![]() |
لىۋانغا ساياھەت … ( رەسىملىك )
بېيرۇت شەھرى
ئۆيدە سەپەر مەسلىھەتىنى قىلىشقان چاغدا بېيرۇتقا بېرىش پىلانىمىز يوقتى. چۈنكى، بىزگە ۋىزا بېرەمدۇ-يوق؟ سۈرىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچە كىلومېتىر ياكى قانچە سائەتلىك يول؟ بىلمەيتتۇق. سۈرىيەگە كەلسەك، ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتىۋالغىلى مەھمەت ئابى بولغان بىلەن، تۈركلەر لۈبنان، بىز لىۋان دەپ ئاتايدىغان بۇ كىچىك دۆلەتتە ھېچقانداق تونۇشىمىز يوقتى.
سۈرىيەگە كېلىپ، ئۇنىڭ خوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇساپىسىنىڭ قىسقىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بېيرۇتنى كۆرۈپ كەلگۈمىز كەلدى. يولدىشىم تۈركىيە پاسپورتى، قايسىلا مۇسۇلمان دۆلەتكە بارمىسۇن، ئۇنىڭ يولى ئوچۇق. كۆپىنچە دۆلەتلەر ئۇنى ۋىزىسىز كىرگۈزىدۇ. ئەمما مەن جۇڭگۇ پاسپورتى، مېنىڭ يولۇمنىڭ ئۇنىڭكىدەك راۋان بولىۋەرمەيدىغانلىقىنى قەدەمدە بىر كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. پاسپورتۇمغا چاپلانغان 15 كۈنلۈك سۈرىيە ۋىزىسىغا بىر قېتىم كىرىش دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن. بېيرۇتقا بېرىشقا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدۇق. سۈرىيەدىن چىققاندىن كېيىن، مېنى سەن بىر قېتىم كىرىپ چىقىپ بولدۇڭ، ئەمدى ئىككىنچى قېتىم كىرەلمەيسەن دەپ چېگرىدىن كىرگۈزمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟ ئەمما بېيرۇتنىڭ بۇ شەھەردىن پەقەت 3 سائەتلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، بارماسلىققا كۆڭلىمىز يەنە ئۇنىمىدى. چېگرىسىغا ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ باقايلى، كىرگۈزمىسە قايتىپ كېلەرمىز دېگەن نىيەت بىلەن ئۆيدىن چىقتۇق. يېمەك-ئىچمەك، مېۋە-چىۋىلەردىن ئېلىۋالدۇق، ناۋادا مۇسۇلمان ئاشخانا تاپالمىساق، خرىستىيانلارنىڭكىنى يەپ سالمايلى دەپ.
يولدىشىم يەنە تەرەددۈتتە قالدى. ھەر ئېھتىمالغا قارشى بىلىدىغانلاردىن ئېنىقراق سوراپ باقايلى دەپ بىر ئۇيغۇر ئاغىينىسىگە تېلېفون قىلدى. دەمەشقتە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇۋاتقان ئاقسۇلۇق ئۇيغۇر ئا ھاجىم يېرىم سائەت ئىچىدە كەلدى. ئۆيىگە ئاپاردى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىللىق تۇيغۇلارغا چۆمدى. ئايالىمۇ بەكلا مېھرى ئىسسىق ئايالكەن. ئا ھاجىمدىن سوراپ بېيرۇتقا بېرىپ كېلىشتە بىرەر توسالغۇ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال يولغا چىقماقچى بولدۇق. ئا ھاجىمنىڭ ئايالىنىڭ لەغمەنگە پىلتە قىلىپ قويغان، بىر دەم ساقلاڭلار دېگىنىگە توختىمىدۇق. ئا ھاجىم بىزنى ماشىنىسىدا لىۋانغا بارىدىغان ئاپتۇبۇس بېكىتىگە ئاپىرىپ قويدى. ئاپتۇبۇسقا ئۇزۇن ساقلاشنى خالىمىغاچقا تۆت كىشىنى ئېلىپ يولغا چىقىدىغان بىر كىچىك ماشىنىغا چىقتۇق.
ئەرەپ دۆلەتلىرىگە بېرىش نېسىپ بولسا، بېيرۇتقا بېرىشنى ئون يىلدىن بېرى ئويلاپ كەلگەنتىم. سەۋەبى، بۇندىن توققۇز يىل بۇرۇن ئىمام غەززالىينىڭ ئىھيايى ئۇلۇمىددىن ناملىق كىتاۋىنىڭ بېيرۇت ئامېرىكان ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 40 كىتاپچە قىلىپ نەشىر قىلىنغان ئەسلى نۇسخسى (ئىنگلىزچە تەرجىمە يەشمىسى)نى ئوقۇپ نەپ ئالغان ئىدىم. بولۇپمۇ بىرىنچى كىتابچە Book of Knowledge قىسمىدىكى گەپلەر ماڭا بەك تەسىر قىپتىكەن. بېيرۇت دېگەن ئىسىم شۇنىڭدىن باشلاپ ماڭا تونۇشلۇق بولۇپ قالغان. كېيىن بىر يەرلىرىدە مكتبە لبنان ناشرون بيروت دەپ يېزىغلىق كىتاب چىقىرىدىغان نەشرىياتنىڭمۇ بىيرۇتتىكى داڭلىق نەشرىيات ئىكەنلىكىنى كىتابلىرىنى كۆرۈپ بىلدىم.
لىۋان ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بىر توردىشىمىز دەپ ئۆتكەندەك، سۈرىيەدىن بىرئاز پەرقلىق ئىكەن. تۇنجى پەرقنى دۆلەت بايرىقى ئالماشقان چاغدا ھېس قىلدۇق. سۈرىيەدە قاچانلا قارىساق بەشەر ئاساتنىڭ رەسىمى بىلەن دۆلەت بايرىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. مانا مۇنداق:
لىۋان چېگرىسىغا كىرىشىمىز بىلەن لىۋاننىڭ بايرىقى كۆزگە چېلىقتى. چېگرىغا كىرگەندىن باشلاپ تەكشۈرۈدىغان قاراۋۇلخانا، چارلاپ يۈرگەن ئەسكەرلەر بەك كۆپكەن. پاسپورتنى سومكىغا سالماي، قولدا كۆتىرىپ دېگۈدەك ماڭدۇق. داۋاملىق تەكشۈرىدىكەن ئەمەسمۇ!
تاكسىچى ئۈچ سائەتتە ئاپىرىمەن دېگەندەك قىلغان، نەدىكىنى؟! توپ-توغرا تۆت يېرىم سائەتتە كەلدۇق. تاش يولنى ئوبدان ياساپتۇ. لېكىن بۇ يول تاغقا يېقىن ئېگىزلىككە جايلاشقان بولغاچقىمىكىنتاڭ، دەمەشىقتە ئاللىقاچان ئېرىپ بولغان قارلار بۇ يەردە ئاپپاق پېتى تۇرۇپتۇ.
تۈركىيە پاسپورتىغا ۋىزا كەتمەيدىكەن. جوڭگۇ پاسپورتىغا بىر كۈنلۈكلا ۋىزىسىز كىرگىلى قويىدىكەن. جەدىۋەل توشقۇزۇدىغان يەردە بېيرۇتتا قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى بەك تەپسىلىي سورىدى. كوچا ئايلىنىمىز دېسەك، ياق، ئېنىق بىر ئادرىس ئىسمى دە! دېدى. ئېسىمىزگە كەلگىنى بويىچە بىر مەسجىدنىڭ ئىسمىنى دېدۇق. بىز بۇ قېتىم ئايلانغان تۆت ئەرەپ دۆلىتى ئىچىدە پەقەت مۇشۇ لىۋان دۆلىتىلا جوڭگۇ پاسپورتىغا بىر كۈنلۈك ۋىزىسىز كىرگىلى قويىدىكەن.
سۈرىيە چېگرىسىدىن چىقىدىغان چاغدا مەن چەتئەللىك بولغاچقا 500 سۈرىيە لىراسى پۇل تۈلەپ چىقتىم. يولدىشىم تۈركىيە پاسپورتى، پۇل تۈلىمىدى. مەن پۇل تۈلىگەن تالوننىڭ يېرىمىنى سۈرىيە ساقچىسى يىرتىپ ئېلىپ قالدى. يېرىمىنى قولۇمغا بەردى. سۈرىيەگە قايتا كىرگەندە بۇنى كۆرسەتسەم، پۇل تۈلىمەي كىرەلەيدىكەنمەن.
بېيرۇتقا بېرىش يولىدا كېتىۋاتىمىز. يولدا ئاندا-ساندا چىركاۋلار ئۇچرىدى. ئۈستىدىكى كىرسىت بەلگىسىدىن تونۇغىلى بولىدىكەن. سۈرىيەدە پەقەتلا كۆرگىلى بولمايدىغان يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى چىقىرىلغان ئېلان تاختىلىرىمۇ ئۇچرىدى. تاكسىدىكى رادىئودىن روژىستىۋا بايرىمىنى قۇتلۇقلاش توغرىسىدىكى ئېلانلارنى چالا-پۇچۇق ئاڭلاۋاتىمىز. مەررىي كىرىسماس دېگەننى ئېنگلىزچە، باشقىسىنى ئەرەپچە دەيدىكەن. ھەقىچان تىجارەت ئېلانلىرى ئوخشايدۇ.
سۈرىيەدىكى قۇيۇق ئىسلامىي كەيپىياتنى بۇ يەردە بەك كۆرەلمىدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00تە بېيرۇت شەھەر ئىچىگە يېتىپ كەلدۇق. بىزنى ئەكەلگەن تاكسىچى بىزنى يەنە بىر تاكسىچى (بەلكى ئاغىينىسى)گە تونۇشتۇردى. بۇ تاكسىچى تۈركىيەدىن كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ رەجەپ تاييىپ ئەردوگاننى ماختاپ كەتتى. پۇلات ئەلەمدارنىمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىزنى بىردەم شەھەر ئايلاندۇرۇپ، تەلىۋىمىز بويىچە رەپىق ھەرىرىي مەسجىدىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى.
بىزدەك مۇساپىرلار ياقا يۇرتقا بارساق، ئەڭ ئاۋۋال كۆڭلىمىز مۇشۇ مەسجىد، جامە دېگەندەك يەرلەرنى تارتىدىكەن. چۈنكى، مۇشۇ يەرگىلا ئۆزىمىزنى خاتىرجەم، بەھۇزۇر كىرەلەيدىغان ھەققىمىز بار دەپ ئويلايدىكەنمىز. ئاللاھنىڭ ئۆيى ئەمەسمۇ!
بۇ كاتتا مەسجىدنىڭ تاھارەت ئالىدىغان يەرلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئاپىراتنىڭ توكىنى ئاۋايلاپ تۇرۇپمۇ بىر قانچە پارچە رەسىم تارتىۋالدىم.
قول يۇيىدىغان يەر.
تاھارەت ئالىدىغان يەرلىرىمۇ شۇنداق پاكىز ئىكەن…
بۇ مەسجىد بېيرۇتنىڭ مەركىزىگە 2008-يىلى سېلىنغان بولۇپ، سۈيقەستكە ئۇچراپ شېھىت بولغان مۇسۇلمان باش مىنىستېر رەپىق ھەرىرىينىڭ ئىسمى قويۇلۇپتۇ.
بۇ رەسىم تېلېفوندا تارتىلغان، سۈزۈك چىقماي قالدى. مەسجىدنىڭ كىرىش ئىشىكى تەرەپتىكى خەتلەر.
مەسجىدنىڭ ئالدى تەرىپى
مەسجىدنىڭ يېنىدىكى چېدىردا مۇشۇ شېھىت باش مىنىستېرنىڭ قەۋرىسى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شېھىت بولغان بىر قانچە نەپەر قوغدىغۇچىسىنىڭ قەبرىسى باركەن. ئىككى ئەسكەر قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپتۇ. بۇ يەردە توختىماستىن قۇرئان قىرائىتى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. بىزمۇ ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر پاتىھە ئوقۇپ قايتىپ چىقتۇق.
ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سائاد ھارىرى باش مىنىستېر بوپتۇ.
سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇ مۇسۇلمان باش مىنىستېرنىڭ قاتىلى تېخىچە تېپىلماپتىمىش. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا لىۋاندا مۇسۇلمانلارنى كۈچلەندۈرۈش، كۆپلەپ مەدرىس سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىپتىكەن. لېكىن سۈرىيە بىلەن بىرلىشىپ بىر دۆلەت بولۇشتىن يىراق تۇرۇپتىكەنمىش. ئىلگىرى لىۋاننىڭ بىخەتەرلىكىنى سۈرىيەنىڭ ئەسكەرلىرى قوغداپ بېرەرمىشكەن. بۇ باش مىنىستېر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن سۈرىيەنىڭ 30 مىڭ ئەسكىرى لىۋاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتىمىش. سىياسىي ئويۇنلارنىڭ تېگىگە يېتىپ بولغىلى بولمايدىكەن جۇمۇ!
لىۋان گەرچە 10 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىرلىق زېمىنى، تۆت مىليونغا يېقىن نۇپۇسى بار كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغانىكەن. بۇ يەر ئىلگىرى شامنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا، سۈرىيە لىۋاننى ئەسلى بىزنىڭ يېرىمىز دەپ ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى بەك ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايتمىش. لىۋاندا نۇپۇسنىڭ 35%ى خىرىستىيان ئىكەن. مۇسۇلمانلار خرىستىيانلارغا بەك كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدىكەن. بىر چاغلاردا توردىن بىر خەۋەر كۆرگەنتىم. دېيىلىشىچە، شىۋىتسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىد مۇنارىنى ئېگىز سېلىشىغا خىرىستىيانلار قارشى چىقىپ، دۆلەت مەخسۇس مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قانۇن ماقۇللاپتىكەن. مەن كۆرگەن لىۋاندىكى چىركاۋلارنىڭ مۇنارلىرىدىكى كىرسىت بەلگىسىنى خېلى ئۇزاقتىن كۆرگىلى بولىدىكەن. مۇسۇلمانلار بۇلارنى چەكلىمەپتۇ.
بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى. ئۆز ۋاقتىدا سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەت بوسنىيەنىڭ رەھبىرى ئەلىيە ئىززەتبىگوۋچقا بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار شىكايەت قىلىپ:
- قارىماملا، بۇ يەردىكى (بوسنىيەدىكى) خرىسىتىيانلار چىركاۋنىڭ مۇنارىنى ئېگىز قىلىشتا بىز بىلەن بەسلىشىدۇ. چىركاۋلىرىنىڭ ئۈستىدىكى كىرىسىت بەلگىسىنى بىزنىڭ مەسجىدلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى ئاي يۇلتۇز بەلگىسىدىن ئېگىز قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىغىمىز كېلىدۇ! – دېگەندە، ئىززەتبىگوۋچ:
- مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشلارغىمۇ جىلە بولۇپ يۈرەمسىلەر؟! ئۇلار ئېگىزلەتسە ئېگىزلىتىۋەرسۇن. بەرىبىر بىزنىڭكىگە يېتەلمەيدۇ. قارىمامسىلەر، بىزنىڭ ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز ئەنە ئاسماندا (ئەڭ ئېگىز يەردە) تۇرمامدۇ؟! – دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن.
…………………………………………….
نامازشام ۋاقتىغىچە بېيرۇت كوچىلىرىنى ئايلاندۇق. بىز كۆرگەن ھەممىلا يەردە يېڭى قۇرۇلۇشلار سېلىنىۋېتىپتۇ. مېنىڭ بۇ يەردە يەنە بىر ئىككى كۈن تۇرۇپ كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. بىراق چېگرىدىن كىرىدىغان چاغدا بىر كۈن تۇرىمىز دەپ جەدىۋەل توشقۇزغان بولغاچقا، يەنە سۈرىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق. تاكسىغا چىقىپ سۈرىيەگە بارىدىغان ئۇزۇن يوللۇق بىكەتكە كەلدۇق. ئاپتۇبۇستا قايتساق ئەرزان توختىغۇدەك، بىراق، بۇ ئاپتۇبۇس ئەڭ ئاز 40 كىشى بولمىسا ماڭمايدىغان چىراي. ساقلىساق بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتكۈدەكمىز. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا تاكسىدا قايتقىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ.
سۈرىيەگە ماڭىمەن، نۆۋىتىم كەلدى دېگەن بىر تاكسىچى:
- بىر كىشىگە 800 سۈرىيە لىراسىدىن جەمئى 1600 لىرا بېرىڭلار. – دېدى. بىز:
- ياق، كېلىدىغان چاغدا 500 لىرادىن ئىككى كىشى 1000 لىراغا كەلدۇق. شۇنداق بېرىمىز. – دەپ باھا تالىشىپ يۈرۈپ 1000 لىراغا كېلىشتۇق. تاكسىغا بىر ئەرەپ مۇسۇلمان ئەر بىلەن بىر ئەرەپ خىرىستىيان ئايال، مەن ۋە يولدىشىم تۆت كىشى چىقىشى بىلەن شوپۇر ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى. ئەيتاۋۇر بىرەر رەسمىيەت ئىشى بارمۇ بىلمىدىم، ماشىنىدىكى ئەرلەر چۈشۈپ كەتتى. خرىستىيان ئايال بىلەن مەن ئىككى كىشى ماشىنىنىڭ ئىچىدە قالدۇق. ئايال مەندىن:
- تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟ – دەپ ئەرەپچە سورىدى. مەن:
- ماشىنا ئىچىدە چەكسىڭىز بولمايدۇ. سىرتتا چىكىڭ. – دەپ ئېنگلىزچە جاۋاپ بەردىم. ئۇ ئايالمۇ تاماكىسىنى ۋاقىتلىق چەكمەي، تېلېفوندا بىرى بىلەن ئەرەپچە ئۈنلۈك سۆزلىشىشكە باشلىدى. ئەسلى ئۇ پاسپورتىنى ئۆيىدە ئۇنتۇپ قاپتىكەن، بىرىگە بىكەتكە تېز ئەكىلىپ بەرگىن دەپ تاپىلاۋېتىپتۇ. يەنە بىردەم يولغا چىقماي ساقلايدىغان ئوخشايمىز.
تار ئىشتان ۋە پوپايكا كېيىۋالغان بۇ يالاڭباشتاق ئايال قېنىق گىرىم قىلغان بولۇپ، توختىماستىن ئۇ يەر بۇ يەرگە تېلېفون قىلاتتى. ساقلىغانغا چۈشلۇق ئۇنىڭ پاسپورتىمۇ كەلدى. ئۇ ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇردى. يەنە بىر ئەرەپ مۇسۇلمان ئەر، يولدىشىم ۋە مەن ئۈچ كىشى ئارقىدا ئولتۇردۇق. يولغا چىقتۇق. شوپۇر بۇ ئايال بىلەن بەك قىزغىن سۆزلىشىپ كەتتى. ئايال تاماكا چېكىشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم چەكمە دېمىدى. مېنىڭ چەكمە دېگۈم بولسىمۇ سەۋر قىلدىم. (تۈركىيەدە بۇنداق ماشىنا ئىچىدە تاماكا چېكىدىغان ئىش بولسا، ئېنىقكى جىرمانە تۆلەيدۇ). بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار خرىستىيانلارغا ھەقىقەتەن بەك كەڭ قورساق ئىكەن.
بىرەر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن يېمەكلىك ساتىدىغان بىر چوڭ تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا توختىدۇق. شوپۇر 20 مىنۇت دەم ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. بۇ بازارنىڭ ئىچىدە خىلمۇ-خىل پىچىنە-پىرەنىكتىن باشلاپ چاي-قەھۋەگىچە كۆپ خىل غىزا باركەن. بىز چاي ئىچتۇق. بىر كىلو باكلاۋا (ئىچىدە مېغىز بار تاتلىق تۈرۈم) بىلەن يېرىم كىلو مېغىزلىق تاتلى ئالغان ئىدۇق، پۇلىسىنى تۈلەيدىغان چاغدا بۇنى 41 مىڭ لىۋان لىراسىغا ئالغانلىقىمىز مەلۇم بولدى. بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك قىممەتچىلىك ئىكەن. لېكىن سۈپىتىمۇ ياخشىكەن. بىز تېگىشىۋالغان لىۋان لىراسى يەتمەي، سۈرىيە لىراسى بەردۇق. ئادەتتە 200 سۈرىيە لىراسى 300 لىۋان لىراسىغا تەڭ ئىكەن. بۇ يەردە سۈرىيە لىراسىنىمۇ خەجلىگىلى بولىدىكەن.
كەچ سائەت 11:00 ئەتراپىدا دەمەشىققە قايتىپ كەلدۇق.
مەزكور ساياھەت خاتىرىسى ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى يامغۇر خانىمغا تەۋە.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3195