بار، ئۇنىڭغا “ ھەسەن شېرىك “ دەپ بىكار لەقەم سىڭىپ قالمىغان، كىم ئاشۇ بىرنېمىنى قۇيۇپ بەرسە شۇنىڭ كەينىدە لوكۇلدايدۇ ئۇ…
بىر كۈنى ئوبدان گۆشتىن چىقراق ئىلىش مەقسىتىدە ئېلىغا تېلېفۇن قىلدىم.
ــ كىم ؟
ــ مەن، ئەسقەر !
ــ ھە، سەمنىدىڭ ئاداش، بارمۇسەن ؟
ــ بار، گۆشكە بارماقچىدىم.
ــ ۋاي، ئاداش ! مەن بازاردا يوق، يۇرتقا يېنىپ كەلدىم.
ــ بىراقلىما، ئۆي – ۋاقاڭ بىلەن ؟
ــ ھەئە !
ــ نېمە بولۇپ ؟
ــ قويغىنا، ھېلىقى ھەسەن شېرىك دېگەن ھويلىدىشىڭ مېنى تويغۇزۋەتتى.
ــ راست، يېقىن ئاغىنە بولۇپ كېتىپتىكەنسىلەرغۇ؟
ــ ھېلىقى چاغدا ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ ماڭا تېلېفۇن قىلىپتۇ، قېشىڭىزغا بارماقچىدىم، دەپ. ئۇ كۈنى يامغۇر يېغىۋاتاتتى، مەن بازارغا چىقمىغان، ئۆيدە، دېسەم، ئۆيىڭىز نەدە باراي دېدى، مەن كىلىڭ، دەپ ئولتۇرۋاتقان مەھەللەمنى دەپ بەرسەم، كەلدى، ئۇنى ئۆيدە مېھمان قىلدىم، قارا ! شۇنىڭ بىلەن يېقىن ئاغىنە بولۇپ كىتىپتۇق، ئىككى كۈندە بىر دىگۈدەك ھارىقىڭىز ياخشىكەن، دەپ كىلىدۇ، كەلگەندىنكىن ئىچىمىز، ھېلىقى ئون كىلودەك ھاراقنىمۇ تۈگەتتۇق، خوتۇنۇم بىچارە تاماق ئېتىدۇ، ئىشقىلىپ بىزنى زىرىكتۈرۋەتتى، خوتۇنۇممۇ ، ھاراقكەش بولۇپ كەتكۈدەكسەن، كىتەيلى، دەپ تولا قاقشاۋەردى، ئۇ كېتەيلى دېسە مەن نېمە دەيتتىم، شۇنداق قىلىپ بىراقلا يېنىپ كەلدۇق.
ــ ھە ! بوپتۇ، “ يېقىن “ ئاغىنەڭدىن قۇتۇلۇپسەن.
ئېلىنىڭ نېمىشقا يۇرتقا كەتكەنلىكىنى ئەمدى چۈشەندىم. شۇ كۈنى بازاردىن گۆش ئېلىپ، ھويلىغا كىرىشىمگە ھەسەن شېرىك ئۇچراپ قالدى. ئۇ ماڭا :
ــ ئېلى بازاردا يوققۇ ؟ تېلېفۇن بەرسەممۇ ئالمىدى، مەھەللىسىگە باراي دەپ كېتىۋاتاتتىم ، ـ دېدى.
ــ ئۇنى قاچۇرۋىتىپسەنغۇ ؟ ـ دېدىم كۈلمەي تۇرۇپ.
ــ نېمە دەيدىغانسەن ؟ ـ سورىدى ئۇ.
ــ راست، سەن ئىككى كۈندە بىر بىرىۋىلىپ، زىرىكتۈرۋىتىپسەن. ئۇ يۇرتىغا كېتىپتۇ.
ھەسەن شېرىك بۇ گەپنى ھار ئالاي دېمەيتتى، ئەكىسچە، خىرىلداپ كۈلگىنىچە يېنىمدىن كەتتى، ئۇ ئېھتىمال يەنە بىرىنى زېرىكتۈرگىلى ماڭغاندۇ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1964
بىلوگىڭىزنى خىلى ئوبدان تۈزەشتۈرۈپسىز ، بۇ قېتىم ھەر قايسى تور كۆرگۈلەردىمۇ خەتلەر نۇرمال كۆرۈندى . ئەمدى يەكلىمىگەن ئوخشايدۇ . زىرىكتۈرمىدى ، بىلوگقا rssتەرمە ئىقتىدارى قوشقان ، قارىسام يىڭى يازما يوللاپسىز . بولىدىغان ئەسەركەن ……