تۇرمۇش خاتىرىسى

ئايالىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىنى ئىستىگەن ئەر…

گۈزەل مۇئامىلىلىك بولماق ئىنسان پەزىلىتىدىكى بىرىنچى قائىدىدۇر. گۈزەل مۇئامىلىنىڭ ئەڭ زور قىسمى ئايال بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدۇر. ئاياللار ھەر كىمنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولۇپ، ئۇلارغا رىئايە قىلغۇچى ئەرلەرمۇ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئەرلەردۇر. ئاياللار بىلەن گۈزەل مۇناسىۋەت قىلماق ئىنتايىن ئىسىل پەزىلەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىغا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى ھازىرلاشقا ۋە ئايالىنى ھەر بىر ئىغىرچىلىقلاردىن ساقلاشقا بۇرچلۇقتۇر. بۇنداق مۇئامىلىدە بولغۇچى ئەرنىڭ دۇنياسى تۈزۈك، ئاخىرىتى راھەت بولۇر.
ئايالغا گۈزەل مۇئامىلە قىلغۇچى ئالىي تەبىئەتلىك ئەرلەر قائىدە يۇسۇن ھەم ئەقىل تەرىپىدىن مەنئى ئىتىلگەن نەرسىلەرگە ئاياللىرىنى يولاتمايدۇ ۋە ئەزىز بالىسىغا بولغان مىھر – شەپقىتى دەرىجىسىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئايالىنى بارلىق مۇشەققەتلەردىن ساقلايدۇ، ئۇلارنى قۇربى يەتمىگەن خىزمەتكە بۇيرۇمايدۇ. ئاياللىرىمىز ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئەزىز بالىلىرى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ قارىلىرى بولغان بولغان ھالدا ئۇلاردىن ئايرىلىپ بىزلەرگە يار بولماقتا ۋە ھەربىر ئىشارەتلىرىمىزگە تەييار تۇرماقتا. بىرىنچىدىن، ئائىلە نىزامىغا رىئايە قىلىش، ئىككىنچىدىن، بىزگە ياراش ئۈچۈن كىچىسى ئۇيقۇسى، كۈندۈزى راھەتلىرىنى پىدا قىلىپ، بالىلىرىمىزنى پەرۋىش قىلماقتا، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ غەيرەتلىرىگە تايىنىپ بىزنىڭ كۆپ خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقماقتا. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئېزگۈلۈكلىرىدىن كۆز يۇمۇپ، ئۇلارنى ياخشى مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەش ئورنىغا، يامان مۇئامىلە قىلىدىغان بولساق، ئەرلەر تۈگۈل، ئاددى ئىنسانچىلىققىمۇ مۇناسىپ بولمىغان قاباھەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنى قىلغان بولىمىز. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى مەقسەت، ئاياللارغا گۈزەل مۇئامىلە قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتۇر. ئايال بىلەن بولىدىغان مۇئامىلە ھەددىن ئوشۇق ياكى ھەددىدىن تۆۋەن ئەمەس، ئادالەت بىلەن بولۇش كېرەك. تەربىيىلىك ئەر ئايالىغا گۈزەل مۇئامىلىدە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىنى ھەم ساقلاپ قالۇر، ئۆزى ھۆرمەق قىلىش بىلەن ھۆرمەتكە ئېرىشىشنىمۇ بىلەر. ئىشلىرىدا ئايالى بىلەن مەسلىھەت قىلار، قەيەرگە بارسا بارىدىغان يىرىنى بىلدۈرۈپ قويار، شۇنداق قىلسا، تاسادىبەن بىرەر ھادىسە بولۇپ قالسا، خەۋەر بىرىشتە ئايالىغا قولايلىق بولۇر. ئېرىنىڭ مەسلىھەتى ۋە ئۆزىنى بىلدۈرۈپ يۈرۈشتىن رازى بولغان ئايالئېرىنىڭ مۇھەببىتىدىن ئەمىن بولۇر، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزىمۇ ساداقەتلىك بولۇر.

ئاياللار قىرلاردا يۈرگۈچى ھايۋانلار كەبى ئەقىلسىز ھەم مەسلىھەتكە قابىليەتسىز ئەمەستۇر. بەزى ئاياللار باركى، ئەگەر ئەقىل جەھەتتە سېلىشتۇرۇلسا كۆپ ئەرلەردىن غالىب كېلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئايال تەرىپىدىن بىرىلگەن پىكىر توغرا دەپ قارالمىسا، ئەر ئۈچۈن بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى مۇناسىپ دەلىل كەلتۈرۈپ ئىسپاتلاپ بېرىش لازىمدۇر. بۇنداق بولغاندا ئايال، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىدىن، ئىككىنچىدىن، خاتا پىكىر ئېنىقلانغانلىقىدىن ئىككى تۈرلۈك پايدا كۆرگەن بولىدۇ.

ئېرىنىڭ شەپقەت قانىتى ئاستىدا بولغانلىقىنى بىلگۈچى ئايال ئېرى ھەققىدە ھەممىگە ياخشى پىكىر ئېيتىدۇ ۋە دائىم ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈمىدىدە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن، بارلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئارتۇق سۆيىدۇ، ئۇنىڭ شەپقىتىگە نىسبەتەن ھەم ئالدىدا، ھەم كەينىدە خىزمىتىنى غەنىيمەت بىلىدۇ.

ئۆي ئىچىدىكى چىنە – چەينەك، ئىدىش – ئاياغ ۋە باشقا نەرسىلەر سۇنغاندا ئەرنىڭ ۋەزىپىسى ۋارقىراش – جارقىراش ئەمەس، بەلكى بىلمىگەنگە سىلىپ تۇرۇشتۇر. تاسادىبەن چوڭ ئىدىش سۇنۇپ ئايال ئۆزى كىلىپ “ مېنىڭ نوقسانىمدىن بولدى “ دەپ ئۆزرە سورىسا، ئەر “ چوڭ بالا – قازالاردىن ساقلانغايسىز، بېشىمىز ئامان بولسا مال – مۈلۈك تىپىلار، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تىرىشىڭ “ دەپ مۇلايىم سۆزلەر بىلەن نەسىھەت تەلەپپۇزى بىلەن تەربىيە بەرمىكى لازىم. ئادەتتە شۇنداق مىجەزلىك بولغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدا ھۆرمىتى ئاشار ۋە مەرتىۋىسى ئۆسەر.

ئاياللار ئەرلەرنىڭ قىيناشلىرىدىن ئەمەس، ئەپۇلىرىدىن، سۈركىلىشلىرىدىن ئەمەس، چىرايلىق نەسىھەتلىرىدىن قورقىدۇ. لېكىن بۇ قورقۇش قويلارنىڭ بۆرىلەردىن قورقۇشلىرى كەبى دۈشمەنلىك قورقۇشى ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت ۋە ھايا بىلەن بىرىككەن قورقۇشتۇر.

ئەرلەر بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قانداق نەرسىلەر ۋە مۇئامىلىلەرنى سۆيۈپ – سۆيمەيدىغانلىقلىرىنى، بالىلارغا قانداق تەربىيە قىلغانلىقلىرىنى، دوستلار ۋە دۆشمەنلىرىنىڭ ھاللىرىنى ئاياللىرىغا ئاز – ئازدىن بولسىمۇ بىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئاياللىرىنىڭ خاتالىقلاردىن ساقلىنىشىغا سەۋەب بولار. ئەمما ئادەم بالىسى ئۇنتۇش ۋە خاتالىشىشتىن خالىي بولمىغانلىقتىن، شەرىئەتكە خىلاپ بولمىغان خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلماق زور ياخشىلىق بولۇر. ئەگەر ئايال ئەقىدە ۋە ئىتىقاد يول قويمايدىغان خاتا ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش ئەلۋەتتە توغرا بولمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەر مەزكور ئىشنىڭ ئەيىب ئىكەنلىكىنى ئايالىغا بىلدۈرسۇن، ئەگەر بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ئايالىنىڭ يېقىنلىرىغا مەلۇم قىلىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىسۇن. ئەمما، ئاغزى بۇزۇق، جېدەللەشكەن، ئىچى يامان زاتلارغا شىكايەت قىلىش كەبى ئىشلاردىن ساقلانماق ھىممەتتىندۇر.

ساھابىلەردىن بىرى ئايالىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن شۇ ۋاقىتنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇرنىڭ ھوزۇرىغا بارغاندا خەلىپىنىڭ ئايالىنىڭ خەلىپىگە جاۋاب قايتۇرغىنىنى ئاڭلاپ يولدىن قايتىپ كېلىدۇ. خەلىپە ھەزىرەتلىرى بۇ ئادەمنى كۆرۈپ قېلىپ چاقىرتىپ كىلىدۇ – دە، نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەتكىنىنى سورايدۇ. ساھابە : “ ئەي، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئايالىم ئاچچىق سۆزلۈك بولغانلىقتىن، ھەزرىتىڭىزگە شىكايەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم، لېكىن ئايالىڭىزنىڭ سىزگىمۇ جاۋاب قايتۇرغىنىنى ئاڭلاپ، بۇ قايغۇدىن خەلىپىنىڭ ئۆزىمۇ ئامان ئەمەس ئىكەن، دەپ قايتىپ كېلىۋاتاتتىم “ دەپ جاۋاب بىرىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن خەلىپە ھەزىرەتلىرى “ ئەي قىرىنداش! ئاياللىرىمىز ئۆيلىرىمىزنى سىيرىپ  – سۈپۈرىدۇ، كىيىم تىكىپ ئۈستىمىزگە كىيدۈرىدۇ، يېمەك – ئىچمىكىمىزنى ھازىر قىلىدۇ، كىرلىرىمىزنى يۇيىدۇ، باىلىرىمىزنى تەربىيلەپ ئۆستۈرىدۇ، قايغۇلۇق سائەتلىرىمىزدە كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئەجرى بار. دىنىمىزغا زىيان كەلتۈرمىگەن ھالدا ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن بەزى ۋاقىتلاردا ھۆرمىتىمىزنى بەجا كەلتۈرۈش جەريانىدا بىرەر كەمچىللىك سادىر قىلسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىش كېرەك ئەمەسمۇ؟ “ دېگەنىكەن. ساھابە ئۆيىگە كىلىپ ئۇشبۇ ۋەقەنى ئايالىغا سۆزلەپ بەرگەنىكەن، ئايالى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېرىگە ئىتائەت قىلىشقا ئەھد قىپتۇ.

ئاياللار ئەرلىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت ھۆرمەت كۆرۈشكە لايىق بولسىمۇ، لېكىن ئېغىر ئاياغ ۋاقىتلىرى ۋە تۇنجى بالىسى تۇغۇلغاندا يەنىمۇ ئارتۇق ھۆرمەت كۆرۈشكە لايىق بولىدۇ. بۇ كۈنلەر ئاياللار ئۈچۈن مۇشەققەتلىك، ئېغىر كۈنلەر سانىلىدۇ.

ئاياللار ئەڭ ئېغىر بالالارغا سەۋر قىلسىمۇ، ئۆز ھەقلىرىنىڭ پايخان قىلىنغانلىقىغا رازى بولمايدۇ ۋە بۇنى ئېغىر مەسخىرە ھېسابلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالىنىڭ ھەققىنى پايمال قىلماسلىق كېرەك. ئايالنىڭ ھەققى ئادا قىلىنسا، ئائىلىنىڭ شاراپىتى ساقلىنار ۋە ئايال شاد ھەم سالامەت بولۇر. ئايالىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىنى ئىستىگەن ئەر ئەڭ ئاۋال ئۆزى ئىپپەتلىك بولسۇن.

ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلمىگەن كىشىنى ئەر دېمەك توغرا ئەمەس. پاھىشىخانىلاردا يۈرگۈچى، قىمار ئويناپ بايلىقى ۋە قىممەتلىك ئۆمرىنى نابۇت قىلغۇچى كىشىنىڭ ئائىلە باشلىقى بولمىقىدىن زەررىچە پايدا كۆرۈلمەس. ئائىلە باشلىقلىرىدا بولغان يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا بۇزۇقلۇقلار بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مىراس قالار. بۇنىڭ نەقەدەر زور بەدبەختلىك ئىكەنلىكىنى ھەر كىم ئۆز ئەقلى بىلەن بىلسە كېرەك.

 

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1905

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-06-21
خەتكۈشلەر : ,,,,
سەھىپە: ئاتىلار سەمىگە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: