تۇرمۇش خاتىرىسى

ئانا بەرگەن « ئىلھام »

ئانا تۇنجى قېتىم ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتى . يەسلى تەربىيىچىسى ئۇنىڭغا : « ئوغلىڭىز بەك كەپسىز ، ئورۇندۇقتا ئۈچ مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايدۇ . ئەڭ ياخشىسى بالىنى دوختۇرغا بىر كۆرسىتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك » دېدى . ئۆيگە قايتىۋاتقاندا بالىسى ئۇنىڭدىن تەربىيىچىنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى سورىدى . شۇ چاغدا ئانىنىڭ دېمىقى ئېچىشتى ، كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى . چۈنكى پۈتۈن سىنىپتىكى 50 بالا ئىچىدە ، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولۇپ ، ھەتتا تەربىيىچىمۇ ئۇنىڭ بالىسىغا كەمسىتىش پوزىتسىيىسىدە مۇئامىلە قىلاتتى . ھالبۇكى ئانا بالىسىغا مۇنداق جاۋاپ بەردى : « تەربىيىچى سېنى ماختىدى . سەن ئەسلى ئورۇندۇقتا بىر مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايتىڭ ، ھازىر ئۈچ مىنۇت ئولتۇرالايدىغان بوپسەن . پۈتۈن سىنىپتا سېنىڭ ئىلگىرىلىشىڭ ھەممىدىن تېز بولغاچقا ، باشقا ئانىلار ماڭا ھەۋەس قىلىشىپ كەتتى » . شۇ كۈنى كەچتە بالا بىراقلا ئىككى قاچا گۈرۈچ ئېشىنى يەۋەتتى ھەم ئانىسىغىمۇ ئۆزىنى باققۇزمىدى .
بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقتى . بىر قېتىملىق ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇتقۇچى ئانىغا مۇنداق دىدى : « پۈتۈن سىنىپتىكى 50 ئوقۇغۇچى ئىچىدە ، بالىڭىزنىڭ ماتىماتىكا نەتىجىسى 40 – ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ . بىز ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا توسالغۇ بارلىقىدىن گۇمان قىلىمىز . سىز ئەڭ ياخشىسى بالىنى دوختۇرغا بىر كۆرسىتىپ بېقىڭ » . ئانا دەرسخانىدىن چىقىپلا ياش تۆكتى . ئەمما ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ، ئۇ جوزا ئالدىدا ئولتۇرغان بالىسىغا مۇنداق دىدى : « ئوقۇتقۇچى ساڭا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، سەن دۆت ئەمەسكەنسەن ، ئەگەر ئازراقلا كۆڭۈل قويساڭ ، پارتىدىشىڭدىن گەپ يوق ئېشىپ كېتىدىكەنسەن . سېنىڭ پارتىدىشىڭ بۇ قېتىم 21 – بوپتۇ » . ئانا شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ، ئوغلىنىڭ كۆزلىرىنىڭ بۆلەكچە نۇرلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى . ئىككىنچى كۈنى بالا مەكتەپكە ئادەتتىكىدىن خېلىلا بۇرۇن باردى .
بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى . بىر قېتىملىق ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا ئانا ئوغلىنىڭ پارتىسىدا ئولتۇرۇپ ، ئوغلىنىڭ ئسىمىنىڭ چاقىرىلىشىنى كۈتتى . چۈنكى ھەر قېتىملىق ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا ، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نەتىجىسى ناچار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چاقىرىلماي قالمايتتى . بىراق بۇ قېتىم ئۇنداق بولماي قالدى . ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئاياغلاشقىچە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى چاقىرىلمىدى . ئانا بۇنىڭغا بىر ئاز كۆنەلمىگەندەك ھېس قىلدى – دە ، ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ ، سەۋەبىنى سورىدى . ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا : « ئوغلىڭىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، ئۇنىڭ نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلىشى تەس » . ئانا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، ئوغلىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . يولدا ئۇ ئوغلىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دىدى : « سىنىپ مەسئۇلۇڭ سېنىڭدىن ناھايتى رازىكەن . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، سەن يەنە كىچىككىنە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلا ، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشۈڭدە ھېچقانداق توسالغۇ يوقكەن » .
بالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردى . بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چۈشكەندە ، مەكتەپتىن بالىنىڭ مەكتەپكە بىر كېلىپ كېتىشى توغرىلىق تېلېفون كەلدى . ئانا كۆڭلىدە بالىسىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلدى . چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقاندا ، ئانا ئوغلىغا ، ئۇنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى . ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ، چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئالاھىدە تېز يوللانمىنى ئانىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى . ئانا تۇيۇقسىز ئارقىسىغا ئۆرۈلگىنىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلىدى . بالا بىر ياقتىن يىغلاپ ، بىر ياقتىن ئانىسىغا مۇنداق دىدى : « ئانا ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىللىق بالا ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن . ئەمما دۇنيادا مېنى رىغبەتلەندۈرىدىغان سىز بولغاچقىلا ، مەن مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشتىم …. » .

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2737

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-22
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: