![]() |
ئوغۇل كىم؟
روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
قايسىدۇر بىر پەيلاسوپ « ئوغلى ناچار چىقىپ قالغان ئاتىنىڭ دوزىخى مۇشۇ دۇنيادا » دېسە، يەنە بىر دانىشمەن « ئوغوللىرىدىن ئۈمىد يوق ئەلنىڭ ھالاكىتى تېزلىشدۇ » دېگەنىكەن. ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەلنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، نام – شۆھرىتى شۇ ئەل يىگىتلىرىنىڭ قانداقلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا قەدىمدىن باشلاپ ئوغول پەرزەنت كۆرۈكە، ئوغول پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن. ھەزرىتى سۇلايمان، لوقمان ھەكىم، قابۇس، ۈەززالى، ئابدۇراخمان جامىي… قاتارلىق زەبەردەس ئالىم، ئەللامىلەرنىڭ مەخسوس ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۆز ئوغوللىرىغا نەسىھەتلەرنى قىلىشى، ئۇلاردىن ئوغوللۇقنىڭ ئىلىملىرىنى مۇكەممەل ئۈگۈنۈشنى تەلەپ قىلىشى بۇ سۆزىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. دېمىسىمۇ، ھەقىقى مەنىدىكى ئوغۇل بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئوغۇل دەپ ھېسابلايدىغان ھەر قانداق ئادەمدە ئوغۇل بالىغا خاس مىجەز – خاراكتېر، يۈرۈش – تۇرۇش، گەپ – سۆز، خىسلەت – پەزىلەت بولۇشى كېرەك. ناۋادا ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئوغۇلغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يوقىرىقىدەك خىسلەتلەردىن بىرەرى كەم بولسا، ئۇ تەبئىي ھالدا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە چىن ئوغۇللۇق سالاھىيىتىدە ئېتراپ قىلىنمايدۇ.
ئوغۇللۇق بولغان ھەر قانداق ئاتا – ئانا چەكسىز خوشاللىققا چۆمىدۇ. تەبئىيكى، بۇ ھەرگىزمۇ « پەرزەنتىم ئوغۇل تۇغۇلدى، ئۇ ماڭا كەلگۈسىدە پۇل – دۇنيا تېپىپ بېرىدۇ » دېگەن ئۈمىدتە بارلىققا كەلگەن خۇشاللىق ئەمەس. بۇ پەقەت « بىز ئوغۇل پەرزەنت كۆردۇق. ئۇ كىلەچەكتە ئاتا – ئانىسىغا يۆلەنچۈك، قىز – ئاياللارغا يۈزەك، يۇرت – مەھەللىگە پاسىبان بولىدۇ. ئوغلىمىز بار يەردە بىزنىڭ كۆڭلىمىز توق بولىدۇ، ئەلنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم ئۆتىدۇ، قىزلارنىڭ چىھرىدىن نۇر كەتمەيدۇ… » دېگەن ئۈمىدتە بارلىققا كەلگەن سۆيۈنۈشتۇر. ھەر قانداق بىر ئوغۇل پەرزەنت مانا شۇنداق ئارزۇلارنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلى بارلار ئوغلىنىڭ ھەممە ئىشتا ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ، ئۆزىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىشنى، ئوغۇل پەرزەنتىدىن پەخىرلىنىپ ياشاشنى ئارمان قىلىدۇ. ھەر قانداق ئاتا – ئانا قىز پەرزەنتىنىڭ شەرم – ھايالىق، پاك، ئىپپەتلىك، نۇمۇسچان بولۇشىنى تىلىسە، ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ باتۇر، ئەل – ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلىيالايدىغان، ھەققانىيەت ئۈچۈن ھايات – ماماتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، ئاجىزلارنى يۆلەپ، رەزىللەر بىلەن دادىل كۆرەش قىلالايدىغان بولۇشنى تىلەيدۇ. ئاتا – ئانىسىنىڭ، ئەل – ۋەتەننىڭ مۇشۇنداق بۈيۈك ئارزۇلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان، ئۆزىنىڭ ئوغۇللۇق بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ئۆمرىنى يەپ – ئىچىش، ئويناپ – كۈلۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئوغۇل بولسا ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن ئارتۇقچە يۈك، ئەل – ۋەتەن ئۈچۈن كېرەكسىز ئىنسان ھېسابلىنىدۇ، خالاس.
بىزدە قەدىمدىن باشلاپ ئوغۇللۇقنىڭ تەلەپلىرى ناھايتى قاتتىق بولغان. پەقەت ئوغۇل ياراملىق بولسىلا، ئۇ مەۋجۇتلۇق بۆشۈكى ــــ ئائىلىسىنىڭ، جۈپتىنىڭ ھالالى ــــ ئايالىنىڭ، كۆز – قارچۇقلىرى ــــ قىز – ئوغۇللىنىڭ، تەڭ قايغۇرغۇچىلىرى ــــ قان – قىرىنداشلىرىنىڭ، باشپاناھى ــــ ئەل – ۋەتەننىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشسە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يىڭەلەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا، بىزدە ئەزەلدىن قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەكرەك قايغۇرۇش ئومۇمىي ھالەتكە ئايلانغان. بۇ، ئوغۇل ياراملىق بولسا، ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ، دەپ قارالغانلىقنىڭ نەتىجىسى ئىدى. دېمىسىمۇ، بۇ ھېچكىمنى گۇمانغا سالمايدىغان ھەقىقەتتۇر.
بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، خەلقىمىزدە قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەنسىرەشنىڭ يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلمەك قىيىن ئەمەس. ئەمما، تەن ئېلىش كېرەككى، يىلدىن – يىلغا قىزلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەنسىرەشمۇ يوقىرىلاپ بارماقتا. بۇنىڭدىن قىزلارنىڭ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوغۇللارغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ سۇسلاپ بىرىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس بولمىسا كېرەك. ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە قىزلارنى ئەدەپ – ئەخلاقلىق، شەرم – ھايالىق، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر قىلىپ تەربىيەلىسە، قالغان تەرەپلەرنى بولغۇسى كۈيۈئوغۇل بېجىرىدۇ، دەپ خاتىرجەم بولاتتى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئوغۇللارنىڭ خىزمىتى يوق، ئوچۇقراق ئېيتقاندا، پۇل تاپالمايدىغان قىزلارنى كەم نىسبەتتە قوبۇل قىلىشتەك يۈزلىنىشى تەبئىي ھالدا قىزلارنىمۇ، ئاتا – ئانىلارنىمۇ بىر خىل ئەنسىزلىككە چۈشۈرۈپ قويدى. شۇڭا، ئەمدى ئاتا – ئانىلارمۇ قىزلىرىنىڭ خىزمىتىنى ھەل قىلىش، پۇل تىپىش يولىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئايىماي مەبلەغ سالىدىغان، قولىدىن كەلگىنىچە ئۇلار ئۈچۈن چاپىدىغان بولدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر ئاغرىق ئاتا دۇختۇرخانىدا قىزىنىڭ بېشىنى سېيلاپ تۇرۇپ: « سېنىڭ خىزمىتىڭنىڭ ھەل بولغىنىنى كۆرەلىسەم، كۆزۈمنى خاتىرجەم يۇمىمەن… » دېدى. شۇ چاغدا ئېڭىمدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا « سېنىڭ ياخشى بىر ئەر بىلەن بەختلىك ئائىلە قۇرۇۋالغىنىڭنى كۆرەلىسەم، كۆزۈمنى خاتىرىجەم يۇمىمەن… » دەيدىغانلىقىغا جەزم قىلغانىدىم.
زامان تەرەققى قىلدى، پەن – تېخنىكا تالاي ئېغىر ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرىۋەتتى. دېمەك، قىز – ئاياللارمۇ ئېغىر جىسمانىي ئىشلارغا ئانچە ماس كەلمەيدىغان نازۇك جىسمى بىلەن ئەمگەكنىڭ ھەر قانداق تۈرىدە پەن تېخنىكىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىمالال مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان بولدى. شۇڭا، ئىلگىرىكى زامانلاردا ئەقىلگە سىغمايدىغان ھالەتلەر بۈگۈن ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا، جەڭ مەيدانلىرىغا، پۇل تىپىش ئۈچۈن يىراق – يىراقلارغا سەپەر قىلىشلارغا ئاياللار ئىشتىراك قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلار مۇھىم روللارنى ئوينايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ تەبئىي ھالدا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە يۆلىنىش خاھىشىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەب بولدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا يىگىت – ئەرلەرمۇ مەسئولىيەتنىڭ تېڭىنى قىز – ئاياللارنىڭ زىممىسىگە ئېلىشتەك بۇ « تەڭ – باراۋەر »لىك پۈرسىتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ بىز يېڭى بىر ئېراغا قىز – ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى بارغانسېرى كىڭەيگەن، يىگىت – ئەرلەرنىڭ مەسئولىيەت دائىرىسى ئۆزلىكىدىن تەدرىجىي تارايغان ھالدا كىرىپ كەلدۇق. بۇنداق ھالەت بىزنىڭ كۆپلىگەن قىزلىرىمىزنىڭ غەم – غۇسسىلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن بولسا، تالايلىغان ئوغۇللىرىمىزنىڭ مەسئولىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى باھانە بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئىنتېرنېتتىن بىر قىزنىڭ مۇنداق بايانلىرىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە: « ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقىلى بىر يىل بولدى. مائاشىم خىلى يوقىرى بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇ خىزمەتنى ياقتۇرمايمەن. چۈنكى ھەپتىلەپ، ئايلاپ ئۆيگە قايىتمايدىغان خىزمەت مەيلى قانچىلىك كۆپ ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئايال كىشى ئۈچۈن تازا ماس كەلمىسە كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئايالى ئىشلىمىسىمۇ بىر ئائىلىنى بىقىپ كىتەلەيمەن، دەيدىغان ئەركەك چىقسا، خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ، ئائىلە ئايالى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما، ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى. بىر نەچچە يىگىت ماڭا توي قىلىش تەكلىپى قويغان بولسىمۇ، مېنىڭ خىزمىتىمدىن ۋاز كېچىش ئويۇم بارلىقىنى بىلىپ، ئۈن – تىنسىز يوقاپ كەتتى. مەن ھېلىھەم شۇ ئارزۇدا، شۇ ئويدا. ئەگەر شۇنداق يىگىت چىقىپ قالسا، قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تاپشۇرغان بولاتتىم… »
شۇ چاغدا ئېكران يۈزىدىكى خەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ:
تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،
سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ؟
نازۇك باشقا كۈن چۈشتى،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟
دېگەن قوشاقنى ئەسلەپ قالغانىدىم.
« ئايالىڭىز نېمە خىزمەت قىلىدۇ؟ » دەپ سورايدۇ مەندىن. « ئائىلىدە » دەيمەن ئۇلارغا. ئىككى بالام بارلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەت قىلۋاتقانلىقىمنى ئاڭلىغان بىر قىسىم ئادەملەر « ئائىلىڭىزنى قانداق قامدىغانسىز؟ » دەيدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ماڭا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن قاراپ « قىينىلىپ قالسىڭىز، ھايت دەرسىز » دېيىشىدۇ. « رەھمەت » دەيمەن ئۇلارغا. ئەمما، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلى. ئەمما، مەن ئايالىم خىزمەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ئىچ ئاغرىتىشنى قوبۇل قىلالمايتتىم. مەن بۇنداق سۆزنى پات – پات ئاڭلاپ تۇرىمەن. ھەتتا بىر قېتىم خىلى كۆزگە كۆرۈنگەن بىرسى مېنىڭ ھاراق ئېچمەيدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، ماڭا نەسىھەت قىلىپ ئاۋال ئىقتىساد توپلىشىم، ئايالىمغا پۇل تىپىش يولىنى ئۈگىتىشىم ياكى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشۇم ھەققىدە توختىلىپ، مۇشۇلار ھەل بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېچىشنى باشلىساممۇ كېچىكمەيدىغانلىقىمنى، ھازىرچە ئېچمەسلىكىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، رومكىنى كۆتۈرىۋەتتى. قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاراق ئېچىشىنى مۇشۇ نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئاقلىغانىدى. شۇ چاغدا بۇ قاملاشمىغان « نەسىھەتتىن »تىن كۈلگۈم كەلگەنىدى.
ئايالى مەيلى ئىشلىسۇن ياكى ئىشلىمىسۇن، ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ئەركەك ئەركەك دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەس. بۇ ھەر قانداق ئوغۇلنىڭ ئېڭىدا ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئوغۇل دېگەن ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، ئەلنىڭ يۈرىكى !
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2863